مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

112-‏ھېكايە: كېمىنىڭ غەرق بولۇشى

112-‏ھېكايە: كېمىنىڭ غەرق بولۇشى

قاراڭ! كېمە خەتەرلىك ئەھۋالدا، ئۇ نەچچە پارچە بولۇپ كەتتى! سۇغا سەكرەۋاتقان كىشىلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ بەزىلەر ئاللىقاچان قىرغاققا چىقىپ بولدى. ئاۋۇ كىشى پاۋلۇس ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

كېمە غەرق بولغاندا ئامان قالغانلار

يادىڭىزدا بارمۇ، قەيسەرىيەدە پاۋلۇس ئىككى يىل زىنداندا ياتقانىدى. كېيىن، ئۇ ۋە باشقا مەھبۇسلارنى كېمىگە سېلىپ، رىمغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار كرىت ئارىلىغا يېقىن جايدىن ئۆتكەندە، بوران-‏چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بوران-‏چاپقۇن تېخىمۇ كۈچىيىپ، كېمىچىلەر كېمىنى ھەيدەشكە ئامالسىز قالدى. ئۇلار بىرنەچچە كۈن قۇياشنى ياكى كېچىسى يۇلتۇزلارنى كۆرەلمىدى. نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا كېمىدىكى كىشىلەر ھايات قېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنىدى.

شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ:‏ «ھېچقايسىڭلارنىڭ ھاياتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ؛ پەقەت كېمە ۋەيران بولىدۇ. تۈنۈگۈن كېچە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كېلىپ، ماڭا:‏ «پاۋلۇس قورقما! سەن چوقۇم رىم ھۆكۈمرانى قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. خۇدا سەن بىلەن سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ»، دېدى»، دەپ ئېيتتى.

بوران-‏چاپقۇن باشلىنىپ، 14-‏كۈنى يېرىم كېچە ئەتراپىدا، كېمىچىلەر سۇنىڭ تېيىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى! ئۇلار كېمىنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، سۇغا لەڭگەر تاشلىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇلار دېڭىز قولتۇقىنى كۆرۈپ، كېمىنى قىرغاققا ھەيدەپ بارماقچى بولۇشتى.

ئۇلار قىرغاققا قاراپ ماڭغاندا، كېمە دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، دېڭىز دولقۇنلىرى كېمىگە سوقۇلۇشقا باشلاپ، كېمە چۇۋۇلۇپ پارچىلانغىلى تۇردى. مەھبۇسلارغا مەسئۇل لەشكەر باشلىقى:‏ «سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلار ئاۋۋال سۇغا سەكرەپ، قىرغاققا ئۈزۈڭلار. ئاندىن قالغانلار سەكرەپ، كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىۋېلىپ، قىرغاققا چىقىڭلار»، دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار شۇنداق قىلدى. نەتىجىدە، دەل خۇدانىڭ پەرىشتىسى ۋەدە قىلغاندەك، كېمىدىكى 276 كىشىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر قىرغاققا چىقىۋالدى.

ئۇ ئارال مالتا، دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ئىدى. ئۇلار خەتەردىن ئامان قالغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. كېيىن، ھاۋا ياخشىلانغاندا، ئەسكەرلەر باشقا بىر كېمە بىلەن پاۋلۇسنى رىمغا ئېلىپ ماڭدى.

ئەلچىلەر 27:‏1-‏44؛ 28:‏1-‏14.



سوئاللار

  • پاۋلۇس ئولتۇرغان كېمە كرىت ئارىلىغا يېقىن جايدىن ئۆتكەندە، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • پاۋلۇس كېمىدىكى كىشىلەرگە نېمە دېدى؟
  • قانداق قىلىپ كېمە چۇۋۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتتى؟
  • مەھبۇسلارغا مەسئۇل لەشكەر باشلىقى قانداق بۇيرۇق قىلدى؟ قانچە كىشى بىخەتەر قىرغاققا چىقىۋالدى؟
  • ئۇلار چىقىۋالغان ئارالنىڭ ئىسمى نېمە؟ ھاۋا ياخشىلانغاندا، پاۋلۇسقا نېمە بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئەلچىلەر 27:‏1-‏44-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    پاۋلۇسنىڭ رىم سەپىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، مۇقەددەس كىتابنىڭ توغرىلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز قانداق كۈچىيىدۇ؟ (ئەلچىلەر 27:‏16-‏19، 27-‏32؛ لۇقا 1:‏3؛ 2-‏تىموتىي 3:‏16، 17)

  • ئەلچىلەر 28:‏1-‏14-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە مالتا ئارىلىدىكى كىشىلەر يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئەمەس بولسىمۇ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كېمە غەرق بولغاندا ئامان قالغان باشقىلارغا «ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى». ئۇنداقتا، بىز يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك؟ قايسى ئۇسۇلدا؟ (ئەلچىلەر 28:‏1، 2؛ ئىبرانىيلار 13:‏1، 2؛ 1-‏پېترۇس 4:‏9)