مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

92-‏ھېكايە: مەسىھنىڭ ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرۈشى

92-‏ھېكايە: مەسىھنىڭ ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرۈشى

بۇ 12 ياشلىق قىزغا قاراڭ. مەسىھ ئەيسا ئۇ قىزنىڭ قولىنى تارتىۋاتىدۇ. قىزنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى ياندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سەۋەبىنى بىرلىكتە تېپىپ چىقايلى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يائىرنىڭ قىزىنى تىرىلدۈرۈشى

ئۇ قىزنىڭ دادىسى مۇھىم بىر كىشى بولۇپ، ئىسمى يائىر ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ قىزى ئاغرىپ كارىۋاتتا يېتىپ قالدى. بىراق، ئۇ ياخشى بولالمىدى. ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. يائىر ۋە ئۇنىڭ ئايالى بەكمۇ ئەنسىرىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بۇ كىچىك قىزى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا، يائىر ئەيسا مەسىھنى ئىزدەپ باردى. ئۇ ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ھەققىدە ئاڭلىغانىدى.

يائىر ھەزرىتى ئەيسانى تاپقان ۋاقىتتا، چوڭ بىر توپ كىشىلەر ئۇنى ئورۇۋالغانىدى. ئەمما، يائىر كىشىلەر ئارىسىدىن ئەيساغا يېقىنلاشتى ۋە ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ:‏ «قىزىم قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆيۈمگە بېرىپ ئۇنى ساقايتسىڭىز»، دەپ يالۋۇردى. ئەيسا مەسىھ بېرىشقا قوشۇلدى.

ئۇلار يولدا ماڭغاندا، كىشىلەر توپى قىستىلىشتى. تۇيۇقسىز ھەزرىتى ئەيسا توختىدى. ئۇ:‏ «كىم مېنى تۇتتى؟»، دەپ سورىدى. ئۇ تېنىدىن كۈچ-‏قۇدرەتنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەنىدى. شۇڭا، ئۇ بىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتقانلىقىنى بىلدى. بىراق، كىم تۇتتى؟ 12 يىل كېسەل ئازابى تارتقان بىر ئايال. ئۇ ئايال ئەيسا مەسىھكە يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنى سىلاپ قويغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كېسىلى شۇئان ساقىيىپ كەتتى!

بۇ ئىش يائىرنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھنىڭ باشقىلارنى شۇنچە ئاسان ساقايتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. بىراق، بىر خەۋەرچى يېتىپ كەلدى. ئۇ يائىرغا:‏ «ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، قىزىڭىز جان ئۈزدى»، دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا يائىرغا:‏ «غەم قىلمىغىن، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ»، دېدى.

ئاخىرى، ئۇلار يائىرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا، كىشىلەر قايغۇرۇپ يىغا-‏زار قىلىشىۋاتاتتى. بىراق، ئەيسا:‏ «يىغلىماڭلار، قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ»، دېدى. ئەمما، كۆپچىلىك ئەيسا پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى. چۈنكى، ئۇلار قىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى.

شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا مەسىھ قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئانىسى ۋە ئۈچ ئەلچىنى ئېلىپ، قىز ياتقان ئۆيگە كىردى. ئۇ قىزنىڭ قولنى تارتىپ:‏ «ئورنۇڭدىن تۇر!»، دېدى. خۇددى سىز بۇ رەسىمدە كۆرگەندەك، قىز تىرىلدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، مېڭىپ يۈردى. بۇ نېمە ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتا-‏ئانىسىنىڭ شۇنچە بەك خۇشال بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

بۇ مەسىھ ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن تۇنجى كىشى ئەمەس. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ئۇ تۇنجى بولۇپ تىرىلدۈرگەن كىشى، نائىن شەھىرىدىكى بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. كېيىن، ئۇ يەنە مەريەم بىلەن مارتانىڭ قېرىندىشى لازارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن. خۇدا تەيىنلىگەن پادىشاھ ئەيسا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە، ئۆلۈپ كەتكەن سان-‏ساناقسىز كىشىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. بۇ بىزنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟!

لۇقا 8:‏40-‏56؛ 7:‏11-‏17؛ يۇھاننا 11:‏17-‏44.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى قىزچاقنىڭ ئاتىسى كىم؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى نېمە ئۈچۈن بەك ئەنسىرىگەن ئىدى؟
  • يائىر ئەيسانى تاپقاندا، نېمە ئىش قىلدى؟
  • ئەيسا يائىرنىڭ ئۆيىگە ماڭغاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟ يول ئۈستىدە يائىرغا ئۆيىدىن قانداق خەۋەر كەلدى؟
  • يائىرنىڭ ئۆيىدىكى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئەيسانى مەسخىرە قىلدى؟
  • ئۈچ ئەلچى ۋە قىزنىڭ ئاتا-‏ئانىسى بىلەن قىز ياتقان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئەيسا نېمە ئىش قىلدى؟
  • ئەيسا يەنە كىملەرنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنىدى؟ بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • لۇقا 8:‏40-‏56-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قانداق قىلىپ، ئەيسا پەيغەمبەر خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايالغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى؟ بۈگۈنكى كۈندە جامائەت ئاقساقاللىرى بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ (لۇقا 8:‏43، 44، 47، 48؛ لاۋىيلار 15:‏25-‏27؛ مەتتا 9:‏12، 13؛ كولوسىلىقلار 3:‏12-‏14)

  • لۇقا 7:‏11-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ نائىن شەھىرىدىكى تۇل ئايالغا كۆرسەتكەن ھېسداشلىقى، نېمە ئۈچۈن يېقىن كىشىلىرى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئەڭ چوڭ تەسەللىي بېرىدۇ؟ (لۇقا 7:‏13؛ 2-‏كورىنتلىقلار 1:‏3، 4؛ ئىبرانىيلار 4:‏15)

  • يۇھاننا 11:‏17-‏44-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا، ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىلىرى ئۈچۈن قايغۇ-‏ھەسرەت چېكىشنىڭ ناھايىتى تەبئىي ئىش ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (يۇھاننا 11:‏33-‏36، 38؛ 2-‏سامۇئىل 18:‏33؛ 19:‏1-‏4)