مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏قىسىم: بابىلوندىكى ئەسىرلىكتىن، يېرۇسالېم تاملىرىنىڭ قايتا ياسىلىشىغىچە

5-‏قىسىم: بابىلوندىكى ئەسىرلىكتىن، يېرۇسالېم تاملىرىنىڭ قايتا ياسىلىشىغىچە

ئىسرائىللار بابىلوندا ئەسىر بولۇپ تۇرغىنىدا، ئىمان-‏ئېتىقادتا نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كەلگەنىدى. شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولار ئوت كۆيۈۋاتقان قىزىق ئوچاققا تاشلاندى. بىراق، يەھۋا ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. كېيىنچە، بابىلون مېدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئىگەللەنگەندە، دانىيال شىر ئۆڭكۈرىگە تاشلاندى. ئەمما پەرۋەردىگار يەھۋا شىرلارنىڭ ئېغىزىنى باغلاپ قويۇپ، ئۇنىمۇ قوغداپ قالغان ئىدى.

ئاخىرىدا، پېرسىيە پادىشاھى كۇرس ئىسرائىلارنى ئازاد قىلدى. ئۇلار بابىلونغا ئەسىرلىككە ئېلىپ كېتىلگەنىدى. 70 يىلدىن كېيىن، يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتتى. يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىپ، ئۇلار يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياساشنى دەرھال باشلىدى. ئەمما، دۈشمەنلەر ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى توختاتتى. شۇڭا، يېرۇسالېمغا قايتىپ، تەخمىنەن 22 يىلدىن كېيىن ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئاخىرى پۈتتى.

كېيىن، بىز ئەزرانىڭ ئىبادەتخانىنى بېزەش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا قايتىش سەپىرى قىلغانلىقى ھەققىدە ئۆگىنىمىز. مۇشۇ ۋەقە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى پۈتۈپ 47 يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى. ئەزرا يېرۇسالېمغا قايتىپ 13 يىلدىن كېيىن، نەھەمىيا يېرۇسالېمنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاملىرىنى قايتا ياساش قۇرۇلۇشىغا ياردەملەشتى. 5-‏قىسىم 152 يىللىق تارىخى ۋەقەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەزرا ۋە كۆپچىلىك دۇئا قىلىۋاتىدۇ