مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

73-‏ھېكايە: ئىسرائىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ياخشى پادىشاھى

73-‏ھېكايە: ئىسرائىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ياخشى پادىشاھى

يوشىيە ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىغا پادىشاھ بولغاندا ئارانلا سەككىز ياشتا بولۇپ، بەكمۇ كىچىك پادىشاھ بولغانىدى. شۇڭا، دەسلەپتە بەزى چوڭلارنىڭ ياردىمىدە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.

يوشىيە پادىشاھلىق قىلىپ يەتتە يىلدىن كېيىن، يەھۋانى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇ داۋۇت، يەھوشافات ۋە ھىزىكىيە دېگەن ياخشى پادىشاھلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭدى. يوشىيە تېخى ئون نەچچە ياشلاردىكى ئۆسمۈر بولسىمۇ، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن بىر ئىشنى قىلدى.

پادىشاھ يوشىيە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەر بۇتلارنى چېقىۋاتىدۇ

كۆپۈنچە ئىسرائىللار ئۇزۇن بىر مەزگىل، بەكمۇ رەزىل ئىشلارنى قىلغانىدى. ئۇلار يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلاتتى، بۇتلارغا تىزلىنىپ سەجدە قىلاتتى. شۇڭا، يوشىيە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ناتوغرا ئىبادەت قىلىشنى يوق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ناھايىتى قىيىن بىر ئىش ئىدى. سەۋەبى، بەك كۆپ كىشىلەر يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلاتتى. قاراڭ، يوشىيە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەرخىل بۇتلارنى چېقىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

كېيىن، يوشىيە پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاپ تۈزەش ئىشىغا باشچىلىق قىلىدىغان ئۈچ كىشىنى بەلگىلىدى. ئۇ خەلقتىن ئىبادەتخانىنى تۈزەشكە ئىشلىتىدىغان پۇلنى يىغىپ، باشچىلىق قىلغۇچى كىشىلەرگە بەردى. ئۇلار ئىبادەتخانىنى تۈزەشنى باشلىغاندىن كېيىن، باش روھانىي ھەلقىيا ئىبادەتخانىدىن بەك مۇھىم بىر نەرسىنى تاپتى. ئۇ، يەھۋانىڭ ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى مۇسانى يېزىشقا بۇيرۇغان قانۇن كىتابى ئىدى. بۇ كىتاب ئۇزۇن يىللار يوقىلىپ كەتكەنىدى.

بىر كىشى ئۇ كىتابنى يوشىيەنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. ئۇ كىتابنى ئوقۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. يوشىيە ئاڭلاۋاتقىنىدا، خەلقنىڭ يەھۋانىڭ قانۇنىنى ھۆرمەتلىمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ بىئارام بولدى ۋە بىز بۇ يەردە كۆرۈپ تۇرغاندەك، كىيىم-‏كېچەكلىرىنى يىرتتى. ئۇ:‏ «يەھۋا بىزگە غەزەپلەندى. چۈنكى، ئاتا-‏بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابتا يېزىلغان قانۇنلارغا بويسۇنماي ياشىغان ئىكەن»، دېدى.

شافان ۋە پادىشاھ يوشىيە

يوشىيە باش روھانىي ھەلقىيانى، يەھۋا خۇدانىڭ ئۇلارنى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا بۇيرۇدى. ھەلقىيا ئايال پەيغەمبەر ھۇلدەنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىدى. ئايال پەيغەمبەر يەھۋادىن كەلگەن خەۋەرنى ھەلقىياغا ئېيتىپ بەردى. ئۇ بېرىپ يوشىيەغا:‏ «يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ بارلىق خەلقى جازاغا تارتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ، بۇ زېمىن يامانلىققا تولدى. ئەمما، يوشىيە، سېنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭ سەۋەبلىك، بۇ جازا سەن ئۆلگەندىن كېيىن كېلىدۇ»، دەپ مەلۇمات بەردى.

2-‏تارىخنامە 34:‏1-‏28.



سوئاللار

  • يوشىيە پادىشاھ بولغاندا قانچە ياشتا ئىدى؟ ئۇ يەتتە يىل پادىشاھلىق قىلغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشقا باشلىدى؟
  • بىرىنچى پارچە رەسىمگە قاراڭ، يوشىيە نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
  • كىشىلەر ئىبادەتخانىنى ئوڭشاپ تۈزەۋاتقاندا، باش روھانىي نېمىنى تاپتى؟
  • يوشىيە نېمە ئۈچۈن كىيىم-‏كېچەكلىرىنى يىرتتى؟
  • ئايال پەيغەمبەر ھۇلدە يەھۋادىن كەلگەن قانداق خەۋەرنى يوشىيەگە يەتكۈزدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 2-‏تارىخنامە 34:‏1-‏28-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بالىلىق چاغلىرى قىيىنچىلىقتا ئۆتكەنلەر ئۈچۈن، يوشىيە قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟ (2-‏تارىخنامە 33:‏21-‏25؛ 34:‏1، 2؛ زەبۇر 27:‏10)

    يوشىيە پادىشاھلىقىنىڭ 8، 12 ۋە 18-‏يىللىرىدا، توغرا ئىبادەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانداق مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچنى باستى؟ (2-‏تارىخنامە 34:‏3، 8)

    ئىبادەت قىلىدىغان جاينى ئاسراپ ساقلاش ھەققىدە، پادىشاھ يوشىيە بىلەن باش روھانىي ھەلقىيانىڭ مىساللىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (2-‏تارىخنامە 34:‏9-‏13؛ پەندى-‏نەسىھەت 11:‏14؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏31)