مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

95-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ كىشىلەرگە تەلىم بېرىش ئۇسۇلى

95-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ كىشىلەرگە تەلىم بېرىش ئۇسۇلى

بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئادەمگە نەسىھەت قىلىپ، چوقۇم ئۆز قوشنىسىنى سۆيۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئادەم، ئەيسادىن:‏ «كىم مېنىڭ قوشنام؟»، دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. بۇ ئادەم پەقەت ئۆزى بىلەن ئوخشاش بىر ئىرق ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ قوشنىسى، دەپ قارايتتى. ئۇنداقتا، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۇ ئادەمگە نېمە دېگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

بەزى چاغلاردا، ئەيسا مەسىھ ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق كىشىلەرگە تەلىم بەرگەنىدى. ھازىر ئۇ شۇنداق ئۇسۇلنى قوللاندى. ئۇ بىر يەھۇدىي بىلەن سامارىيىلىك ھەققىدە ھېكايە سۆزلىدى. بىز ئىلگىرى ئۆگەنگەندەك، كۆپۈنچە يەھۇدىيلار سامارىيىلىكلەرنى ياقتۇرمايتتى. ئەيسانىڭ ھېكايىسى مۇنداق:‏

بىر كۈنى، بىر يەھۇدىي تاغ يولى بىلەن ئېرىخا شەھىرىگە مېڭىپتۇ. بىراق يول ئۈستىدە قاراقچىلارغا ئۇچراپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ پۇلىنى بۇلاپ، يەنە ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈپ قىلىپ قويۇپتۇ.

كېيىن، بىر يەھۇدىي روھانىي شۇ يولدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ يارىلانغان ئادەمنى كۆرۈپتۇ. سىزنىڭچە ئۇ نېمە ئىش قىلغاندۇ؟ ئۇ پەقەت يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن، يەنە بىر دىنىي زات ئۇ يەردىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئادەم لاۋىي قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇ توختىدىمۇ؟ ئۇمۇ يارىدار كىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن توختىماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. قاراڭ، ئاشۇ روھانىي بىلەن لاۋىي قەبىلىسدىن بولغان ئادەمنىڭ يىراقتا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

لېكىن، رەسىمگە قارىڭە! ئۇ يارىلانغان كىشى بىلەن بۇ يەردە تۇرغان كىم؟ ئۇ بىر سامارىيىلىك كىشى. ئۇ يەھۇدىي كىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. سامارىيىلىك كىشى ئۇنىڭ جاراھىتىگە دورا سۈركەپ، تېڭىپ قويۇۋاتىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئاشۇ يەھۇدىي كىشىنى ئارام ئېلىپ، ئەسلىگە كېلەلەيدىغان بىر جايغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ.

قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن سامارىيىلىك

ھەزرىتى ئەيسا ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، سوئال سورىغان ئادەمدىن:‏ «سىزنىڭچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى يارىدار بولغان ھېلىقى كىشىگە قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن؟ روھانىي، لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان كىشى ياكى سامارىيىلىك كىشى؟»، دەپ سورىدى.

ئۇ ئادەم:‏ «يارىلانغان كىشىگە مېھرىبانلىق قىلغان، سامارىيىلىك كىشى»، دەپ جاۋاب بەردى.

ھەزرىتى ئەيسا:‏ «توغرا ئېيتتىڭىز. شۇڭا، ئۇ كىشىگە ئوخشاش، سىزمۇ بېرىپ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ»، دېدى.

ئەيسا مەسىھنىڭ باشقىلارغا تەلىم بېرىش ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالساق، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز!

لۇقا 10:‏25-‏37.



سوئاللار

  • بىر ئادەم ئەيسادىن قانداق سوئال سورىدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • بەزى چاغلاردا، ئەيسا پەيغەمبەر قانداق ئۇسۇلدا كىشىلەرگە تەلىم بەرگەنىدى؟ يەھۇدىيلار بىلەن سامارىيىلىكلەر ھەققىدە ئىلگىرى بىز نېمىنى ئۆگەنگەن؟
  • ئەيسا سۆزلىگەن ھېكايىدە، ئېرىخا شەھىرىگە ماڭغان بىر يەھۇدىيغا سەپەر ئۈستىدە نېمە بولغانىدى؟
  • بىر يەھۇدىي روھانىي بىلەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم شۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، نېمە بولدى؟
  • رەسىمدە، كىم ئۇ يارىلانغان يەھۇدىيغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ؟
  • ئەيسا ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، نېمە دەپ سوئال سورىدى؟ ئۇ ئادەم نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • لۇقا 10:‏25-‏37-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسادىن مۇقەددەس كىتابنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئادەم سوئال سورىغاندا، ئۇ ئۇدۇل جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشىغا قانداق ياردەم بەردى؟ (لۇقا 10:‏26؛ مەتتا 16:‏13-‏16)

    ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سەلبىي كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن ئەيسا تەمسىلدىن قانداق پايدىلاندى؟ (لۇقا 10:‏36، 37؛ 18:‏9-‏14؛ تىتۇس 1:‏9)