مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

84-‏ھېكايە: پەرىشتە جەبرائىلنىڭ مەريەمگە كۆرۈنۈشى

84-‏ھېكايە: پەرىشتە جەبرائىلنىڭ مەريەمگە كۆرۈنۈشى

بۇ چىرايلىق قىز مەريەم. ئۇ بىر ئىسرائىل ئەۋلادى بولۇپ، ناسىرە دېگەن شەھەردە ياشايتتى. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى بىللەتتى. شۇڭا، ئۇ ئۆز پەرىشتىسى جەبرائىلنى مەريەمگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. جەبرائىلنىڭ مەريەمگە نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

پەرىشتە جەبرائىل مەريەمگە:‏ «سالام ساڭا، ئەي مېھىر-‏شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز. پەرۋەردىگار يەھۋا ساڭا ياردۇر!»، دېدى. مەريەم ئىلگىرى جەبرائىلنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ قورقۇپ كەتتى، چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەنىدى. ئەمما، جەبرائىل ئۇنى خاتىرجەم قىلدى.

مەريەم

ئۇ:‏ «ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن يەھۋانىڭ مېھىر-‏شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ساڭا ئاجايىپ بىر مۆجىزىلىك ئىشنى قىلماقچى. ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا قويغىن»، دېدى.

پەرىشتە جەبرائىل داۋاملىق چۈشەندۈرۈپ:‏ «بۇ بالا ئۇلۇغ بولىدۇ. يەھۋا ئۇنى ئەجدادى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشاش پادىشاھ قىلىدۇ. بىراق، ئەيسا مەڭگۈ پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ»، دېدى.

مەريەم:‏ «بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن توي قىلمىغان، ھەتتا بىر ئەر بىلەن بىرگە بولمىغان تۇرسام؟ بالا تۇغۇش قانداق مۇمكىن بولسۇن؟»، دەپ سورىدى.

پەرىشتە جەبرائىل:‏ «خۇدانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، شۇڭا ئۇ مۇقەددەس بالا بولىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ مەريەمگە:‏ «تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتنى ئەسلەپ كۆر. كىشىلەر ئۇنى قېرىپ كەتتى، بالا تۇغالمايدۇ، دەيتتى. بىراق، ھازىر ئۇنىڭ بىر ئوغۇل تۇغۇشىغا ئاز ۋاقىت قالدى. قاراپ باققىنە، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق!»، دېدى.

مەريەم دەرھال:‏ «مەن يەھۋانىڭ بىر خىزمەتكارى! سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ پەرىشتە كېتىپ قالدى.

مەريەم ئالدىراش ئېلىزابېتنى يوقلاپ باردى. ئېلىزابېت مەريەمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئېلىزابېتنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاق خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، مەريەمگە:‏ «ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن»، دېدى. مەريەم ئېلىزابېت بىلەن ئۈچ ئاي بىللە تۇرغاندىن كېيىن، ناسىرە شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

مەريەم يۈسۈپ ئىسملىك بىر كىشى بىلەن توي قىلىشقا كېلىشكەنىدى. بىراق، يۈسۈپ مەريەمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلىپ، مەريەم بىلەن توي قىلماسلىقىم كېرەك، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كېلىپ، ئۇنىڭغا:‏ «مەريەمنى خوتۇنلۇققا ئېلىشتىن قورقما، ئۇ ئوغۇلنى خۇدا بەرگەن»، دېدى. شۇڭا، مەريەم بىلەن يۈسۈپ توي قىلدى. ئۇلار ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتتى.

لۇقا 1:‏26-‏56؛ مەتتا 1:‏18-‏25.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئۇ قىز كىم؟
  • جەبرائىل مەريەمگە نېمە دېدى؟
  • گەرچە مەريەم بىر ئەر بىلەن بىرگە بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدىغانلىقىنى، جەبرائىل مەريەمگە قانداق چۈشەندۈردى؟
  • مەريەم تۇغقىنى ئېلىزابېتنى يوقلاپ بارغاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • مەريەمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەندە، يۈسۈپ قانداق قىلىشنى ئويلىدى؟ بىراق، ئۇ كېيىن ئوي-‏خىيالىنى نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • لۇقا 1:‏26-‏56-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھاياتىنى مەريەمنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگەندە، ئەيسا نېمە ئۈچۈن نامۇكەممەللىككە ۋارىس بولمىغان؟ (ھەجى 2:‏11-‏13؛ لۇقا 1:‏35؛ يۇھاننا 6:‏69؛ ئىبرانىيلار 7:‏26؛ 10:‏5)

    ئەيسا ھەتتا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، قانداق ئۇلۇغلانغانىدى؟ (لۇقا 1:‏41-‏43)

    بۈگۈنكى كۈندە، ئالاھىدە خىزمەت قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن مەريەم قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟ (لۇقا 1:‏38، 46-‏49؛ 17:‏10؛ پەندى-‏نەسىھەت 11:‏2)

  • مەتتا 1:‏18-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە ئەيسانىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇ ئىنسان بولۇپ يەر يۈزىدە ياشىغىنىدا، شۇ ئىممانۇئېل دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى قانداق روشەن ئىپادىلىدى؟ (مەتتا 1:‏22، 23؛ يۇھاننا 14:‏8-‏10؛ ئىبرانىيلار 1:‏1-‏3)