مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

77-‏ھېكايە: ئۇلار ھەرگىز بۇتقا سەجدە قىلمايدۇ

77-‏ھېكايە: ئۇلار ھەرگىز بۇتقا سەجدە قىلمايدۇ

بۇ ئۈچ ياش يىگىت ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟ شۇنداق، ئۇلار دانىيالنىڭ دوستلىرى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى رەت قىلغانىدى. بابىلونلۇقلار ئۇلارنى شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو، دەپ ئاتاشقان. ئەمما، ھازىر ئۇلارغا قارىڭە! ئۇلار نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا ئوخشاش، بۇ غايەت زور ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى؟ بىز بىرلىكتە جاۋابىنى ئىزدەپ باقايلى.

يەھۋا خۇدا ئۆزى يېزىپ بەرگەن ئون پەرمان، دەپ ئاتالغان قانۇنلار يادىڭىزدا بارمۇ؟ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىدە:‏ «مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن»، دېيىلگەنىدى. گەرچە مۇشۇ قانۇنغا بويسۇنۇش ئاسان بولمىسىمۇ، ئۇلار ھازىر ئۇنىڭغا قەتئىي بويسۇنۇۋاتىدۇ.

بابىلون پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر نۇرغۇن ئەمەلدارنى ئۆزى تىكلىگەن بۇ ھەيكەلنى ئۇلۇغلاپ ھۆرمەت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە چاقىردى. ئۇ بارچە خەلققە بۇيرۇق قىلىپ:‏ «سىلەر كاناي، چىلتار ۋە باشقا چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، سەجدە قىلىپ بۇ ئالتۇن ھەيكەلگە باش ئۇرۇڭلار. كىمكى سەجدە قىلمايدىكەن، دەرھال ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئۇچاققا تاشلىنىدۇ»، دېدى.

نەبۇكەدنەسەر شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنىڭ سەجدە قىلمىغانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى. ئۇ ئۇلارنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەيكەلگە سەجدە قىلىشىغا يەنە بىر پۇرسەت بەردى. بىراق، ئۇ ياش يىگىتلەر يەھۋاغا ئىشەنچ قىلدى. ئۇلار نەبۇكەدنەسەرگە:‏ «بىز ئىبادەت قىلىدىغان خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ھەتتا ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، سىلىنىڭ ئالتۇن ھەيكەللىرىگە سەجدە قىلمايمىز»، دېدى.

شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو

بۇنى ئاڭلىغان نەبۇكەدنەسەر تېخىمۇ دەرغەزەپكە كەلدى. ياندا ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئۇچاق بار ئىدى. ئۇ بۇيرۇق قىلىپ:‏ «ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، ئۇچاقنى ئىلگىرىكىدىن يەتتە ھەسسە قىزىتىڭلار»، دېدى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەسكەرلەر شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنى باغلاپ ئۇچاققا تاشلىدى. ئوت بەك كۈچلۈك بولغاچ، ئوت يالقۇنى ئەسكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇنداقتا، ئوتقا تاشلانغان ئۈچ يىگىت قانداق بولدى؟

پادىشاھ ئۇچاققا بىر قاراپ، قاتتىق چۆچۈپ، قورقۇپ كەتتى. ئۇ:‏ «بىز ئۈچ كىشىنى باغلاپ، ئوت كۆيۈۋاتقان قىزىق ئوچاققا تاشلىغان ئەمەسمىدۇق؟»، دەپ سورىدى.

ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى:‏ «شۇنداق، ئۈچ ئادەم»، دەپ جاۋاب بەردى.

پادىشاھ:‏ «بىراق، مەن تۆت ئادەمنىڭ ئوت ئىچىدە مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار باغلاقلىق ئەمەس، ھەمدە ئۇلار ئوتتا كۆيمەپتۇ. قارىماققا تۆتىنچى بىرى پەرىشتە ئوخشايدۇ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۇچاقنىڭ ئېغىزىغا ئازراق يېقىنلىشىپ:‏ «شادراك! مىشاك! ئەبەدنېگو! ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇياققا چىقىڭلار!»، دەپ ۋارقىرىدى.

ئۇلار چىققاندىن كېيىن، بارلىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ كۆيۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ:‏ «شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسى مەدھىيىلەنسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خۇداسىدىن باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلمىدى»، دېدى.

ئۈچ ياش يىگىتنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!

چىقىش 20:‏3؛ دانىيال 3:‏1-‏30



سوئاللار

  • بابىلون پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر بارچە خەلقنى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟
  • دانىيالنىڭ ئۈچ دوستى نېمە ئۈچۈن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى؟
  • نەبۇكەدنەسەر ئۇ ئۈچ ئىبرانىي ياشنىڭ ھەيكەلگە سەجدە قىلىشىغا يەنە بىر پۇرسەت بەرگەندە، ئۇلار ئۆزىنىڭ يەھۋاغا ئىشەنچ قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟
  • شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنى قانداق قىلىش توغرىسىدا، نەبۇكەدنەسەر قول ئاستىدىكى ئادەملەرگە نېمە دەپ بۇيرۇق بەردى؟
  • نەبۇكەدنەسەر ئوت كۆيۈۋاتقان ئۇچاقنىڭ ئىچىگە قارىغىنىدا، نېمىنى كۆردى؟
  • پادىشاھ نېمە ئۈچۈن شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىنى مەدھىيلىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • دانىيال 3:‏1-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئۈچ ئىبرانىي ياشنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكى سىناققا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانداق مەيدانىنى ئىپادىلىدى؟ نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك؟ (دانىيال 3:‏17، 18؛ مەتتا 10:‏28؛ رىملىقلار 14:‏7، 8)

    يەھۋا خۇدا پادىشاھ نەبۇكەدنەسەرنى قانداق مۇھىم ساۋاققا ئىگە قىلدى؟ (دانىيال 3:‏28، 29؛ 4:‏34، 35)