مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

94-‏ھېكايە: كىچىك بالىلارنى ياخشى كۆرۈش

94-‏ھېكايە: كىچىك بالىلارنى ياخشى كۆرۈش

قارىڭە، بۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسا كىچىك بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىچىك بالىلارغا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز! بۇ يەردە قاراپ تۇرغانلار ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىرى. ئۇ ئۇلارغا نېمە دەۋاتىدۇ؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، ئەمدىلا قايتىپ كەلدى. يول ئۈستىدە ئەلچىلەر ئۆزئارا تالاش-‏تارتىش قىلىشقانىدى. شۇڭا، سەپەردىن كېيىن، مەسىھ ئەيسا:‏ «يولدا نېمە توغرىسىدا تالاش-‏تارتىش قىلىشتىڭلار؟»، دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە توغرىسىدا تالاش-‏تارتىش قىلىشقانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، ئەيسانىڭ بۇنداق سورىشى، ئەلچىلەرنىڭ قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى.

ئەيسا بىر بالا بىلەن بىللە

ئەلچىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. چۈنكى، ئۇلار يولدا كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش-‏تارتىش قىلىشقانىدى. بەزى ئەلچىلەر قالغان باشقىلىرى قارىغاندا يۇقىرىراق بولۇشنى خالايتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈردى؟

ئەيسا مەسىھ يېنىغا بىر كىچىك بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا:‏ «سىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر ئۆزگىرىپ، كىچىك بالىلاردەك بولمىساڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. پادىشاھلىقتا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغىنى، بۇ بالىغا ئوخشاش بولغۇچىلاردۇر»، دېدى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ گەپنى قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

سەۋەبى، كىچىك بالىلار ئۆزىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى توغرىسىدا ئويلاپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا، ئەلچىلەر چوقۇم كىچىك بالىلاردەك بولۇشنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە ھەرگىز تالاش-‏تارتىش قىلماسلىقى كېرەك.

يەنە بىر قېتىم، ئەيسا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ بالىلارغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىرنەچچە ئايلاردىن كېيىن، بەزى ئادەملەر بالىلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانىدى. ئەلچىلەر ئۇلارنى توسماقچى بولدى. ئەمما، ئەيسا مەسىھ ئەلچىلەرگە:‏ «بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى. ئۇنىڭ كىچىك بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش كىشىنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟!

مەتتا 18:‏1-‏4؛ 19:‏13-‏15؛ ماركۇس 9:‏33-‏37؛ 10:‏13-‏16.



سوئاللار

  • سەپەردىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئەلچىلەر نېمە ھەققىدە تالاش-‏تارتىش قىلىشتى؟
  • ئەيسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن بىر كىچىك بالىنى چاقىرىپ ئەلچىلەرنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى؟
  • ئەلچىلەر قايسى جەھەتتىن كىچىك بالىلارغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك؟
  • بىرقانچە ئايلاردىن كېيىن، ئەيسا كىچىك بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 18:‏1-‏4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا پەيغەمبەر تەلىم بەرگەندە، نېمە ئۈچۈن تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ سۆز قىلدى؟ (مەتتا 13:‏34، 36؛ ماركۇس 4:‏33، 34)

  • مەتتا 19:‏13-‏15-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    پادىشاھلىقنىڭ بەرىكەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، كىچىك بالىلارنىڭ قايسى مىجەز-‏خۇلقىنى چوقۇم ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ (زەبۇر 25:‏9؛ 138:‏6؛ 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏20)

  • ماركۇس 9:‏33-‏37-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتلىرىغا يۇقىرى ئورۇن مەرتىۋە قوغلاشماسلىق ھەققىدە نېمە دەپ تەلىم بەردى؟ (ماركۇس 9:‏35؛ مەتتا 20:‏25، 26؛ گالاتىيالىقلار 6:‏3؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏5-‏8)

  • ماركۇس 10:‏13-‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ يېقىنلىشىش ئاسان، مۇلايىم كىشى ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ جامائەت ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ (ماركۇس 6:‏30-‏34؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏1-‏4؛ 1-‏تىموتىي 4:‏12)