مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

75-‏ھېكايە: بابىلوندىكى تۆت ئوغۇل بالا

75-‏ھېكايە: بابىلوندىكى تۆت ئوغۇل بالا

پادىشاھ نەبۇكەدنەسەر بارلىق ئەڭ ياخشى تەربىيە ئالغان ئىسرائىللارنى بابىلونغا ئېلىپ كەتكەنىدى. كېيىن، پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ كېلىشكەن، ئەقىللىق ياش ئۆسمۈرلەرنى تاللىدى. سىز كۆرۈپ تۇرغان بۇلار، شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۆتى. بىرى دانىيال، قالغان ئۈچىنى بابىلونلۇقلار شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو، دەپ ئاتاشقان ئىدى.

نەبۇكەدنەسەر بۇ ياشلارنى ئۆز ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن تەربىيىلىمەكچى بولدى. ئۈچ يىل تەربىيلىگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىگە ياردەملىشىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەقىللىق كىشىلەرنى تاللىماقچى ئىدى. پادىشاھ بۇ بالىلارنىڭ تەربىيلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، كۈچلۈك ۋە ساغلام بولۇشىنى خالايتتى. شۇڭا، پادىشاھ خىزمەتچىلىرىگە، مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر بەھرىمەن بولىدىغان مول نازۇنېمەتلەر ۋە شارابلاردىن، بۇ بالىلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىڭلار، دەپ بۇيرۇق قىلدى.

دانىيال، شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولار ئۆزلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى چۈشەندۈرمەكتە

ئۇ ياش دانىيالغا قاراڭ. ئۇنىڭ نەبۇكەدنەسەرنىڭ باش چاكىرى ئاشپىنازغا نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ دانىيال ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىكى ئېسىل تائاملارنى يېمەيدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئەمما، ئاشپىناز بەك ئەنسىرىدى. شۇڭا، ئۇ:‏ «سىلەرنىڭ نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلارنى پادىشاھ قارار قىلغان. ئەگەر سىلەر باشقا ياشلاردەك ساغلام بولمىساڭلار، پادىشاھ مېنى ئۆلتۈرىدۇ»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، دانىيال ئاشپىناز بەلگىلىگەن خەۋەر ئالغۇچىنىڭ قېشىغا باردى. چۈنكى، ئۇ دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل قىلىنغانىدى. دانىيال ئۇنىڭغا:‏ «بىزنى 10 كۈن سىناپ بېقىڭ. بىزگە يېيىشكە كۆكتاتلارنى، ئىچىشكە سۇ بېرىڭ. ئاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى يېگەن باشقا ياشلار بىلەن بىزنى سېلىشتۇرۇپ، كىمنىڭ تېنى ساغلامراق ئىكەن قاراپ بېقىڭ»، دېدى.

خەۋەر ئالغۇچى شۇنداق قىلىشقا ماقۇل بولدى. ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى باشقا بارلىق ياشلارغا قارىغاندا ساغلامراق كۆرۈنەتتى. شۇڭا، خەۋەر ئالغۇچى ئۇلارغا پادىشاھ تەمىنلىگەن تاماقلارنى بەرمەي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ داۋاملىق كۆكتاتلارنى يېيىشىگە رۇخسەت قىلدى.

ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بارلىق ياشلار نەبۇكەدنەسەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. پادىشاھ بارلىق ياشلار بىلەن پاراڭلىشىپ كۆرگەندىن كېيىن، دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئەڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا، پادىشاھ ئۇلارنى ئوردىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۆزىگە ياردەمچى قىلدى. پادىشاھ ھەر قېتىم دانىيال، شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولاردىن سوئاللارنى سورىغان ياكى قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ بىلىدىغانلىرى پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى روھانىيلار ۋە دانىشمەنلەردىن 10 ھەسسە كۆپ ئىدى.

دانىيال 1:‏1-‏21.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى تۆت ئوغۇل بالا كىملەر؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بابىلونغا ئېلىپ كېتىلگەن؟
  • نەبۇكەدنەسەر تۆت ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىمەكچى بولدى؟ پادىشاھ خىزمەتچىلىرىگە نېمە دەپ بۇيرۇق قىلدى؟
  • دانىيال ئۆزى ۋە ئۈچ دوستىنىڭ يېمەك ۋە ئىچمىكى ئۈچۈن نېمە تەلەپ قىلدى؟
  • ئون كۈن كۆكتاتلارنى يېگەندىن كېيىن، دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستىنى باشقا ياشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كىم ساغلامراق كۆرۈندى؟
  • دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستى نېمە ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا ئېلىپ قېلىندى؟ ئۇلار قايسى جەھەتتە روھانىيلار ۋە دانىشمەنلەردىن ياخشىراق ئىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • دانىيال 1:‏1-‏21-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئازدۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئاجىزلىقىمىز ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز زۆرۈر؟ (دانىيال 1:‏8؛ يارىتىلىش 39:‏7، 10؛ گالاتىيالىقلار 6:‏9)

    بۈگۈنكى كۈندە، ئېزىقتۇرۇلۇش ياكى بېسىم ئاستىدا، ياشلار خۇددى ئېسىل «تائام» غا ئوخشاش كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قايسى بەزى ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن؟ (دانىيال 1:‏8؛ پەندى-‏نەسىھەت 20:‏1؛ 2-‏كورىنتلىقلار 6:‏17-‏7:‏1)

    مۇقەددەس كىتابتىكى تۆت ئىبرانىي ياش ھەققىدىكى خاتىرىلەر، بۇ دۇنياغا خاس بىلىم ئېلىش ھەققىدە قانداق مۇھىم ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (دانىيال 1:‏20؛ يەشايا 54:‏13؛ 1-‏كورىنتلىقلار 3:‏18-‏20)