مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

97-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ پادىشاھ سالاھىيىتىدە كېلىشى

97-‏ھېكايە: ئەيسانىڭ پادىشاھ سالاھىيىتىدە كېلىشى

ئەيسا مەسىھ ئىككى قارغۇ كىشىنى ساقايتقاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي يېرۇسالېمغا يېقىن بىر كىچىك يېزىغا كەلدى. ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككىسىگە:‏ «سىلەر يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەردە بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار»، دېدى.

تەخەينى ئېلىپ كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى. ئاندىن، يېرۇسالېمغا تەخەينى مىنىپ سەپەر قىلدى. ئۇ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چوڭ بىر توپ كىشىلەر ئۇنى كۆرگىلى چىقىشتى. كۆپچىلىك كىشىلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. بەزىلىرى خورما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى كەستى. ئۇلارنىمۇ يولغا سېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا:‏ «يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن كەلگەن پادىشاھنى خۇدا بەرىكەتلىسۇن!»، دەپ توۋلاشتى.

كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانى قارشى ئېلىۋاتىدۇ

ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، ئىسرائىلغا يېڭىدىن پادىشاھ بولغانلارنىڭ ئېشەك مىنىپ يېرۇسالېمغا كىرىپ، خەلق ئالدىدا ئۆزىنى ئاشكارا قىلىش ئۆرپ-‏ئادىتى بار ئىدى. ھازىر دەل ئەيسا شۇنداق قىلىۋاتاتتى. كىشىلەر ئەيسانى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىراق، ھەممىلا كىشىلەر ئەيسانى قارشى ئالغان ئەمەس. بۇنى بىز كېيىن ئەيسا مەسىھ ئىبادەتخانىغا بارغاندا، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.

ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدا قارغۇ ۋە مېيىپ كىشىلەرنى ساقايتتى. كىچىك بالىلار بۇنى كۆرگەندە، ئۇلار ئۇنى مەدھىيىلەپ توۋلاشتى. بىراق، بۇ روھانىيلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن:‏ «بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن»، دەپ سورىدى.

ئەيسا پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ:‏ «شۇنداق، ئاڭلاۋاتىمەن. سىلەر مۇقەددەس كىتابتىكى:‏ «خۇدا كىچىك بالىلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق مەدھىيىلەر كەلتۈرۈر»، دېگەن سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمۇ؟»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، بالىلار خۇدا تەيىنلىگەن پادىشاھ ئەيسانى توختىماي مەدھىيىلەشتى.

بىزمۇ ئاشۇ كىچىك بالىلاردەك بولۇشنى خالايمىز، شۇنداقمۇ؟! بەزى كىشىلەر بەلكىم بىزنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە سۆزلەشتىن توختىتىشقا ئۇرۇنۇپ ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن. بىراق، ئەيسا مەسىھنىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلار ئۈچۈن قانداق ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە باشقىلارغا داۋاملىق خۇش خەۋەر ئېيتىشىمىز كېرەك.

ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىگەنىدى. ئۇنداقتا، ئاشۇ ۋاقىت قاچان كېلىدۇ؟ مەسىھ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بۇنى بىلىشنى بەكمۇ خالىغانىدى. مۇشۇ توغرىسىدا كېيىنكى پارچىدە ئوقۇيمىز.

مەتتا 21:‏1-‏17؛ يۇھاننا 12:‏12-‏16.



سوئاللار

  • ئەيسا يېرۇسالېمغا يېقىن يېزىغا كەلگەندە، ئۇ شاگىرتلىرىنى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟
  • رەسىمگە قاراڭ، ئەيسا مەسىھ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • ئەيسانىڭ قارغۇ ۋە مېيىپنى ساقايتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىچىك بالىلار نېمە ئىش قىلىشتى؟
  • ئەيسا پەيغەمبەر ئاشۇ ئاچچىقلانغان روھانىيلارغا نېمە دېدى؟
  • بىز قانداق قىلساق، ئەيسانى مەدھىيىلىگەن ئاشۇ كىچىك بالىلاردەك بولالايمىز؟
  • ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى نېمىنى بىلىشنى بەكمۇ خالىغانىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 21:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ پادىشاھ سۈپىتىدە يېرۇسالېمغا كىرىشى بىلەن، رىملىق قوماندانلارنىڭ غەلبە بىلەن قايتىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟ (مەتتا 21:‏4، 5؛ زەكەرىيا 9:‏9؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏5-‏8؛ كولوسىلىقلار 2:‏15)

    ئەيسا مەسىھ ئىبادەتخانىغا كىرگەندە، بەزى كىچىك بالىلار زەبۇر 118-‏بابتىكى ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ مەدھىيە ئوقۇشقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ياشلار ئاشۇ ئىسرائىل بالىلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (مەتتا 21:‏9، 15؛ زەبۇر 118:‏25، 26؛ 2-‏تىموتىي 3:‏15؛ 2-‏پېترۇس 3:‏18)

  • يۇھاننا 12:‏12-‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خەلقنىڭ مەسىھ ئەيسانى خورما دەرەخىنىڭ شاخلىرى بىلەن قارشى ئېلىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (يۇھاننا 12:‏13؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏10، ب ج؛ ۋەھىيلەر 7:‏9، 10)