مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

8-‏قىسىم: مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى

8-‏قىسىم: مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى

مۇقەددەس كىتاب پەقەت ئۆتمۈشتە يۈز بېرىپ ئۆتكەن ھەقىقىي تارىخى ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپ قالماستىن، يەنە كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئىنسان كەلگۈسىدە نېمە بولارىنى بىلمەيدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتاب كەلگۈسى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

مۇقەددەس كىتاب كەلگۈسى ھەققىدە:‏ «خۇدانىڭ بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇشى بولىدۇ؛ خۇدا بۇ ئۇرۇشتا، يەر يۈزىدىكى بارلىق يامانلىق ۋە يامانلىق قىلغۇچى كىشىلەرنى يوق قىلىدۇ، ئەمما ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنى قوغدايدۇ؛ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى تىنچلىق ۋە خۇشال-‏خۇراملىقتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇلار مەڭگۈ كېسەل بولماي ياكى ئۆلمەي ياشايدۇ، دېگەن ۋەدىنى خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئەيسا مەسىھ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ»، دەپ خەۋەر بېرىدۇ.

خۇدانىڭ يەر يۈزىنى يېڭى بىر جەننەت ماكانغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئويلىساق، شەك-‏شۈبھىسىزكى، شاد-‏خۇراملىققا چۆمىمىز، شۇنداققۇ؟! بىراق، بۇ جەننەتتە ياشاش ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىز زۆرۈر. بۇ كىتابتىكى ئەڭ ئاخىرقى ھېكايىدە، خۇدا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارغا تەييار قىلىدىغان ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمىز لازىملىقىنى ئۆگىنىمىز. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتاب كەلگۈسى ھەققىدە نېمە ئىشنى ئالدىن ئېيتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، 8-‏قىسىمنى ئوقۇپ باقايلى.

جەننەتنىڭ بىر مەنزىرە كۆرۈنۈشى