مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

86-‏ھېكايە: بىر يۇلتۇزنىڭ كىشىلەرگە يول باشلىشى

86-‏ھېكايە: بىر يۇلتۇزنىڭ كىشىلەرگە يول باشلىشى
مۇنەججىملەر

ئاۋۇ كىشى قولى بىلەن كۆرسىتىۋاتقان چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن ئايرىلغان چاغدا، ئاسماندا يۇلتۇز پەيدا بولغانىدى. بۇ كىشىلەر شەرقتىن كەلگەن بولۇپ، يۇلتۇزلار توغرىسىدا تەتقىق قىلىپ ئۆگىنەتتى. ئۇلار مۇشۇ يېڭى يۇلتۇزنىڭ يول باشلاپ، ئۇلارنى مۇھىم بىر شەخس بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئۇلار يېرۇسالېمغا يېتىپ بارغاندا، كىشىلەردىن:‏ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان بوۋاق قەيەردە؟»، دەپ سورىدى. «يەھۇدىيلار» بولسا ئىسرائىللارنىڭ يەنە بىر ئىسمى. ئۇلار:‏ «بىز شەرقتە بالىنىڭ يۇلتۇزىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق»، دېيىشتى.

شۇ ۋاقىتتا، يېرۇسالېمدا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان ھىرود، بۇنى ئاڭلاپ خاپا بولدى. ئۇ باشقا بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى ئېلىۋېلىشىنى خالىمايتتى. شۇڭا، ھىرود ئالىي روھانىيلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن:‏ «ۋەدە قىلىنغان پادىشاھ قەيەردە تۇغۇلىدۇ؟»، دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ:‏ «مۇقەددەس كىتاب، بەيتلەھەمدە دەيدۇ»، دېدى.

شۇڭا، ھىرود شەرقتىن كەلگەن كىشىلەرنى چاقىرتىپ:‏ «بېرىپ بالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەڭلار. تاپقان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي»، دېدى. ئەمما، ھىرود ئەمەلىيەتتە بالىنى تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى ئىدى!

شەرقتىن كەلگەن كىشىلەر يولغا چىقتى. يۇلتۇز ئۇلارغا يول باشلاپ، بەيتلەھەمدىكى بالا تۇرغان جاينىڭ ئۈستىگە كېلىپ توختىدى. ئۇ كىشىلەر ئۆيگە كىرىپ، مەريەم بىلەن كىچىك ئەيسانى كۆردى. ئۇلار سوۋغاتلارنى چىقىرىپ، ئەيساغا بەردى. بىراق، يەھۋا خۇدا كېيىن شەرقتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ چۈشىدە، ئۇلارنى ھىرود پادىشاھنىڭ قېشىغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. شۇڭا، ئۇلار باشقا بىر يول بىلەن ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى.

ھىرود شەرقتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۆيىگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. شۇڭا، ئۇ بەيتلەھمدىكى بارلىق ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. لېكىن، يەھۋا يۈسۈپنى چۈشىدە ئالدىن ئاگاھلاندۇرغانىدى. شۇڭا، يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مىسىرغا كەتتى. كېيىنچە، يۈسۈپ ھىرودنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ مەريەم ۋە ئەيسانى ئېلىپ ناسىرەدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئەيسا ئۇ يەردە چوڭ بولدى.

سىزنىڭچە، بۇ يېڭى يۇلتۇزنى چاقناتقان كىم؟ ئېسىڭىزدىمۇ، شەرقتىن كەلگەن كىشىلەر يۇلتۇزنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاۋۋال يېرۇسالېمغا بارغان. ئىبلىس شەيتان ئەيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان، ھەمدە ئۇ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ ھىرودنىڭمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ناھايىتى ئېنىقكى، ئاشۇ يۇلتۇزنى بەك چاقناتقان — شەيتان.

مەتتا 2:‏1-‏23؛ مىخا 5:‏2.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى كىشىلەر كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى قولى بىلەن چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزنى كۆرسەتمەكتە؟
  • پادىشاھ ھىرود نېمە ئۈچۈن خاپا بولدى؟ ھەمدە ئۇ نېمە ئىش قىلدى؟
  • چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز ئۇ كىشىلەرنى قەيەرگە باشلاپ باردى؟ بىراق، نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىگە باشقا بىر يول بىلەن قايتىپ كەتتى؟
  • ھىرود قانداق بۇيرۇق چۈشۈردى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • يەھۋا يۈسۈپنى نېمە دەپ ئاگاھلاندۇردى؟
  • يېڭى يۇلتۇزنى بەك چاقناتقان زادى كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان؟

قوشۇمچە سوئال

  • مەتتا 2:‏1-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇنەججىملەر ئەيسانى يوقلاپ كەلگەندە، ئەيسا قانچىلىك چوڭ بولغان ئىدى؟ شۇ ۋاقىتتا ئۇ قەيەردە ئىدى؟ (مەتتا 2:‏1، 11، 16)