مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

102-‏ھېكايە: ئەيسا مەسىھ تىرىلدى

102-‏ھېكايە: ئەيسا مەسىھ تىرىلدى

بىلەمسىز، رەسىمدىكى بۇ ئايال كىم؟ ئىككى ئەرچۇ؟ ئۇ ئايال مەجدەللىك مەريەم، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دوستى. ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئەر كىشى بولسا پەرىشتىلەر. مەريەم ئىچىگە قاراۋاتقان بۇ كىچىك ئۆي، ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى قويۇلغان جاي، يەنى ئۇنىڭ قەبرىسى. بىراق، ھازىر جەسەت يوق! كىم جەسەتنى ئېلىپ كەتكەندۇ؟ بىز بىرلىكتە قاراپ باقايلى.

پەرىشتىلەر مەجدەللىك مەريەمگە سۆز قىلىۋاتىدۇ

ئەيسا مەسىھ ئۆلگەندىن كېيىن، روھانىيلار پىلاتۇسقا:‏ «ئەيسا ھايات چېغىدا، ئۆلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىمەن دەپ، ئېيتقان. شۇڭا، قەبرىنى قوغداش ئۈچۈن بۇيرۇق بەرگەيسىز. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ كېتەلمەيدۇ ۋە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدى دېيەلمەيدۇ!»، دېدى. پىلاتۇس روھانىيلارغا قەبرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشنى بۇيرۇدى.

بىراق، ئەيسا ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە، خۇدا يەھۋانىڭ پەرىشتىسى ئۇشتۇمتۇت كەلدى. ئۇ قەبرىنىڭ ئېغىزىدىكى تاشنى دوملىتىۋەتتى. ئەسكەرلەر قاتتىق قورقۇشۇپ، قاراپ تۇرۇپلا قېلىشتى. ئاخىرىدا، ئۇلار قەبرە ئىچىگە قارىغان ئىدى، جەسەت يوق! بەزى ئەسكەرلەر شەھەرگە كىرىپ روھانىيلارغا ئېيتتى. ئاشۇ قارا نىيەت روھانىيلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار ئەسكەرلەرگە پۇل بېرىپ يالغان ئېيتقۇزدى. روھانىيلار ئەسكەرلەرگە:‏ «ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا جەسەتنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ، دەڭلار»، دېدى.

ئۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دوستلىرى بولغان بەزى ئاياللار قەبرىنى يوقلاپ باردى. ئۇلار قەبرىنىڭ قۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بەكمۇ ھەيران بولۇشتى! تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى پەرىشتە پەيدا بولدى. ئۇلار:‏ «نېمە ئۈچۈن ئەيسانى بۇ يەردىن ئىزدەيسىلەر؟ ئۇ تىرىلدى. تېز بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ئېيتىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاياللار ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىشتى! بىراق، يولدا بىر ئەر كىشى ئۇلارنى توختاتتى. بىلەمسىز، ئۇ كىشى كىم؟ ئۇ ئەيسا مەسىھ! ئۇ:‏ «بېرىپ شاگىرتلىرىمغا خەۋەر قىلىڭلار»، دېدى.

ئاياللار ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى شاگىرتلارغا خەۋەر قىلغاندا، شاگىرتلار ئىشەنمىدى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۆزلىرى كۆرۈش ئۈچۈن قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى، ئەمما قەبرە قۇرۇق تۇراتتى! پېترۇس بىلەن يۇھاننا كەتكەندىن كېيىن، مەجدەللىك مەريەم ئۇ يەردە قالدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ قەبرىنىڭ ئىچىگە قارىۋىدى، ئىككى پەرىشتىنى كۆردى.

ئەيسانىڭ جەسىتىگە نېمە بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ خۇدا ئۇنى غايىب قىلىۋەتتى. خۇدا ئەيسانىڭ ئۆلۈك تېنىنى تىرىلدۈرمىگەن. ئۇ ئەيسا مەسىھكە خۇددى ئاسماندىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، يېڭى بىر روھى تەننى بەرگەن. بىراق، ئەيسا ئۆزىنىڭ تىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا ئىنسانلار كۆرەلەيدىغان بىر تەن بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولغانىدى. كېيىنكى پارچە ھېكايىدە بۇ توغرىسىدا ئۆگىنىمىز.

مەتتا 27:‏62-‏66؛ 28:‏1-‏15؛ لۇقا 24:‏1-‏12؛ يۇھاننا 20:‏1-‏12.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئايال كىم؟ ئاۋۇ ئىككى ئەر كىم؟ ئۇلار قەيەردە؟
  • پىلاتۇس نېمە ئۈچۈن روھانىيلارغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئەيسانىڭ قەبرىسىنى قوغداشنى ئېيتتى؟
  • ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە بىر پەرىشتە نېمە ئىش قىلدى؟ ئۇنداقتا روھانىيلارچۇ، ئۇلار نېمە قىلدى؟
  • بەزى ئاياللار ئەيسانىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن ھەيران قېلىشتى؟
  • پېترۇس بىلەن يۇھاننا نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ قەبرىسىگە يۈگۈرۈپ باردى؟ ئۇلار نېمىنى كۆردى؟
  • ئەيسانىڭ جەسىتىگە نېمە بولدى؟ ئەيسا ئۆزىنىڭ تىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلغانىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • مەتتا 27:‏62-‏66 ۋە 28:‏1-‏15-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن دىنىي ئۆلىمالار، ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر قانداق قىلىپ مۇقەددەس روھقا قارشى گۇناھ قىلىشتى؟ (مەتتا 12:‏24، 31، 32؛ 28:‏11-‏15)

  • لۇقا 24:‏1-‏12-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ ئاياللارنى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى، ئەيسانىڭ تىرىلىشى ھەققىدىكى خاتىرىلەردىن قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ (لۇقا 24:‏4، 9، 10؛ مەتتا 28:‏1-‏7)

  • يۇھاننا 20:‏1-‏12-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەگەر مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇم بىر بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېنىق چۈشىنەلمىگەندە، سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. مۇشۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە يۇھاننا 20:‏8، 9-‏ئايەت قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (پەندى-‏نەسىھەت 4:‏18؛ مەتتا 17:‏22، 23؛ لۇقا 24:‏5-‏8؛ يۇھاننا 16:‏12)