مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

100-‏ھېكايە: ھەزرىتى ئەيسا باغچىدا

100-‏ھېكايە: ھەزرىتى ئەيسا باغچىدا

ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ئۈستىنكى قەۋەتتىكى خانىدىن چىققاندىن كېيىن، بىرلىكتە گېتسىمانە دېگەن باغچىغا باردى. ئۇلار ئىلگىرى بۇ جايغا كۆپ قېتىم كەلگەنىدى. ھازىر ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەرگە سەگەك تۇرۇپ، داۋاملىق دۇئا قىلىشنى جېكىلىدى. ئاندىن، ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۇئا قىلدى.

كېيىن، ئەيسا مەسىھ ئەلچىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. سىزنىڭچە ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۇلار ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئۇلارغا سەگەك تۇرۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ھەر قېتىم ئۇ قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇخلاۋاتقانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئاخىرقى قېتىم ئۇلارنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەندە:‏ «مۇشۇنداق ۋاقىتتا، سىلەر قانداقمۇ ئۇخلىيالايسىلەر؟ دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-‏سائەت يېتىپ كەلدى»، دېدى.

دەل ئاشۇ پەيتتە، بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. قاراڭلار! قىلىچ ۋە كالتەكلەرنى كۆتۈرگەن ئادەملەر كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يورۇتۇش ئۈچۈن مەشئەللەرنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. ئۇلار يېقىن كەلگەندە، بىرى توپنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، ئۇدۇل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى. سىز بۇ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغاندەك، ئۇ ئەيسانى سۆيدى. ئۇ ئادەم ئىشقارىيوتلۇق يەھۇدا ئىدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى سۆيدى؟

يەھۇدانىڭ ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشى

ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭدىن:‏ «يەھۇدا، مۇشۇ سۆيۈشۈڭ بىلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلامسەن؟»، دەپ سورىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ سۆيۈش بىر بەلگە ئىدى. شۇ بەلگە ئارقىلىق يەھۇدا بىلەن بىللە كەلگەنلەر، بۇ ئۇلار تۇتماقچى بولغان ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەمما، پېترۇس ئۇلارنىڭ جەڭ قىلمايلا، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ كېتىشىگە يول قويماي، قىلىچىنى چىقىرىپ، يېنىدا تۇرغان بىر كىشىگە شىلتىدى. لېكىن، قىلىچ ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا تەگمىدى، بىراق قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. بىراق، ئەيسا مەسىھ ئۇ كىشىنىڭ قۇلىقىغا قول تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويدى.

ئەيسا مەسىھ پېترۇسقا:‏ «قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! سېنىڭچە، مەن مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى مېنى قوغداشقا ئەۋەتىشنى سورىيالماسمەنمۇ؟»، دېدى. ئۇ ئەلۋەتتە شۇنداق قىلالايدۇ! بىراق، ئۇ خۇدادىن پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىشنى سورىمىدى. چۈنكى، مەسىھ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇنى تۇتىدىغان ۋاقىت-‏سائىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇنى ئېلىپ مېڭىشىغا يول قويدى. ھازىر مەسىھ ئەيساغا زادى نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

مەتتا 26:‏36-‏56؛ لۇقا 22:‏39-‏53؛ يۇھاننا 18:‏1-‏12.



سوئاللار

  • ئۈستىنكى قەۋەتتىكى خانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى قەيەرگە باردى؟ ئۇ ئەلچىلەرگە نېمە قىلىشنى جېكىلىدى؟
  • ئەيسا ئەلچىلەرنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەندە، نېمىنى كۆردى؟ قانچە قېتىم شۇنداق ئىش يۈز بەردى؟
  • باغقا كىملەر كىرىپ كەلدى؟ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغاندەك، ئىشقارىيوتلۇق يەھۇدا نېمە ئىش قىلدى؟
  • يەھۇدا نېمە ئۈچۈن ئەيسانى سۆيدى؟ پېترۇس نېمە ئىش قىلدى؟
  • ئەيسا پېترۇسقا نېمە دېدى؟ ئەيسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن خۇدادىن پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىشنى سورىمىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 26:‏36-‏56-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا نەسىھەت بېرىش ئۇسۇلىنى، بۈگۈنكى كۈندە جامائەت ئاقساقاللىرى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (مەتتا 20:‏25-‏28؛ 26:‏40، 41؛ گالاتىيالىقلار 5:‏17؛ ئەفەسلىكلەر 4:‏29، 31، 32)

    باشقىلارغا قارشى قورال-‏ياراغ ئىشلىتىشكە، ئەيسا قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟ (مەتتا 26:‏52؛ لۇقا 6:‏27، 28؛ يۇھاننا 18:‏36)

  • لۇقا 22:‏39-‏53-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بىر پەرىشتە گېتسىمانە باغچىسىدا ئەيساغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن پەيدا بولغانىدى، مۇشۇ ئەيسانىڭ ئىمان-‏ئېتىقادتا تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ؟ (لۇقا 22:‏41-‏43؛ يەشايا 49:‏8؛ مەتتا 4:‏10، 11؛ ئىبرانىيلار 5:‏7)

  • يۇھاننا 18:‏1-‏12-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى قانداق ھىمايە قىلغان؟ بۇنىڭدىن بىز قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ (يۇھاننا 10:‏11، 12؛ 18:‏1، 6-‏9؛ ئىبرانىيلار 13:‏6؛ ياقۇپ 2:‏25)