مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

111-‏ھېكايە: ئۇخلاپ قالغان بالا

111-‏ھېكايە: ئۇخلاپ قالغان بالا

ئاپلا! بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟ يەردە ياتقان ئۇ بالا بەك ئېغىر زەخمىلەنگەن ئوخشىمامدۇ؟ قارىڭە! ئۆيدىن چىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى پاۋلۇس ئىكەن! كۆردىڭىزمۇ، تىموتىيمۇ بار ئىكەن؟ ئۇ بالا دېرىزىدىن چۈشۈپ كەتكەندەك قىلامدۇ، نېمە؟

پاۋلۇسنىڭ ئەفتىكۇسنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن كېلىشى

شۇنداق، بۇ ئىش تېخى ھازىرلا يۈز بەرگەنىدى. تروئاس شەھىرىدە، پاۋلۇس شاگىرتلارغا نۇتۇق سۆزلەپ تەلىم بېرىۋاتقانىدى. ئۇ ئۇزۇنغىچە ئۇلارنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى، ئۇ ئەتىسى كېمە بىلەن سەپەر قىلماقچى ئىدى. شۇڭا، ئۇ كۆپچىلىككە يېرىم كېچىگىچە سۆزلىدى.

ئەفتىكۇس ئىسىملىك بۇ بالا دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى، كېيىن ئۇخلاپ قالدى. ئۇ دېرىزىنىڭ سىرتىغا يىقىلىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە چۈشتى! شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ نېمە ئۈچۈن بەكمۇ ئەنسىرىگەندەك كۆرۈنگەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ئۇلار بالىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، دەل ئۇلار ئەنسىرىگەندەك، ئۇ ئۆلگەنىدى!

پاۋلۇس بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ، ئۇنى قۇچاقلىدى. ئاندىن ئۇ:‏ «ئەنسىرىمەڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىدى!»، دېدى. دېگەندەك، ئۇ ھايات! بۇ بىر مۆجىزە! پاۋلۇس ئۇنى تىرىلدۈرگەنىدى! كۆپچىلىك ھەممىسى خۇشال-‏خۇراملىققا چۆمۈشتى.

ئۇلار ھەممىسى قايتا ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، تاماق يېيىشتى. پاۋلۇس تاڭ ئاتقۇچە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. بىراق، ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىم ئەفتىكۇس چوقۇم ئۇخلاپ قالمىغان! ئاندىن كېيىن، پاۋلۇس، تىموتىي ۋە باشقا بىرگە سەپەر قىلغۇچىلار كېمىگە چىقتى. ئۇلارنىڭ قەيەرگە بارماقچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟

پاۋلۇس ئەمدىلا ئۈچىنچى قېتىملىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرغان بولۇپ، ھازىر ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. پاۋلۇس بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئەفەس شەھىرىدە ئۈچ يىل تۇرغانىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئالدىنقى ئىككى قېتىمقى سەپىرىدىن ئۇزۇنراق بولدى.

تروئاستىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كېمە مىلېت شەھىرىدە بىرئاز ۋاقىت توختىدى. ئەفەس بۇ يەردىن بىرنەچچە چاقىرىم يىراقلىقتا بولغاچقا، پاۋلۇس ئادەم ئەۋەتىپ، ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئاقساقاللىرىنى مىلېتكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇلار بىلەن پاراڭلىشالىدى. كېيىن، پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرغاندا، ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ماڭغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بەك يېرىم بولدى!

كېمە ئاخىرى قەيسەرىيەگە يېتىپ كەلدى. پاۋلۇس ئۇ يەردە شاگىرت فىلىپنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندا، ئاگابۇس پەيغەمبەر پاۋلۇسنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پاۋلۇس يېرۇسالېمغا بارغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دەرۋەقە، شۇنداق ئىش يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس قەيسەرىيەدە ئىككى يىل زىنداندا ياتقاندىن كېيىن، رىم ھۆكۈمرانى قەيسەرنىڭ سوت قىلىشى ئۈچۈن رىمغا ئەۋەتىلدى. ئۇنداقتا، رىمغا بېرىش سەپىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەلچىلەر 19-‏بابتىن 26-‏بابقىچە.



سوئاللار

  • رەسىمدە، يەردە ياتقان بالا كىم؟ ئۇ بالىغا نېمە بولدى؟
  • پاۋلۇس بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەندە، نېمە ئىش قىلدى؟
  • پاۋلۇس، تىموتىي ۋە باشقا بىرگە سەپەر قىلغۇچىلار قەيەرگە بارماقچى بولۇشتى؟ ئۇلار مىلېت شەھىرىدە توختىغاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • ئاگابۇس پەيغەمبەر پاۋلۇسنى نېمە دەپ ئاگاھلاندۇردى؟ خۇددى ئۇ پەيغەمبەر ئېيتقاندەك، نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 20:‏7-‏38-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەلچىلەر 20:‏26، 27-‏ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئاساسەن، قانداق قىلىپ بىز ھەم «ھەرقانداق بىر كىشى قۇتقۇزۇلمىسا، مەن جاۋابكار ئەمەسمەن»، دەپ ئېيتالايمىز؟ (ھەزقىيال 33:‏8؛ ئەلچىلەر 18:‏6، 7)

    جامائەت ئاقساقاللىرى باشقىلارغا تەلىم بەرگەندە، نېمە ئۈچۈن «ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن ئىشەنچىلىك تەلىمدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك»؟ (ئەلچىلەر 20:‏17، 29، 30؛ تىتۇس 1:‏7-‏9؛ 2-‏تىموتىي 1:‏13)

  • ئەلچىلەر 26:‏24-‏32-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسا مەسىھ تاپشۇرغان ۋەز ئېيتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پاۋلۇس ئۆزىنىڭ رىم پۇقراسى سالاھىيىتىدىن قانداق پايدىلاندى؟ (ئەلچىلەر 9:‏15؛ 16:‏37، 38؛ 25:‏11، 12؛ 26:‏32؛ لۇقا 21:‏12، 13)