مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

6-‏قىسىم: ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشىدىن، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىچە

6-‏قىسىم: ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشىدىن، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىچە

يەھۋا خۇدا ئۆز پەرىشتىسى جەبرائىلنى مەريەم ئىسىملىك پەزىلەتلىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ئۇ پەرىشتە مەريەمنىڭ بىر ئوغۇل تۇغىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ ئوغۇلنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى مەريەمگە ئېيتتى. بوۋاق بىر ئېغىلدا تۇغۇلدى. ئۇ بوۋاق ئەيسا ئىدى. پادىچىلار بوۋاقنى كۆرگىلى ئېغىلغا يوقلاپ كەلدى. كېيىن، بىر يۇلتۇزنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، شەرقتىن بىرقانچە كىشى بوۋاقنىڭ قېشىغا كەلدى. زادى كىم، ئۇلارغا يۇلتۇزنى كۆرسەتتى؟ ۋە ئەيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قولىدىن ئۇ قانداق قۇتقۇزۇپ قېلىندى؟ مۇشۇ ھەققىدە ئۆگىنىمىز.

كېيىن، ئەيسانىڭ 12 ياش ۋاقتىدا، ئىبادەتخانىدا دىنىي ئۇستازلار بىلەن مۇنازىرە قىلغانلىقىنى كۆرۈمىز. 18 يىلدىن كېيىن، ئەيسا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدى ۋە دەرھال خۇدا ئۇنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ قىلماقچى بولغان ئىشنى، يەنى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. ئەيسا پەيغەمبەر بۇ خىزمەتنى قىلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان 12 كىشىنى تاللىدى. ئۇلار ئەلچىلەر دەپ ئاتالدى.

ئەيسا پەيغەمبەر نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. ئۇ بىرقانچە تال بېلىق ۋە بىرنەچچە نان بىلەن نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزدى. ئۇ كېسەللەرنى ساقايتىپ، ھەتتا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا، مەسىھ ئەيسا ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى ئاشۇ بىر كۈن ئىچىدە، ئۇنىڭ قايسى ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ھەتتا قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۆگىنىمىز. ئەيسا پەيغەمبەر تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنىدى. شۇڭا، 6-‏قىسىم 34 يىلدىن كۆپرەك تارىخى ۋەقەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەيسا مەسىھ تەلىم بەرمەكتە