مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

83-‏ھېكايە: يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىل تاملىرى

83-‏ھېكايە: يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىل تاملىرى
ئىشچىلار يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىل تاملىرىنى قايتا ياساۋاتىدۇ

بۇ يەردە قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشقا قاراڭ. ئىسرائىللار ئالدىراش يېرۇسالېمنىڭ سېپىل تاملىرىنى ياساۋاتىدۇ. 152 يىل بۇرۇن، پادىشاھ نەبۇكەدنەسەر يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ شەھەر تاملىرىنى ئۆرۈپ، دەرۋازىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەنىدى. بىراق، بابىلوندىن تۇنجى بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار، شەھەرنىڭ سېپىل تاملىرىنى تېخى ياسىمىغانىدى.

سىزنىڭچە، خەلق نەچچە ئون يىل سېپىل تېمى يوق شەھەردە ياشىسا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟ ئۇلار بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ، شۇنداققۇ!؟ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى شەھەرگە ئاسانلا كىرىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. بىراق، مانا ئەمدى نەھەمىيا، دېگەن بۇ كىشى خەلقنىڭ سېپىل تاملىرىنى ياسىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بىلەمسىز نەھەمىيا كىم؟

نەھەمىيا بولسا، موردىكاي بىلەن ئەستىر ياشىغان شوشان (سۇزا)، دېگەن شەھەردىن كەلگەن ئىسرائىل كىشى ئىدى. نەھەمىيا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ بەلكىم موردىكاي بىلەن خانىش ئەستىرنىڭ ياخشى دوستىدۇر. بىراق، مۇقەددەس كىتابتا نەھەمىيا ئەستىرنىڭ ئېرى پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشقا خىزمەت قىلغان، دەپ خاتىرىلەنگەن ئەمەس. ئۇ كېيىنكى پادىشاھ ئارتاھشاشتا ئۈچۈن خىزمەت قىلغانىدى.

ئېسىڭىزدە بارمۇ، ئارتاھشاشتا ياخشى پادىشاھ، ئۇ ئەزرانىڭ يېرۇسالېمغا قايتىپ، يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تۈزەپ ئوڭشىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل بەرگەن. بىراق، ئەزرا پەيغەمبەر شەھەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاملىرىنى ياسىمىغان ئىدى. ئۇنداقتا، نەھەمىيانىڭ بۇ ئىشنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئىبادەتخانىنى تۈزەپ ئوڭشاش ئۈچۈن ئارتاھشاشتانىڭ ئەزراغا پۇللارنى بەرگىنى، 13 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش ئىدى. مانا ھازىر نەھەمىيا پادىشاھ ئارتاھشاشتانىڭ باش ساقىيسى بولدى. بۇ، نەھەمىيا پادىشاھقا شاراب قويۇپ ئەكېلىدۇ، بىرەر كىشىنىڭ پادىشاھنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئۇ بەكمۇ مۇھىم خىزمەت ئىدى.

بىر كۈنى، نەھەمىيانىڭ قېرىندىشى ھانانى بىلەن باشقا بىرقانچە كىشى، نەھەمىيا بىلەن كۆرۈشكىلى ئىسرائىللارنىڭ يۇرتىدىن كەلگەنىدى. ئۇلار نەھەمىياغا ئىسرائىل خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ تاملىرىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ، نەھەمىيانىڭ كۆڭلى بەكمۇ ئازابلاندى ۋە پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئۇ ئىش توغرىسىدا دۇئا قىلدى.

پادىشاھ بىر كۈنى، نەھەمىيانىڭ كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا، ئۇ:‏ «نېمە ئۈچۈن شۇنچە غەمكىن كۆرۈنىسەن؟»، دەپ سورىدى. نەھەمىيا ئۇنىڭغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ ناچار ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە شەھەر تاملىرىنىڭ ياسالماي تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. پادىشاھ:‏ «ئۇنداقتا، قانداق قىلماقچى سەن؟»، دەپ سورىدى.

نەھەمىيا قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېتەكچلىك قىلىۋاتىدۇ

نەھەمىيا جاۋاب بېرىپ:‏ «مېنىڭ يېرۇسالېم تاملىرىنى قايتا ياساش ئۈچۈن بېرىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز»، دېدى. ئارتاھشاشتا پادىشاھ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل كىشى ئىدى. ئۇ نەھەمىيانىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان ياغاچلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈنمۇ ياردەم بەردى. نەھەمىيا پەيغەمبەر يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى خەلققە ئېيتتى. ئۇلار نەھەمىيانىڭ پىكىرىگە قۇشۇلدى، ھەمدە:‏ «قۇرۇلۇش ئىشىنى باشلايلى»، دېيىشتى.

ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرى شەھەر سېپىل تاملىرىنىڭ ئاستا-‏ئاستا ئېگىزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار:‏ «بىز بېرىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتايلى»، دېيىشتى. نەھەمىيا پەيغەمبەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئىشچىلارغا قىلىچ ۋە نەيزىلەرنى تارقىتىپ بەردى. ئاندىن ئۇ:‏ «سىلەر دۈشمەنلەردىن قورقماڭلار. ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-‏قىزلىرىڭلار، خوتۇنلۇرۇڭلار بىلەن ئۆي-‏جايلىرىڭلار ئۈچۈن سوقۇشۇڭلار»، دېدى.

خەلق ھەممىسى ناھايىتى جاسارەتلىك ئىدى. ئۇلار كېچە-‏كۈندۈز جەڭ قوراللىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇڭا، پەقەت 52 كۈن ئىچىدە سېپىل تاملىرىنى ياساپ بولدى. ھازىر خەلق شەھەر ئىچىدە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالايدىغان بولدى. نەھەمىيا پەيغەمبەر بىلەن ئەزرا پەيغەمبەر خەلققە خۇدانىڭ قانۇنىنى ئۆگەتتى ۋە خەلق بەك خۇشال بولۇشتى.

بىراق، ئىسرائىللارنىڭ ئەھۋالى، ئۇلار بابىلونغا ئەسىرلىككە ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايتتى. يەنى، خەلق پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، يەھۋا خۇدا يېڭى بىر پادىشاھ ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى. ئۇ پادىشاھ خەلق ئۈچۈن تىنچلىق ئېلىپ كېلەتتى. ئاشۇ پادىشاھ كىم؟ ئۇ قانداق قىلىپ يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟ تەخمىنەن 450 يىلدىن كېيىن، كىشىلەر بۇ ئىش ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى ئېنىقراق چۈشەندى. بۇ چاغدا، ناھايىتى مۇھىم بىر بوۋاق دۇنياغا كەلگەنىدى. ئەمما، ئۇ باشقا بىر ھېكايە.

نەھەمىيا 1-‏بابتىن 6-‏بابقىچە.



سوئاللار

  • سېپىل تېمى يوق يېرۇسالېم شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئىسرائىللار قانداق ھېسسىياتتا بولۇشى مۇمكىن؟
  • نەھەمىيا كىم؟
  • نەھەمىيانىڭ خىزمىتى نېمە؟ ئۇ خىزمەت نېمە ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم؟
  • نەھەمىيا قانداق خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلى بەكمۇ ئازابلاندى؟ شۇنىڭ بىلەن، ئۇ نېمە ئىش قىلدى؟
  • پادىشاھ ئارتاھشاشتا نەھەمىياغا قانداق مېھىر-‏شەپقەت كۆرسەتتى؟
  • نەھەمىيا خەلقنى قۇرۇلۇش قىلىشقا قانداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك، ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇرۇلۇش قىلىشتىن توختىتالمىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • نەھەمىيا 1:‏4-‏6 ۋە 2:‏1-‏20-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ يولباشچىلىقىنى ئىزدەپ، نەھەمىيا نېمە ئىش قىلدى؟ (نەھەمىيا 2:‏4، 5؛ رىملىقلار 12:‏12؛ 1-‏پېترۇس 4:‏7)

  • نەھەمىيا 3:‏3-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    تەقۇئالىق (مىللەت) ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئۇلارنىڭ يۇرت چوڭلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن، ئاقساقاللار بىلەن ياردەمچى خىزمەتچىلەر نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ (نەھەمىيا 3:‏5، 27؛ 2-‏سالونىكالىقلار 3:‏7-‏10؛ 1-‏پېترۇس 5:‏5)

  • نەھەمىيا 4:‏1-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىللارنى كۈچلۈك قارشىلىقلارغا قارىماي داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىشقا ھەرىكەت قىلدۇرغان نېمە؟ (نەھەمىيا 4:‏6، 8، 9؛ زەبۇر 50:‏15؛ يەشايا 65:‏13، 14)

    ئىسرائىللارنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسى، بۈگۈنكى كۈندە بىزنى نېمە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؟

  • نەھەمىيا 6:‏15-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    يېرۇسالېم تاملىرىنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە ياسىلىپ بولۇشى، ئىمان-‏ ئېتىقادنىڭ كۈچى ھەققىدە نېمىنى ئاشكارىلىدى؟ (زەبۇر 56:‏3، 4؛ مەتتا 17:‏20؛ 19:‏26)