مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

93-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ نۇرغۇن كىشىنى تويدۇرۇشى

93-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ نۇرغۇن كىشىنى تويدۇرۇشى

قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بەرگەن، يەنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەر ھېلىلا ئۆلتۈرۈلگەنىدى. پادىشاھنىڭ ئايالى ھىرودىيە يەھيا پەيغەمبەرنى ئۆچ كۆرەتتى. شۇڭا، ئۇ پادىشاھنى يەھيانىڭ كاللىسىنى كەستۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگۈزگەنىدى.

ئەيسا مەسىھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. ئۇ ئۆزى يالغۇز تىنچ بىر جايغا باردى. بىراق، خەلق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. ئۇ خەلقنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى. شۇڭا، ئۇ ئۇلارغا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە سۆزلەپ، كېسەل كىشىلەرنى ساقايتتى.

كەچ كىرگەندە، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەرزىتى ئەيساغا:‏ «بەك كەچ بولۇپ كەتتى، بۇ بىر چەت جاي ئىكەن. خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە تاماق سېتىۋالسۇن»، دېدى.

ئەيسانىڭ نۇرغۇن كىشىنى تويدۇرۇشى

ھەزرىتى ئەيسا:‏ «ئۇلار تارقىلىپ كەتمىسۇن، ئۇلارغا سىلەر تاماق بېرىڭلار»، دېدى. ئۇ ئۆرۈلۈپ فىلىپقا قاراپ:‏ «بىز قەيەردىن يېتەرلىك يېمەكلىك سېتىۋېلىپ، خەلققە تويغۇدەك تاماق بېرىمىز»، دەپ سورىدى.

فىلىپ جاۋاب بېرىپ:‏ «يېتەرلىك يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ھەربىر كىشى پەقەت بىر چىشلەم يېيەلەيدۇ»، دېدى. ئەندەر ھەم سۆز قىلىپ:‏ «بۇ بالىدا، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار ئىكەن. لېكىن، بۇنچىۋالا ئادەم ئۈچۈن بۇلار ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ»، دېدى.

ئەيسا مەسىھ:‏ «كۆپچىلىكنى چىملىقتا ئولتۇرغۇزۇڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يېمەكلىكلەر ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، نان بىلەن بېلىقلارنى ئۇشتۇپ پارچىلاشقا باشلىدى. ئاندىن كېيىن، شاگىرتلار نان بىلەن بېلىقنى بارلىق خەلققە تارقىتىپ بەردى. ئۇ يەردە بەش مىڭچە ئەر، نەچچە مىڭلىغان ئايال بىلەن بالىلار بار ئىدى. ئۇلار ھەممىسى يەپ تويدى. يەپ ئېشىپ قالغىنىنى شاگىرتلار يىغىۋالغاندا، 12 سېۋەتكە لىق تولدى!

ئەمدى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئاۋۋال جەلىلىيە كۆلىنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈشكە بۇيرۇدى. كېچىدە قاتتىق بوران چىقىپ، دولقۇن كېمىنى ئۇياق-‏بۇياققا تەۋرىتىپ چايقىدى. شاگىرتلار ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى. كېيىن، يېرىم كېچە بولغاندا، بىر كىشىنىڭ كۆل ئۈستىدە ئۇلارغا قاراپ مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار قورقۇپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلمىگەنىدى.

ئەيسا مەسىھ:‏ «قورقماڭلار، بۇ مەن!»، دېدى. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمىدى. شۇڭا، پېترۇس:‏ «ئۇستاز، ئەگەر بۇ سىز بولسىڭىز، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭىزغا بېرىشىمغا ئەمر قىلىڭ»، دېدى. ئەيسا:‏ «كەل!»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە ماڭدى! كېيىن، ئۇ قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورققاچ، سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى. ئەمما، ئەيسا پەيغەمبەر ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدى.

كېيىن، ئەيسا مەسىھ يەنە نەچچە مىڭ كىشىنى تويدۇردى. بۇ نۆۋەت ئۇ يەتتە نان ۋە بىر نەچچە كىچىك بېلىقلار بىلەن شۇنداق قىلغان ئىدى. بۇ نۆۋەتمۇ كىشىلەر يەپ تويدى. ئۇنىڭ كىشىلەردىن خەۋەر ئېلىشى بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىش، شۇنداقمۇ؟! كېيىن، ئۇ پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندە، مەڭگۈ ھېچ نەرسىدىن غەم قىلمايمىز!

مەتتا 14:‏1-‏32؛ 15:‏29-‏38؛ يۇھاننا 6:‏1-‏21.



سوئاللار

  • چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەر قانداق قورقۇنچلۇق ئىشقا دۇچار بولدى؟ شۇنى ئاڭلاپ، ئەيسا نېمە بولدى؟
  • قانداق قىلىپ ئەيسا ئۆزىگە ئەگەشكەن خالايىقنى تويدۇردى؟ يەپ ئېشىپ قالغان يېمەكلىك قانچىلىك؟
  • كېچىدە شاگىرتلار نېمە ئۈچۈن قورقۇپ كېتىشتى؟ پېترۇسقا نېمە بولدى؟
  • ئەيسا پەيغەمبەر ئىككىنچى قېتىم نەچچە مىڭ كىشىنى قانداق تويدۇردى؟
  • خۇدا بەلگىلىگەن پادىشاھ سۈپىتىدە ئەيسا يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشىمىز ئاجايىپ گۈزەل بولىدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 14:‏1-‏32-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مەتتا 14:‏23-‏32-‏ئايەتلەردىن پېترۇسنىڭ قانداق مىجەز-‏خۇلقىنى كۆرۈۋالالايمىز؟

    مۇقەددەس كىتاب، پېترۇسنىڭ كېيىن ئالدىراقسان مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ، پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (مەتتا 14:‏27-‏30؛ يۇھاننا 18:‏10؛ 21:‏7؛ ئەلچىلەر 2:‏14، 37-‏40؛ 1-‏پېترۇس 5:‏6، 10)

  • مەتتا 15:‏29-‏38-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدا تەمىنلىگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئەيسا پەيغەمبەر ئۆز مىننەتدارلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (مەتتا 15:‏37؛ يۇھاننا 6:‏12؛ كولوسىلىقلار 3:‏15)

  • يۇھاننا 6:‏1-‏21-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەتكە ھۆرمەت كۆرسىتىپ ياشاشتا، خۇدا خىزمەتچىلىرى ئەيسا پەيغەمبەرنى ئۆزلىرىگە قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (يۇھاننا 6:‏15؛ مەتتا 22:‏21؛ رىملىقلار 12:‏2؛ 13:‏1-‏4)