مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

89-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تازىلاپ چىقىشى

89-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تازىلاپ چىقىشى

قارىڭە، ئەيسا پەيغەمبەر قاتتىق ئاچچىقلانغان ئوخشايدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە بەك ئاچچىقلانغاندۇ، بىلەمسىز؟ چۈنكى، ئۇ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا بۇ ئاچكۆز ئادەملەرنى كۆردى. ئۇلار بۇ يەرگە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا كەلگەن خەلقلەردىن كۆپرەك پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنغانىدى.

ئەيسا پۇل تېگىشىدىغان ئۈستەللەرنى ئۆرۈۋەتمەكتە

ئاۋۇ كىچىك موزاي ۋە قويلار ھەم كەپتەرلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇلار بۇ جان-‏جانىۋارلارنى دەل ئىبادەتخانا ھويلىسىدا سېتىۋاتاتتى. نېمە ئۈچۈن بىلەمسىز؟ چۈنكى، ئىسرائىللار يەھۋا خۇداغا ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى.

خۇدانىڭ قانۇنىدا، ئىسرائىللار ئارىسىدا ھەرقانداق بىر كىشى خاتا ئىش قىلغاندا، ئۇ چوقۇم خۇداغا قۇربانلىق كەلتۈرۈشى لازىم ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردىمۇ، ئىسرائىللار يەھۋا خۇداغا قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئىسرائىللار يەھۋاغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قەيەردىن قۇشلار ۋە ھايۋانلارنى تاپىدۇ؟

بەزى ئىسرائىللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇشلىرى ۋە مال-‏چارۋىلىرى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار قۇربانلىق كەلتۈرەلەيتتى. ئەمما، نۇرغۇن ئىسرائىللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇنداق قۇشلىرى ياكى مال-‏چارۋىلىرى يوق ئىدى. ھەمدە بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن بەك يىراق جايلاردا ياشايتتى. ئۇلار جان-‏جانىۋارلىرىدىن بىرەرىنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلەلمەيتتى. شۇڭا، ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ، مال-‏چارۋىلار ياكى قۇشلارنى سېتىۋېلىشى لازىم ئىدى. بىراق، بۇ ئاچكۆز ئادەملەر ئۇلاردىن بەكمۇ كۆپ پايدا ئالاتتى. ئۇلار كىشىلەرنى ئالدايتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىبادەتخانا ئىچىدە شۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.

بۇ ئەيسا پەيغەمبەرنى بەكمۇ غەزەپلەندۈرگەنىدى. شۇڭا، ئۇ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۈستەللىرىنى ئۆرۈپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى تەڭگە پۇللىرىنى چېچىۋەتتى. ئۇ ئارغامچىنى قامچا قىلىپ، بارلىق مال-‏چارۋىلارنى ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇ كەپتەر ساتقۇچىلارغا بۇيرۇق قىلىپ:‏ «ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كەت، خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆپ پۇل تاپىدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇشما!»، دېدى.

بەزى شاگىرتلار ئەيسا پەيغەمبەر بىلەن يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا بىللە ئىدى. ئۇلار ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ ھاڭ-‏تاڭ تۇرۇپ قېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان بۇ سۆزلەرنى ئېسىگە ئېلىشتى:‏ «ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۇھەببىتى خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر».

ئەيسا مەسىھ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزگەن چاغدا، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. ئاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ، جەلىلىيەگە قايتىپ ماڭدى. بىراق، ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتتى. ئۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەردى. بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

يۇھاننا 2:‏13-‏25؛ 4:‏3، 4.



سوئاللار

  • ئىبادەتخانىدا نېمە ئۈچۈن جان-‏جانىۋارلار سېتىلاتتى؟
  • ئەيسانى نېمە بەك غەزەپلەندۈردى؟
  • رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، ئەيسا نېمە ئىش قىلدى؟ كەپتەرلەرنى سېتىۋاتقان كىشىلەرگە، ئۇ نېمە دەپ بۇيرۇق قىلدى؟
  • ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى، ئۇنىڭ شۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، نېمىنى ئېسىگە ئېلىشتى؟
  • جەلىلىيەدىن قايتىپ ماڭغىنىدا، ئەيسا يول ئۈستىدە قەيەردىن ئۆتتى؟

قوشۇمچە سوئال

  • يۇھاننا 2:‏13-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىدىكى پۇل تېگىشىدىغانلارغا غەزەپلەنگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرسەك، يىغىلىپ خۇدا ئىبادەت قىلىدىغان جايدا سودا-‏سېتىق قىلىشقا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟ (يۇھاننا 2:‏15، 16؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏24، 31-‏33)