مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

115-‏ھېكايە: يەر يۈزىدىكى يېڭى جەننەت

115-‏ھېكايە: يەر يۈزىدىكى يېڭى جەننەت

قاراڭ، ئاۋۇ ئېگىز دەل-‏دەرەخلەر، گۈل-‏گىياھلار ۋە تاغ چوققىلىرىغا! بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى گۈزەلمىكەن؟! ئۇ بۇغىنىڭ كىچىك بالىنىڭ قولىدىكى نەرسىنى يەۋاتقانلىقىغا قاراڭ. شىرلار بىلەن ئاتلارنىڭ ئاۋۇ ئوتلاقتا بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرىدىڭىزمۇ؟! شۇنداق گۈزەل جايدا ياشاشنى خالىمامسىز؟

خۇدا سىزنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشىشىڭىزنى خالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئاغرىق ۋە ھەرخىل كېسەللىك ئازابلىرىنى تارتىۋاتىدۇ. ئەمما، خۇدا سىزنىڭ ئۇنداق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىڭىزنى خالىمايدۇ. كەلگۈسىدە يېڭى جەننەتتە ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتاب:‏ «خۇدا ئۇلار بىلەن بولىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، يىغا-‏زار، قايغۇ-‏ئەلەممۇ بولمايدۇ. ئىلگىرىكى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى»، دەپ ۋەدە بېرىدۇ.

يەھۋا خۇدا مۇشۇ ئاجايىپ ئۆزگىرىشنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. قاچان ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، بىلەمسىز؟ شۇنداق، ئۇ يەر يۈزىدىكى بارلىق يامان ئىشلار ۋە يامان ئادەملەرنى يوق قىلغاندىن كېيىن. ئېسىڭىزدە بارمۇ، ئەيسا پەيغەمبەر يەر يۈزىدە بولغاندا، ھەرخىل ئاغرىق ۋە كېسەللەرنى ساقايتقان، ھەتتا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەنىدى. ئەيسا مەسىھ ئاشۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، ئۇ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغاندا، پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

يەر يۈزىدىكى يېڭى جەننەتتە بولىدىغان بەختلىك تۇرمۇشنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭە! ئەيسا مەسىھ بەزى كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن ئاسماندا بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللىغانىدى. ئاشۇ پادىشاھلار يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلاردىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى بەخت-‏سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. خۇدانىڭ بىزنى يەر يۈزىدىكى يېڭى جەننەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىمىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

ۋەھىيلەر 21:‏3، 4؛ 5:‏9، 10؛ 14:‏1-‏3.

جەننەتنىڭ بىر مەنزىرە كۆرۈنۈشى


سوئاللار

  • مۇقەددەس كىتاب، بىزنىڭ كەلگۈسىدە يەر يۈزى جەننەتتە قانداق ھايات كەچۈرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ؟
  • كەلگۈسىدە جەننەتتە ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب قانداق ۋەدە بېرىدۇ؟
  • خۇدا ئاشۇ ئاجايىپ ئۆزگىرىشنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قاچان ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟
  • ئەيسا پەيغەمبەر يەر يۈزىدە بولغاندا قىلغان ئىشلىرى، كەلگۈسىدە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغاندا، نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
  • ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسماندا پادىشاھلىق قىلغۇچىلار يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، ئىنسانلار ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ۋەھىيلەر 5:‏9، 10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    كەلگۈسىدە يەر يۈزى ئۈستىدىن مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغانلارنىڭ ئىنسانلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان مېھىر-‏شەپقەتلىك پادىشاھلار ۋە روھانىي ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرۈۋالالايمىز؟ (ئەفەسلىكلەر 4:‏20-‏24؛ 1-‏پېترۇس 1:‏7؛ 3:‏8؛ 5:‏6-‏10)

  • ۋەھىيلەر 14:‏1-‏3-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئاتىنىڭ ئىسمى بىلەن قوزىنىڭ ئىسمى 144000 كىشىنىڭ پېشانىسىگە يېزىلغان، دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ (1-‏كورىنتلىقلار 3:‏23؛ 2-‏تىموتىي 2:‏19؛ ۋەھىيلەر 3:‏12)