مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

88-‏ھېكايە: يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئەيسانى چۆمۈلدۈرۈشى

88-‏ھېكايە: يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئەيسانى چۆمۈلدۈرۈشى

قاراڭ، كەپتەر كېلىپ بۇ كىشىنىڭ بېشىغا قونۇۋاتىدۇ. بۇ كىشى ئەيسا. ھازىر ئۇ 30 ياشلار ئەتراپىدا. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان كىشى يەھيا پەيغەمبەر. بىز يەھيا توغرىسىدا بەزى نەرسىنى ئۆگەنگەن. مەريەم تۇغقىنى ئېلىزابېتنى يوقلاپ بارغاندا، ئېلىزابېتنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاق خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتكەنلىكى، يادىڭىزدا بارمۇ؟ ئاشۇ تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاق يەھيا ئىدى. ئۇنداقتا، ھازىر يەھيا پەيغەمبەر بىلەن ئەيسا نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى

يەھيا پەيغەمبەر تېخى ھازىرلا ئەيسانى ئىئوردان دەرياسىدا سۇغا چۆكتۈرگەنىدى. كىشىلەر مۇشۇ ئۇسۇلدا چۆمۈلدۈرۈلىدۇ. ئاۋۋال، كىشى پۈتۈنلەي سۇغا چۆكۈرۈلۈپ، ئاندىن سۇدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇلىدۇ. يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى شۇنداق سۇغا چۆمۈلدۈرگىنى ئۈچۈن، ئۇ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، دەپ ئاتالغان ئىدى. لېكىن، يەھيا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن ئەيسانى چۆمۈلدۈرگەن؟

ئەمەلىيەتتە، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئەيسا ئۆزى كېلىپ، ئۇنىڭدىن چۆمۈلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى. كىشىلەر يەھيا پەيغەمبەرنىڭ قېشىغا بېرىپ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، ئۆزىنىڭ بارلىق قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن توۋا قىلاتتى. بىراق، ئەيسا توۋا قىلىشقا تېگىشلىك يامان ئىش قىلغانمۇ؟ ياق، ئۇ ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىغان. چۈنكى، ئۇ ئاسماندىن چۈشكەن. شۇڭا، ئۇ باشقا بىر سەۋەبتىن، يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئۇنداقتا، زادى نېمە سەۋەبتىن، بىرلىكتە قاراپ باقايلى.

ئەيسا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ قېشىغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ بىر ياغاچچى ئىدى. ئۇ ياغاچتىن ئۈستەل، ئورۇندۇق ۋە باشقىلارنى ياسايتتى. مەريەمنىڭ ئېرى يۈسۈپ بىر ياغاچچى بولۇپ، ئەيساغا ياغاچچىلىق قىلىشنى ئۆگەتكەنىدى. بىراق، يەھۋا ئەيسانى يەر يۈزىگە ياغاچچى بولۇشقا ئەۋەتمىگەنىدى. يەھۋا خۇدا ئەيساغا ئالاھىدە بىر خىزمەتنى تاپشۇرغان. مانا ئەيسانىڭ شۇ ئىشنى باشلايدىغان ۋاقتى كەلدى. شۇڭا، ئەمدى ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشنى باشلىماقچى بولغانلىقىنى كۆرستىش ئۈچۈن، يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. خۇدا بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدىمۇ؟

ئۇ مۇشۇ ئىشتىن بەك خۇرسەن بولدى. ئەيسا سۇدىن چىققاندا، ئاسماندىن:‏ «مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن»، دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارىماققا ئاسمان يېرىلىپ، بىر كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئەمما، ئۇ ھەقىقىي كەپتەر ئەمەس، پەقەت كەپتەرگە ئوخشايتتى. ئۇ ئەمەلىيەتتە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئىدى.

ئەمدى ئەيسا پەيغەمبەر ئويلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار ئىدى. شۇڭا ئۇ 40 كۈن تىنچ ئادەم بارماس چەت جايلارغا كەتتى. شەيتان ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ ئۈچ قېتىم، ئەيسا پەيغەمبەرنى يەھۋا خۇدانىڭ قانۇنىغا قارشى ئىشلارنى قىلىشقا ئازدۇرۇشقا ئۇرۇندى. بىراق، ئۇ ئەيسانى ئازدۇرالمىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئەيسا پەيغەمبەر قايتىپ كېلىپ، ئەڭ دەسلىپىدە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، يەنى شاگىرتى بولغان بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرنەچچىسىنىڭ ئىسىملىرى بولسا، ئەندەر، پېترۇس (سىمۇن، دەپمۇ ئاتالغان)، فىلىپ، ناتانيەل (بارتولوماي، دەپ ئاتالغان). ئەيسا ۋە ئۇنىڭ بۇ يېڭى شاگىرتلىرى جەلىلىيە ئۆلكىسىگە باردى. ئۇلار جەلىلىيەدە بولغاندا، ناتانيەلنىڭ يۇرتى كانا يېزىسىدا ئازراق تۇرۇپ قالدى. شۇ يەردە، ھەزرىتى ئەيسا بىر توي مەرىكىسىگە قاتناشتى ۋە ئۇ تۇنجى مۆجىزىنى كۆرسەتتى. قانداق مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى.

مەتتا 3:‏13-‏17؛ 4:‏1-‏11؛ 13:‏55؛ ماركۇس 6:‏3؛ يۇھاننا 1:‏29-‏51؛ 2:‏1-‏12.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئۇ ئىككى ئادەم كىم؟
  • بىر كىشى قانداق چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟
  • ئادەتتە يەھيا پەيغەمبەر كىمنى سوغا چۆمۈلدۈرىدۇ؟
  • ئەيسانىڭ يەھيا پەيغەمبەردىن سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىشىدا قانداق ئالاھىدە سەۋەب بار؟
  • پەرۋەردىگار يەھۋا، ئەيسانىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟
  • ئەيسا تىنچ ئادەم بارماس جايغا بېرىپ 40 كۈن تۇرغاندا، نېمە ئىش بولدى؟
  • ئەيساغا تۇنجى بولۇپ ئەگەشكەن شاگىرتلار كىملەر؟ ئەيسا تۇنجى بولۇپ قانداق مۆجىزىنى كۆرسەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 3:‏13-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟ (زەبۇر 40:‏7، 8؛ مەتتا 28:‏19، 20؛ لۇقا 3:‏21، 22)

  • مەتتا 4:‏1-‏11-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ ئۇستىلىق بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى ئىشلىتىشى، بۈگۈنكى كۈندە بىزنى دائىم مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشكە قانداق ئۈندەيدۇ؟ (مەتتا 4:‏5-‏7؛ 2-‏پېترۇس 3:‏17، 18؛ 1-‏يۇھاننا 4:‏1)

  • يۇھاننا 1:‏29-‏51-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھيا پەيغەمبەر شاگىرتلىرىنى دىققىتىنى كىمگە قارىتىشقا چاقىردى؟ (يۇھاننا 1:‏29، 35، 36؛ 3:‏30؛ مەتتا 23:‏10)

  • يۇھاننا 2:‏1-‏2-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ تۇنجى مۆجىزىسى، يەھۋانىڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن ئايىمايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (يۇھاننا 2:‏9، 10؛ زەبۇر 84:‏11؛ ياقۇپ 1:‏17)