مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

103-‏ھېكايە: ئىشىكى تاقاقلىق ئۆيگە كىرىش

103-‏ھېكايە: ئىشىكى تاقاقلىق ئۆيگە كىرىش

پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئەيسانىڭ قەبرىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، مەريەم ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. كېيىن، ئۇ ئىگىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىدى. خۇددى ئالدىنقى بەتتىكى رەسىمدە كۆرگىنىمىزدەك، ئۇ قەبرە ئىچىدە تۇرغان ئىككى پەرىشتىنى كۆردى! ئۇلار ئۇنىڭدىن:‏ «نېمىشقا يىغلايسىز؟»، دەپ سورىدى.

مەريەم جاۋاب بېرىپ:‏ «ئۇلار ئۇستازىمىزنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى قەيەردە قويغانلىقىنى بىلمىدىم»، دېدى. ئاندىن كېيىن، مەريەم كەينىگە ئۆرۈلۈپ بىر كىشىنى كۆردى. ئۇ مەريەمدىن:‏ «كىمنى ئىزدەيسىز؟»، دەپ سورىدى.

مەريەم ئۇ كىشىنى ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتكەن باغۋەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى. شۇڭا، ئۇ:‏ «ئەگەر ئۇنى سىز ئېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز»، دېدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشى ئەيسا ئىدى. ئۇ مەريەمگە تونۇش بولمىغان تەندە پەيدا بولغانىدى. بىراق، ئەيسا مەريەمنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا، مەريەم بۇ كىشىنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، شاگىرتلارغا:‏ «مەن ئۇستازنى كۆردۈم!»، دەپ خەۋەر قىلدى.

شۇ كۈنى سەل كېيىنرەك بىر ۋاقىتتا، ئىككى شاگىرت ئېمايۇس دېگەن يېزىغا كېتىپ بارغاندا، بىر كىشى سەپەردە ئۇلارغا قوشۇلدى. بۇ ئىككى شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك، قاتتىق قايغۇرغانىدى. بىراق، بۇ كىشى سەپەر جەريانىدا، مۇقەددەس كىتابتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇلارغا چۈشەندۈرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىرئاز كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئاخىرىدا، ئۇلار غىزالىنىش ئۈچۈن توختىغاندا، بۇ كىشىنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى تونۇدى. بىراق، ئەيسا شۇئان غايىب بولدى. ئۇ ئىككى شاگىرت ئۆزلىرىنىڭ ئەيسانى كۆرگەنلىكىنى ئەلچىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن دەرھال يېرۇسالېمغا قايتىپ ماڭدى.

دەل شۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقىمۇ كۆرۈندى. باشقا ئەلچىلەر بۇنى ئاڭلاپ، بەك ھاياجانلاندى. كېيىن، ھېلىقى ئىككى شاگىرت يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ ئەلچىلەرنى تاپتى ۋە ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ سەپەر ئۈستىدە ئۆزلىرىگە قانداق كۆرۈنگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار مۇشۇ ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قانداق ئىش يۈز بەردى، بىلەمسىز؟

رەسىمگە قاراڭ. گەرچە ئىشىك تاقاقلىق بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھ ئۆي ئىچىدە پەيدا بولدى. شاگىرتلار نەقەدەر خۇشال بولۇشقان، ھە! بۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟ يادىڭىزدىمۇ، ھازىرغىچە مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە قانچە قېتىم كۆرۈندى؟ ساناپ بېقىڭە! بەش قېتىم، شۇنداققۇ؟!

ئەيسانىڭ شاگىرتلارغا كۆرۈنۈشى

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنگەندە، ئەلچى توماس ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى. شۇڭا، شاگىرتلار ئۇنىڭغا:‏ «بىز ئۇستازىمىزنى كۆردۇق!»، دېدى. بىراق، توماس:‏ «ئۇستازنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن چاغدا، ئاندىن ئىشىنىمەن»، دېدى. سەككىز كۈندىن كېيىن، شاگىرتلار ئىشىكنى تاقاپ بىر ئۆيدە يىغىلىپ جەم بولدى. بۇ قېتىم توماسمۇ ئۆيدە بار ئىدى. تۇيۇقسىزلا، ئەيسا مەسىھ ئۆي ئىچىدە پەيدا بولدى. توماس ئەمدى ئىشەندى.

يۇھاننا 20:‏11-‏29؛ لۇقا 24:‏13-‏43.



سوئاللار

  • مەريەم باغۋەن دەپ ئويلىغان كىشىگە نېمە دېدى؟ ئۇ كىشىنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى مەريەم قانداق تونۇدى؟
  • ئېمايۇس يېزىسىغا كېتىپ بارغان ئىككى شاگىرتقا نېمە بولدى؟
  • ئىككى شاگىرت ئەلچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەيسانى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قانداق ئىش يۈز بەردى؟
  • ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە نەچچە قېتىم كۆرۈندى؟
  • شاگىرتلار ئەيسا مەسىھنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقاندا، توماس نېمە دېدى؟ بىراق، سەككىز كۈندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يۇھاننا 20:‏11-‏29-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا پەيغەمبەر يۇھاننا 20:‏23-‏ئايەتتە، ئىنسان گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دېگەنمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ؟ (زەبۇر 49:‏2، 7؛ يەشايا 55:‏7؛ 1-‏تىموتىي 2:‏5، 6؛ 1-‏يۇھاننا 2:‏1، 2)

  • لۇقا 24:‏13-‏43-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار قەلبنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟ (لۇقا 24:‏32، 33؛ ئەزرا 7:‏10؛ مەتتا 5:‏3؛ ئەلچىلەر 16:‏14؛ ئىبرانىيلار 5:‏11-‏14)