مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

74-‏ھېكايە: قورقماس كىشى

74-‏ھېكايە: قورقماس كىشى

قاراڭ، كۆپچىلىك بىر ياش يىگىتنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈۋاتىدۇ. بىلەمسىز، ئۇ كىم؟ ئۇ يىگىت يەرەمىيا، خۇدانىڭ بەك مۇھىم بىر پەيغەمبىرى.

كىشىلەر يەرەمىيانى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشمەكتە

يوشىيە دۆلەت ئىچىدىكى بۇتلارنى ۋەيران قىلىشقا باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۋا يەرەمىيانى پەيغەمبەرلىك قىلىشقا بۇيرۇدى. يەرەمىيا ئۆزىنى تېخى بەك ياش، پەيغەمبەرلىك قىلالمايمەن، دەپ ئويلىغانىدى. بىراق، يەھۋا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەرەمىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا يامان ئىش قىلىشنى توختىتىشنى ئېيتىپ، «يات مىللەتلەر ئىبادەت قىلىدىغان ئىلاھلار، يالغان خۇدالار»، دېدى. بىراق، نۇرغۇن ئىسرائىللار ھەق خۇدا يەھۋاغا ئىبادەت قىلماي، ئەكسىچە بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتى. يەرەمىيا خەلقنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، كۆپچىلىك ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشتى.

يىللار ئۆتۈپ، يوشىيە ئۆلۈپ كەتتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى يەھۇياقىم پادىشاھ بولدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر داۋاملىق خەلققە:‏ «ئەگەر يامان يولدىن يانمىساڭلار، يېرۇسالېم خاراب قىلىنىدۇ»، دېدى. روھانىيلار يەرەمىيانى تۇتۇپ، «مۇشۇ گەپلەرنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن چوقۇم ئۆلتۈرۈلىسەن»، دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ئەمەلدارلىرىغا:‏ «يەرەمىيا ئۆلتۈرۈلسۇن، چۈنكى ئۇ شەھىرىمىزگە ھاقارەت قىلدى»، دېدى.

ئەمدى يەرەمىيا نېمە قىلماقچى؟ ئۇ قورقمىدى. ئۇ كۆپچىلىككە:‏ «يەھۋا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىشقا مېنى ئەۋەتتى. ئەگەر سىلەر بۇنداق رەزىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يولۇڭلارنى ئۆزگەرتمىسەڭلار، يەھۋا يېرۇسالېمنى خاراب قىلىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭلار، سىلەر بىگۇناھ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولىسىلەر»، دېدى.

گەرچە ئەمەلدارلار يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىل خەلقى ئۆزگەرمەي، داۋاملىق يامان يولىدا مېڭىۋەردى. كېيىن، بابىلون پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئاخىرىدا نەبۇكەدنەسەر ئىسرائىل خەلقىنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلدى. ئويلاپ كۆرۈڭ، يات بىر مىللەت سىزنى يۇرتىڭىزدىن ئېلىپ كېتىپ، باشقا بىر دۆلەتكە ئېلىپ بارسا، قانداق ھېسسىياتقا كېلىسىز!

يەرەمىيا 1:‏1-‏8؛ 10:‏1-‏5؛ 26:‏1-‏16؛ 2-‏پادىشاھلار 24:‏1-‏17.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ياش يىگىت كىم؟
  • يەرەمىيا پەيغەمبەرلىك خىزمىتىنى ئورۇنداشقا نىسبەتەن قانداق ئوي-‏خىيالدا بولدى؟ يەھۋا ئۇنىڭغا نېمە دېدى؟
  • يەرەمىيا داۋاملىق خەلققە نېمە دەپ خەۋەر يەتكۈزدى؟
  • روھانىيلار يەرەمىيانى توسۇشقا ئورۇنۇپ نېمە ئىش قىلدى؟
  • ئىسرائىللار رەزىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىنى ئۆزگەرتمىسە، نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەرەمىيا 1:‏1-‏8-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەرەمىيانىڭ مىسالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر كىشى يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن نېمىگە تايىنىدۇ؟ (2-‏كورىنتلىقلار 3:‏5، 6)

    يەرەمىيانىڭ مىسالى، بۈگۈنكى كۈندە خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ياشلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ؟ (ۋەز 12:‏1؛ 1-‏تىموتىي 4:‏12)

  • يەرەمىيا 10:‏1-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يەرەمىيا تەسىرى كۈچى بار قانداق مىسالنى كەلتۈردى؟ (يەرەمىيا 10:‏5؛ يەشايا 46:‏7؛ ھاباقۇق 2:‏19)

  • يەرەمىيا 26:‏1-‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشتە، يەھۋانىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان:‏ «سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىرىنىمۇ كەم قىلماي ئېيتىپ بەرگىن»، دېگەن بۇيرۇقىغا، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يەر يۈزىدىكى قالغان ئەزالىرى قانداق ئەمەل قىلىدۇ؟ (يەرەمىيا 26:‏2؛ تەكرار قانۇن 4:‏2؛ ئەلچىلەر 20:‏27)

    بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى بارلىق مىللەتلەرگە يەتكۈزۈشتە، يەرەمىيانىڭ مىسالى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۈچۈن قانداق ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ؟ (يەرەمىيا 26:‏8، 12، 14، 15؛ 2-‏تىموتىي 4:‏1-‏5)

  • 2-‏پادىشاھلار 24:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۇدىيە پادىشاھلىقى يەھۋاغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، قانداق يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولدى؟ (2-‏پادىشاھلار 24:‏2-‏4، 14)