مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

105-‏ھېكايە: يېرۇسالېمدا كۈتۈش

105-‏ھېكايە: يېرۇسالېمدا كۈتۈش

بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى. ئۇلار مەسىھنىڭ تاپشۇرۇقىغا قۇلاق سېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇلار ھەممىسى بىر جايغا جەم بولۇپ كۈتۈپ تۇرغاندا، خۇددى قاتتىق چىققان شامالنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋاز پۈتۈن ئۆي ئىچىنى قاپلىدى. ئارقىدىن، تىلغا ئوخشاش ئوت يالقۇنى ھەربىر شاگىرتنىڭ بېشى ئۈستىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ھەربىر كىشىنىڭ بېشى ئۈستىدە تۇرغان ئوت يالقۇنىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا، بۇ ئىشنىڭ قانداق مەنىسى بار؟

مۇقەددەس روھنىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىشى

بۇ بىر مۆجىزە! ئەيسا مەسىھ ئاسمانغا قايتىپ چىقىپ، خۇدا بىلەن بىرگە بولدى. ھازىر خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈستىگە تۆكۈۋاتاتتى. مۇقەددەس روھنىڭ ئۇلارنى نېمە قىلىشقا ھەرىكەت قىلدۇرغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار ھەرخىل تىللاردا سۆزلەشكە باشلىدى.

يېرۇسالېمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق بىر شامالنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش شاۋقۇن-‏سۈرەننى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا، ئۇلار نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلدى. كىشىلەر ئارىسىدا، باشقا دۆلەتلەردىن يېرۇسالېمغا ئىسرائىللارنىڭ ئورما ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. بۇ مېھمانلار ھەيران بولۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى! ئۇلار شاگىرتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا، خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى.

مېھمانلار:‏ «بۇلار ھەممىسى جەلىلىيىلىكلەرغۇ، ئۇنداقتا ئۇلار قانداقلارچە بىزنىڭ دۆلەتلىرىمىزدىكى ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشەلەيدۇ؟»، دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئەيسانىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ۋە خۇدا يەھۋانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. پېترۇس:‏ «ھازىر ئەيسا ئاسماندا خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھنى تۆكتى. مۇشۇ سەۋەب، سىلەرمۇ بۇ مۆجىزىلەرنى كۆردۈڭلار ۋە ئاڭلىدىڭلار»، دېدى.

پېترۇس بۇ گەپلەرنى قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىشتى. ئاندىن ئۇلار:‏ «قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟»، دەپ سوراشتى. پېترۇس ئۇلارغا:‏ «توۋا قىلىپ ئۆزگىرىڭلار ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار»، دېدى. ئاشۇ كۈنى، تەخمىنەن 3000 چە كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈپ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولدى.

ئەلچىلەر 2:‏1-‏47.



سوئاللار

  • رەسىمدە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يېرۇسالېمدا كۈتۈپ تۇرغاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • باشقا دۆلەتتىن يېرۇسالېمغا كەلگەن مېھمانلار نېمە ئۈچۈن ھەيران بولۇشتى؟
  • پېترۇس كىشىلەرگە نېمە دەپ چۈشەندۈردى؟
  • پېترۇسنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىشىلەر نېمە ئىش قىلدى؟ ئۇ ئۇلارغا نېمە قىلىشنى ئېيتتى؟
  • مىلادى 33-‏يىلى، ئورما ھېيتى كۈنىدە قانچىلىك كىشى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 2:‏1-‏47-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەلچىلەر 2:‏23، 36-‏ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن پېترۇسنىڭ سۆزى، ئەيسانىڭ ئۆلۈمىگە بارچە يەھۇدىي خەلقىنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (1-‏سالونىكالىقلار 2:‏14، 15)

    مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسەن ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشتا، پېترۇس قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟ (ئەلچىلەر 2:‏16، 17، 29، 31، 36، 39؛ كولوسىلىقلار 4:‏6)

    ئەيسا «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى» پېترۇسقا بېرىشنى ۋەدە قىلغانىدى. ئۇنداقتا، پېترۇس تۇنجى ئاچقۇچنى قانداق ئىشلەتتى؟ (ئەلچىلەر 2:‏14، 22-‏24، 37، 38؛ مەتتا 16:‏19)