مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

79-‏ھېكايە: دانىيال شىرلارنىڭ ئۆڭكۈرىدە

79-‏ھېكايە: دانىيال شىرلارنىڭ ئۆڭكۈرىدە

ئاپلا! دانىيالنىڭ ئەھۋالى چاتاقتەك تۇرامدۇ، نېمە؟ قاراڭ، لېكىن شىرلار دانىيالغا زىيان يەتكۈزمەپتىغۇ! سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ كىم دانىيالنى شىرلارنىڭ ئۆڭكۈرىگە تاشلاپ قويدى؟ بىز جاۋابىنى بىرلىكتە تېپىپ چىقايلى.

مانا ئەمدى، دارىئوس ئىسىملىك بىر كىشى بابىلونغا پادىشاھ بولغانىدى. ئۇ دانىيالنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، دانىيال پەيغەمبەر مېھر-‏شەپقەتلىك ۋە ئەقىل-‏پاراسەتكە تولغانىدى. دارىئوس دانىيالنى تاللاپ، پادىشاھلىقىدا باش ۋەزىرلىك ئورنىغا قويدى. بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىدى. شۇڭا، ئۇلار دانىيالغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئويلىدى.

دارىئوس

ئۇلار دارىئوسنىڭ ئالدىغا بېرىپ:‏ «ئەي پادىشاھ، بىز ھەممىمىز شۇنداق قارارغا كەلدۇقكى، سىلى بىر قانۇن چىقىرىپ، ھەرقانداق كىشى 30 كۈن ئىچىدە، ئەي پادىشاھ! سىلىدىن باشقا ھېچ بىر تەڭرىگە ياكى ئىنسانغا دۇئا قىلمىغاي، ئەگەر كىمكى بۇ قانۇنغا بويسۇنمىسا، چوقۇم شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دەپ ئېلان قىلغايلا»، دېيىشتى. دارىئوس نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇنداق قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئۇ، بۇ ياخشى پىكىر ئىكەن، دەپ ئويلىدى. شۇڭا، ئۇ بىر يازما قانۇن چىقاردى. ئەمدى ئۇ قانۇننى ئۆزگەرتكىلى بولمايتتى.

گەرچە دانىيال پەيغەمبەر شۇ قانۇندىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، ئۆيىگە قايتقاندا، ئۆز ئادىتى بويىچە ئىلگىرىكىدەك دۇئا قىلدى. شۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەر دانىيال پەيغەمبەرنىڭ توختىماي يەھۋاغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى. شۇڭا، ئۇلار خۇشال بولۇشتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ دانىيالنى قوغلاپ چىقىرىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك قىلاتتى.

پادىشاھ دارىئوس ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ قانۇننى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇ ناھايىتى پۇشايمان قىلدى. بىراق، ئەمدى قانۇننى ئۆزگەرتەلمەيتتى. شۇڭا، ئۇ ئامالسىز دانىيالنى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلاشنى بۇيرۇدى. لېكىن، ئۇ دانىيالغا:‏ «سەن ئىبادەت قىلغان خۇدايىڭ، سېنى قۇتقۇزغاي»، دېدى.

دارىئوس بەك بىئارام بولغاچ، شۇ كېچىسى ئۇخلىيالمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ شىرلار ئۆڭكۈرىگە يۈگۈرۈپ باردى. قاراڭ، ئۇنى كۆرەلەيسىز. ئۇ:‏ «ئەي تىرىك خۇدانىڭ بەندىسى دانىيال! سەن ئىبادەت قىلغان خۇدا سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟»، دەپ ۋارقىرىدى.

دانىيال شىرلارنىڭ ئۆڭكۈرىدە

دانىيال پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ:‏ «خۇدا ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئاغزىنى باغلىۋەتتى. شۇڭا، ئۇلار ماڭا زىيان يەتكۈزمىدى»، دېدى.

پادىشاھ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، خىزمەتكارلىرىنى دەرھال دانىيالنى شىرلار ئۆڭكۈرىدىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ دانىيالنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان قارا نىيەت ئادەملەرنى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىدى. ئۇلار ئۆڭكۈرنىڭ ئاستىغا يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارنى چىشلەپ، سۆڭەكلىرىنى پارچە-‏پارچە قىلىۋەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، پادىشاھ دارىئوس:‏ «مەن شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى، ھەرقانداق كىشى دانىيالنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىشى كېرەك. ئۇ ئاجايىپ مۆجىزە كۆرسىتىپ، دانىيالنى شىرلارنىڭ يەپ كېتىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى»، دەپ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق خەلقلەرگە خەت يازدى.

دانىيال 6:‏1-‏28.



سوئاللار

  • دارىئوس كىم؟ ئۇ دانىيالغا قانداق مۇئامىلىدە بولدى؟
  • بەزى ھەسەتخور كىشىلەر دارىئوسنى نېمە ئىش قىلىشقا كۈشكۈرتتى؟
  • دانىيال چىقىرىلغان يېڭى قانۇننى بىلگەندە، نېمە ئىش قىلدى؟
  • دارىئوس نېمە ئۈچۈن بەكمۇ بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمىدى؟ ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ نېمە ئىش قىلدى؟
  • دانىيال دارىئوسقا نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟
  • دانىيالنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان قارا نىيەت كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ دارىئوس ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق خەلقلەرگە نېمە دەپ خەت يازدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • دانىيال 6:‏1-‏28-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قەدىمدە بەزى كىشىلەر دانىيالغا سۈيقەست قىلىشقا ئۇرۇنغاندەك، بۈگۈنكى كۈندە قارشى چىققۇچىلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇپ نېمە ئىش قىلماقتا؟ (دانىيال 6:‏7؛ زەبۇر 94:‏20؛ يەشايا 10:‏1؛ رىملىقلار 8:‏31)

    بۈگۈنكى كۈندە، خۇدا خىزمەتچىلىرى ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشتا، دانىيالنى ئۆزىگە قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (دانىيال 6:‏5، 10؛ رىملىقلار 13:‏1؛ ئەلچىلەر 5:‏29)

    دانىيالنىڭ تەۋرەنمەي «ھەمىشە» يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش مىسالىنى، قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (دانىيال 6:‏16، 20؛ فىلىپىلىكلەر 3:‏16؛ ۋەھىيلەر 7:‏15)