مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

82-‏ھېكايە: موردىكاي بىلەن ئەستىر

82-‏ھېكايە: موردىكاي بىلەن ئەستىر

ئەزرا يېرۇسالېمغا قايتىشتىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئەسلەپ باقايلى. موردىكاي بىلەن ئەستىر پېرسىيە پادىشاھلىقىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىسرائىللار بولۇپ، ئەستىر بولسا خانىش ئىدى. ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى موردىكاينىڭ ھوقۇقى پادىشاھتىنلا كېيىن ئورۇندا تۇراتتى. ئۇلار قانداقلارچە شۇنداق ئۇرۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەستىرنىڭ ئاتا-‏ئانىلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ بەك كىچىك ئىدى. شۇڭا، ئۇنى موردىكاي بېقىپ چوڭ قىلدى. پېرسىيە پادىشاھى ئاھاشۋىرۇشنىڭ شوشان (سۇزا) دېگەن شەھەردە بىر ئوردىسى بار بولۇپ، موردىكاي ئۇنىڭ بىر خىزمەتكارى ئىدى. بىر كۈنى، خانىش ۋاشتى پادىشاھقا ئىتائەت قىلمىدى. شۇڭا، پادىشاھ ئۆزىنىڭ خانىشى بولۇش ئۈچۈن باشقا بىر خوتۇن تاللىدى. پادىشاھ كىمنى تاللىغان بىلەمسىز؟ ئۇ دەل ياش، چىرايلىق قىز ئەستىر.

ھامان موردىكايغا ئاچچىقلاندى

ئۇ تەكەببۇر كىشىنى كۆردىڭىزمۇ؟ كىشىلەر ئۇنىڭغا تىزلىنىپ سالام بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئادەم بولسا ھامان. ئۇ پېرسىيەدە چوڭ ھوقۇققا ئىگە كىشى ئىدى. قارىسىڭىز موردىكاي بىر ياقتا ئولتۇرىدۇ. ھامان موردىكاينىڭمۇ ئۇنىڭغا باش ئېگىشىنى كۆرۈشنى بەكمۇ خالايتتى. بىراق، موردىكاي ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىدى. چۈنكى ئۇ، بۇنداق ئەسكى ئادەمگە باش ئېگىش توغرا ئەمەس، دەپ قارىغانىدى. بۇ ھاماننىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇڭا، ئۇ بىر ئامال ئويلاپ تاپتى.

ھامان بېرىپ پادىشاھقا ئىسرائىللار ھەققىدە يالغان گەپ قىلدى. ئۇ:‏ «سىلىنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدىغان ئەسكى خەلق بار، ئۇلار ئۆلۈمگە لايىق»، دېدى. ئاھاشۋىرۇش ئۆز خوتۇنى ئەستىرنىڭ ئىسرائىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. شۇڭا، ئۇ ھاماننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بەلگىلەنگەن كۈندە بارلىق ئىسرائىللار ئۆلتۈرۈلسۇن، دەپ قانۇن چىقاردى.

موردىكاي چىقىرىلغان قانۇننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلى بەك بىئارام بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ:‏ «سەن چوقۇم پادىشاھقا ئېيتىپ، بىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆتۈنگىن»، دېدى. پېرسىيە پادىشاھلىقىدا، پادىشاھ چاقىرىماي تۇرۇپ، ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە بېرىش قانۇنغا خىلاپ ئىش ئىدى. ئەمما، ئەستىر پادىشاھ چاقىرىماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە باردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا ئالتۇن ھاسىسىنى ئۇزاتتى، بۇنىڭ مەنىسى ئۇ ئۆلتۈرۈمەيدۇ. ئەستىر پادىشاھ بىلەن ھاماننى چوڭ بىر زىياپەتكە چاقىردى. زىياپەتتە پادىشاھ ئەستىردىن قانداق ئىلتىپاتقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىدى. ئەگەر پادىشاھ بىلەن ھامان ئەتىدىكى يەنە بىر زىياپەتكە كەلسە، ئەستىر شۇ ۋاقىتتا پادىشاھقا ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئېيتىدىغانلىقىنى دېدى.

بۇ زىياپەتتە، ئەستىر پادىشاھقا:‏ «مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدۇق»، دېدى. پادىشاھ غەزەپلىنىپ:‏ «كىم شۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىكەن؟»، دەپ سورىدى.

ئەستىر:‏ «دۈشمىنىمىز، بۇ قارا نىيەت ئادەم، ھامان!»، دېدى.

خانىش ئەستىر ھامان ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ

پادىشاھ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھاماننى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۆزىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئىككىنچى دەرىجىدىكى ھوقۇقنى موردىكايغا بەردى. موردىكاي شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار ئۆلتۈرۈلسۇن، دەپ بەلگىلەنگەن ئاشۇ كۈندە، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن، دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىق يېڭى قانۇنىنى چىقاردى. موردىكاي ھازىر چوڭ ھوقۇققا ئىگە كىشى بولغاچ، نۇرغۇن باشقا مىللەتلەر ئىسرائىللارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

ئەستىر كىتابى



سوئاللار

  • موردىكاي بىلەن ئەستىر كىم؟
  • پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش نېمە ئۈچۈن باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى بولدى؟ ئۇ كىمنى خانىش بولۇشقا تاللىدى؟
  • ھامان كىم؟ نېمە ھاماننىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈردى؟
  • قانداق قانۇن چىقىرىلدى؟ موردىكايدىن خەۋەر كەلگەندىن كېيىن، ئەستىر نېمە ئىش قىلدى؟
  • ھامانغا نېمە بولدى؟ ھەمدە موردىكايغا نېمە بولدى؟
  • ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قانداق قۇتۇلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەستىر 2:‏12-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەستىر ‹مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىك› نى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (ئەستىر 2:‏15؛ 1-‏پېترۇس 3:‏1-‏5)

  • ئەستىر 4:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇددى ئەستىر ھەق دىننى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن جان پىدا قىلغانغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇھەببەت ۋە ساداقىتىمىزنى قانداق ئىپادىلەيمىز؟ (ئەستىر 4:‏13، 14؛ مەتتا 5:‏14-‏16؛ 24:‏14)

  • ئەستىر 7:‏1-‏6-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ كۆپلىگەن خەلقى خۇددى ئەستىردەك، زىيانكەشلىككە قانداق تەۋەككۈل قىلماقتا؟ (ئەستىر 7:‏4؛ مەتتا 10:‏16-‏22؛ 1-‏پېترۇس 2:‏12)