مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

108-‏ھېكايە: دەمەشققە بارىدىغان يول ئۈستىدە

108-‏ھېكايە: دەمەشققە بارىدىغان يول ئۈستىدە

يەردە ياتقان ئۇ ئادەم كىم، بىلەمسىز؟ ئۇ سائۇل. ئىستىپاننى چالما-‏كېسەك قىلغانلارنىڭ چاپانلىرىغا قاراپ تۇرغان ئادەم، يادىڭىزدا بارمۇ؟ بۇ دەل شۇ ئادەم. ئاۋۇ كۈچلۈك نۇرغا قاراڭ! زادى نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقاندۇ؟

ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سائۇل باشچى بولۇپ ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئىزدەپ يۈردى. ئۇ ئۆيمۇ-‏ئۆي كىرىپ، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى تارتىپ چىقىپ، زىندانغا تاشلىدى. نۇرغۇن شاگىرتلار باشقا شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەرلەردە «خۇش خەۋەر» نى جاكارلاشقا باشلىدى. بىراق، سائۇل باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى تۇتتى. مانا ئۇ ھازىر دەمەشققە بارىدىغان يول ئۈستىدە. ئەمما، يول ئۈستىدە مۇنداق بىر ئاجايىپ ئىش يۈز بەردى:‏

توساتتىن، كۈچلۈك بىر نۇر ئاسماندىن چۈشۈپ، سائۇلنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. بىز كۆرۈپ تۇرغاندەك، ئۇ يەرگە يىقىلدى. ئاندىن كېيىن، بىر ئاۋاز:‏ «سائۇل، سائۇل! نېمىشقا ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟»، دېدى. سائۇل بىلەن بىللە ماڭغان كىشىلەر نۇرنى كۆردى ۋە ئاۋازنى ئاڭلىدى. بىراق، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى.

كۈچلۈك نۇر سائۇلنىڭ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويدى

سائۇل:‏ «ئى تەقسىر، سەن كىمسەن؟»، دېدى.

ھېلىقى ئاۋاز جاۋاب بېرىپ:‏ «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا»، دېدى. ئەيسا مەسىھ شۇنداق دېگەن ئىدى، چۈنكى سائۇل ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغاندا، ئەيسا خۇددى ئۆزى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقاندەك ھېس قىلغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، سائۇل:‏ «ئى ئۇستاز، نېمە ئىش قىلىشىم كېرەك»، دەپ سورىدى.

ئەيسا مەسىھ:‏ «ئورنىڭدىن تۇرۇپ، دەمەشق شەھىرىگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ»، دېدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزىنى ئاچتى. ئۇ ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ئۇ قارغۇ بولدى! شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن كىشىلەر سائۇلنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى.

ئەيسا مەسىھ دەمەشقتە تۇرىدىغان شاگىرتلىرىدىن بىرىگە سۆز قىلىپ:‏ «ھانانىيا، ئورنىڭدىن تۇر. سەن تۈز دېگەن كوچىغا بار. يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن سائۇل ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاپ. مەن ئۇنى مېنىڭ ئالاھىدە خىزمەتچىم بولۇشقا تاللىدىم»، دېدى.

ھانانىيا شۇ بويىچە قىلدى. ئۇ سائۇل بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇپ:‏ «ئۇستاز، سېنى كۆرىدىغان بولسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى ئەۋەتتى»، دېدى. شۇ ھامان، سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن قاسىراقتەك نەرسىلەر چۈشۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولدى.

ئەيسا مەسىھ سائۇلنى ئالاھىدە خىزمەتكە سالدى، يەنى ئۇنى ھەرخىل مىللەت كىشىلىرىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچى پاۋلۇس دېگەن ئىسىم بىلەن ھەممە كىشىگە تونۇلدى. كېيىنرەك، ئۇ توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگىنىمىز. بىراق، بىز ئاۋۋال خۇدا پېترۇسنى نېمە ئىش قىلىشقا ئەۋەتتى، كۆرۈپ باقايلى.

ئەلچىلەر 8:‏1-‏4؛ 9:‏1-‏20؛ 22:‏6-‏16؛ 26:‏8-‏20.



سوئاللار

  • ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سائۇل نېمە ئىش قىلدى؟
  • سائۇل دەمەشققە بارىدىغان يولدا كېتىپ بارغاندا، قانداق ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەردى؟
  • ئەيسا مەسىھ سائۇلغا نېمە ئىش قىلىشنى ئېيتتى؟
  • ئەيسا ھانانىياغا قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى؟ قانداق قىلىپ سائۇل قايتا كۆرەلەيدىغان بولدى؟
  • سائۇل قايسى ئىسىم بىلەن ھەممە كىشىگە تونۇلدى؟ ئەيسا سائۇلنى قانداق خىزمەتكە سالدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 8:‏1-‏4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يېڭىدىن قۇرۇلغان ئېتىقادچىلار جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا قانداق تۈرتكە بولدى؟ يېقىنقى زاماندا، ئىلگىرىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قانداق ئىش يۈز بەردى؟ (ئەلچىلەر 8:‏4؛ يەشايا 54:‏17)

  • ئەلچىلەر 9:‏1-‏20-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا قايسى ئۈچ ۋەزىپىنى سائۇلنىڭ ئورۇندىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان؟ (ئەلچىلەر 9:‏15؛ 13:‏5؛ 26:‏1؛ 27:‏24؛ رىملىقلار 11:‏13)

  • ئەلچىلەر 22:‏6-‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ھانانىيادەك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ شۇنداق قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ (ئەلچىلەر 22:‏12؛ 1-‏تىموتىي 3:‏7؛ 1-‏پېترۇس 1:‏14-‏16؛ 2:‏12)

  • ئەلچىلەر 26:‏8-‏20-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    پاۋلۇسنىڭ ئۆزگىرىپ، يەھۋانىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىشى، بۈگۈنكى كۈندە ئېرى ياكى ئايالى يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغانلارنى نېمە ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ (ئەلچىلەر 26:‏11؛ 1-‏تىموتىي 1:‏14-‏16؛ 2-‏تىموتىي 4:‏2؛ 1-‏پېترۇس 3:‏1-‏3)