مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

87-‏ھېكايە: ئۆسمۈر ئەيسا ئىبادەتخانىدا

87-‏ھېكايە: ئۆسمۈر ئەيسا ئىبادەتخانىدا

بۇ كىچىك بالىنىڭ چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىغا قاراڭ. چوڭلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئۇستازلار. ئاۋۇ ئوغۇل بالا ئەيسا. ئۇ خېلىلا چوڭ بولدى. ھازىر ئۇ 12 ياش.

ئەيسانىڭ ياراتقۇچى خۇدا ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىدىن ئۇستازلار قاتتىق ھەيران بولۇشقانىدى. نېمە ئۈچۈن يۈسۈپ بىلەن مەريەم بۇ يەردە يوق؟ ئۇلار قېنى؟ بىرلىكتە قاراپ باقايلى.

ئۆسمۈر ئەيسا ئۇستازلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتىدۇ

يۈسۈپ ھەر يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، يېرۇسالېمغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى، دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر تەبرىكلەشنى ئۆتكۈزۈشكە باراتتى. ناسىرەدىن يېرۇسالېمغىچە ئۇزۇن يول ئىدى. ئۇ زامانلاردا، دۇنيادا تېخى ماشىنا، پويىز دېگەنلەر يوق ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر پىيادە يول يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ پىيادە مېڭىپ يېرۇسالېمغا بېرىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن ۋاقىت كېتەتتى.

مانا ھازىر يۈسۈپنىڭ چوڭ بىر ئائىلىسى بار ئىدى. ئەيسانىڭ بىرقانچە ئىنىلىرى ۋە سىڭىللىرى بولۇپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىش كېرەك ئىدى. بۇ يىل يۈسۈپ بىلەن مەريەم پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ يېرۇسالېمدىن چىقىپ، يۇرتى ناسىرەگە قايتىپ ماڭدى. ئۇلار ئەيسانى باشقىلار بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدى. بىراق، ئۇلار بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن توختاپ، ئەيسانى ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇلار ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرى ۋە دوست-‏بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى. بىراق، يەنىلا تاپالمىدى! شۇڭا، ئۇلار كەينىگە يېنىپ، يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىزدىدى.

ئەڭ ئاخىرى، يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئەيسانى بىرنەچچە ئۇستازلار بىللە تۇرغان يەردىن تاپتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن سوئال سوراۋاتاتتى. بارلىق كىشىلەر ئەيسانىڭ ئەقلىگە ھەيران قېلىشتى. ئەمما، مەريەم:‏ «ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە ئۇقتۇرماي قېلىپ قالدىڭ؟ داداڭ ئىككىمىز سەندىن بەك ئەنسىرەپ، ئىزدىمىگەن يەر قالمىدى!»، دېدى.

ئەيسا جاۋاب بېرىپ:‏ «ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم خۇدانىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟»، دېدى.

شۇنداق، ئەيسا ئۆزىنىڭ خۇدا ھەققىدە ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان جايدا بولۇشنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بىزمۇ شۇنداق ھېسسىياتتا بولۇشىمىز كېرەك! يۇرتى ناسىرەدە، ئەيسا ھەر ھەپتىسى ئىبادەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن يىغىلىشلارغا باراتتى. ئۇ ھەمىشە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغاچ، مۇقەددەس كىتابتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى. ئۇنداقتا، بىزمۇ ئەيسانىڭ قالدۇرغان ياخشى ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنەيلى!

لۇقا 2:‏41-‏52؛ مەتتا 13:‏53-‏56.



سوئاللار

  • رەسىمگە قاراڭ، ئەيسا ئۇ قانچە ياشتا؟ ئۇ ھازىر قەيەردە؟
  • يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەر يىلى نېمە ئىش قىلاتتى؟
  • بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن مەريەم نېمە ئۈچۈن كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا باردى؟
  • يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئەيسانى قەيەردىن ئىزدەپ تاپتى؟ كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ھەيران قېلىشتى؟
  • ئەيسا ئانىسى مەريەمگە نېمە دېدى؟
  • خۇدا ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەيسا ئىخلاس بىلەن ئۆگەنگەنىدى، بىز ئۇنى ئۆزىمىزگە قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • لۇقا 2:‏41-‏52-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە قانۇندا پەقەت ئەرلەرنىڭلا ھەر يىلى بايرامغا قاتنىشىشى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، يۈسۈپ بىلەن مەريەم بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ؟ (لۇقا 2:‏41؛ تەكرار قانۇن 16:‏16؛ 31:‏12؛ پەندى-‏نەسىھەت 22:‏6)

    ئاتا-‏ئانىغا ئىتائەت قىلىشتا، ئەيسا بۈگۈنكى ياشلارغا قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟ (لۇقا 2:‏51؛ تەكرار قانۇن 5:‏16؛ پەندى-‏نەسىھەت 23:‏22؛ كولوسىلىقلار 3:‏20)

  • مەتتا 13:‏53-‏56-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئەيسانىڭ تۆت ئىنىسىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟ ئۇلارنىڭ ئىككىسى كېيىن ئېتىقادچىلار جامائىتىدە قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان؟ (مەتتا 13:‏55؛ ئەلچىلەر 12:‏17؛ 15:‏6، 13؛ 21:‏18؛ گالاتىيالىقلار 1:‏19؛ ياقۇپ 1:‏1؛ يەھۇدا 1)