مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏باب

ئەيسا مەسىھ كىم؟

ئەيسا مەسىھ كىم؟

ئەيسانىڭ ئالاھىدە رولى نېمە؟

ھەزرىتى ئەيسا قەيەردىن كەلگەن؟

ئۇ قانداق شەخس ئىدى؟

دۇنـيـادا نۇرغۇن مەشھۇر داڭلىق شەخسلەر بار. بەزىلىرى ئۆزلىرى تۇرغان مەھەللە، شەھەر ياكى دۆلەتتە ھەممىگە تونۇشلۇق. يەنە بەزىلىرى بولسا پۈتۈن دۇنياغا تونۇشلۇق. مەيلى قانداق بولسۇن، پەقەتلا ئىسىمنىڭ داڭقىنى بىلىش ھەرگىز سىزنىڭ ئۇ كىشىنى ھەقىقىي بىلگەنلىكىڭىزنى يەنى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن قانداق بىر شەخس ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ.

2 گەرچە ئەيسا مەسىھ 2000 يىل ئىلگىرى يەر يۈزىدە ياشىغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۇ توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى بىلىدۇ. ھازىرغىچە، ئەيسانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئېنىق بىر نەرسە بىلمەيدۇ، ئۇلار قايمۇقۇپ كەتكەن. بەزى كىشىلەر، ئۇ ياخشى ئادەم ئىدى دەيدۇ. يەنە بەزىلەر، ئۇ پەقەت پەيغەمبەر خالاس دەپ جاكارلايدۇ. باشقىلىرى، ئەيسا بولسا خۇدا ھەمدە بىز ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئىشىنىشىدۇ. مۇشۇ توغرىمۇ؟

3 ئەيسا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش سىز ئۈچۈن مۇھىم. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئەبەدىي تىرىكلىك بۇدۇركى سەن ۋاھىد [بىردىن-‏بىر] خۇدانى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونوغايلار» دەيدۇ (يۇھاننا 17:‏3). يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش، يەر يۈزىدىكى جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتەكلەيدۇ (يۇھاننا 14:‏6). ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەزرىتى ئەيسا قانداق ياشاش ۋە باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان (يۇھاننا 13:‏34، 35). مۇشۇ كىتابنىڭ 1-‏بابىدا، ئاللا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى مۇنازىرە قىلغان ئىدۇق. ئەمدى مۇقەددەس كىتاب ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا نېمە ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلايلى.

ئاللا تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان مەسىھ

4 ئەيسا تۇغۇلۇشتىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، خۇدا ئەۋەتىدىغان بىرسىنىڭ مەسىھ سۈپىتىدە كېلىدىغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن. مۇقەددەس كىتابتىكى «مەسىھ» (ئىبرانىچدىن كەلگەن سۆز) ۋە «خرىستوس» (گېرىكچىدىن كەلگەن سۆز) دېگەن نام-‏ئۇنۋانلار ھەر ئىككىسىنىڭ مەنىسى «بېشىغا ياغ قۇيۇلغان كىشى». مۇقەددەس كىتاب زامانىدا بىر كىشى ئالاھىدە ۋەزىپە ئورنىغا قويۇلسا، بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ مەسىھ قىلىنىپ ئاندىن ۋەزىپە ئورنىغا قويۇلغانلىقى جاكارلىناتتى. شۇڭا بۇ ۋەدە قىلىنغان «بېشىغا ياغ قۇيۇلغان كىشى» خۇدا تەرىپىدىن تاللىنىپ ئالاھىدە ۋەزىپە ئورنىغا قويۇلغان. مۇشۇ كىتابنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا مەسىھنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى ھەمدە ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن ئۇ نۇرغۇن پايدا-‏مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆگىنىمىز. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئەيسا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹زادى كىم مەسىھ سۈپىتىدە كېلىدىغاندۇ؟› دەپ بىلگۈسى كەلگەن.

5 بىرىنچى ئەسىردە ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىن بېشارەت قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشەنگەن (يۇھاننا 1:‏41). شاگىرتلارنىڭ بىرى بولغان سىمۇن پېتىر ئىسىملىك كىشى:‏ ئەيسا «سەن مەسىھ» دەپ ئوچۇق ئېيتقان (مەتتا 16:‏16). ئەيسانىڭ ھەقىقەتەن ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى قانداق جەزملەشتۈرەلىگەن؟ ئۇنداقتا، بىز قانداق جەزىملەشتۈرەلەيمىز؟

6 ئەيسا پەيغەمبەردىن ئىلگىرى ياشىغان ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىرى مەسىھ توغرىسىدا نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن. مۇشۇ تەپسىلاتلار، باشقىلارنىڭ ئۇنى پەرق ئېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ. بىز مۇنداق بىر مىسال ئالايلى:‏ سىز ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان بىر كىشىنى، ئادەم ناھايىتى باس-‏باس بولۇپ كەتكەن ئاپتوبۇس بېكىتى ياكى پويىز ئىستانسىسى ۋە ياكى ئايرودرومغا بېرىپ ئېلىپ كېلىشنى بىرسى سىزدىن ئۆتۈندى دەپ پەرەز قىلايلى. ئەگەر بىرسى سىزگە ئاشۇ كېلىدىغان كىشى توغرىسىدا ئازراق تەپسىلاتلارنى ئېيتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ سىزگە ياردىمى بولامدۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار يەھۋا مۇقەددەس كىتابنى يازغان پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى بىلەن مەسىھ كەلگۈسىدە نېمە قىلىدۇ ۋە نېمە ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ دېگەنلەرنى خېلىلا تەپسىلىي تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئاشۇ كۆپلىگەن ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى نۇرغۇن ساداقەتمەن ئادەملەرنىڭ مەسىھنى ئېنىق تونۇشىغا ياردەم قىلىدۇ.

7 پەقەت ئىككىلا دەلىل ئىسپات توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:‏ بىرىنچى، مەسىھ تۇغۇلۇشتىن 700 يىل ئىلگىرى، پەيغەمبەر مىخا ۋەدە قىلىنغان كىشىنىڭ يەھۇدىيەنىڭ بىر كىچىك شەھىرى بەيتلەھەمدە تۇغۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت ئېيتقان (مىخا 5:‏2). ئۇنداقتا، ئەيسا زادى قەيەردە تۇغۇلغان؟ دەل ئاشۇ بەيتلەھەمدە! (مەتتا 2:‏1، 3-‏9). ئىككىنچى، ئۇزۇن ئەسىرلەر ئىلگىرى، مۇقەددەس كىتابنىڭ دانىيال 9-‏باب 25-‏ئايىتىدە خاتىرىلەنگەن بېشارەتتە، مەسىھنىڭ ئاشكارا بولىدىغان ۋاقتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ — دەل مىلادى 29-‏يىلى.* مۇشۇلار ۋە باشقا بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەيسانىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەيسا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلمەكتە

ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندە مەسىھ بولۇپ تەيىنلەندى

8 ئەيسانىڭ تەخمىنەن مىلادى 29-‏يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەسىھ بولۇپ كەلگەنلىكى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاندى. شۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەيسا ئىئوردان دەرياسىدا سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ قېشىغا بارغان. تەڭرى يەھۋا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بىر بەلگىنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ مەسىھنى تونۇيالىغان. يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانى چۆمۈلدۈرگەندە شۇ بەلگىنى كۆرگەن. مۇقەددەس كىتاب نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:‏ ئەيسا «تەمىد ئالغاندىن [چۆمۈلدۈرۈلگەندىن] كېيىن دەرھال سۇدىن چىقتى ۋە مانا ئاسمانلار ئېچىلدى ۋە خۇدانىڭ روھى كەپتەردەك نازىل بولۇپ ئۈستىگە كەلگىنىنى كۆردى. ۋە مانا ئاسمانلاردىن:‏ ئۇنىڭ بىلەن خۇش رىزايىم [رازىلىقىم] بار ئامراق ئوغلۇم بۇدۇر دەپ بىر ئاۋاز چىقتى» (مەتتا 3:‏16، 17 ). نېمە ئىش يۈز بەرگىنىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەھيا پەيغەمبەر ئەيسانىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىگە گۇمان قىلمىغان (يۇھاننا 1:‏32-‏34). خۇدانىڭ روھى ياكى ھەرىكەت كۈچى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن شۇ كۈن ئاشۇ ۋاقىت-‏سائەتتە، ئەيسا، مەسىھ بولغان ھەمدە ئۇ باشلامچى ياكى پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلەنگەن. — يەشايا 55:‏4.

9 مۇقەددەس كىتاب بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە يەھۋا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقى شۇنى روشەن كۆرسىتىدۇكى، ھەزرىتى ئەيسا ۋەدە قىلىنغان مەسىھ. بىراق، مۇقەددەس كىتاب ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى ئىككى باشقا مۇھىم سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ ئۇ قەيەردىن كەلگەن ۋە ئۇ زادى قانداق شەخس ئىدى؟

ئەيسا قەيەردىن كەلگەن؟

10 مۇقەددەس كىتاب، ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئاسماندا ياشىغان دەپ تەلىم بېرىدۇ. مىخا پەيغەمبەر ئەيسانىڭ بەيتلەھەمدە تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن. يەنە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى «يىلتىزى قەدىمدىن» دەپ ئالدىن ئېيتقان (مىخا 5:‏2). ئەيسا ئۆزى ئىنسان بولۇپ تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ئاسماندا ياشىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان (يۇھاننا 3:‏13؛ 6:‏38، 62؛ 17:‏4، 5). ئەيسا ئاسماندا روھى زات بولغان ۋاقتىدا، ئاللا يەھۋا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە بولغان.

11 ئەيسا، يەھۋا خۇدانىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى، بۇنداق بولۇشىدا ناھايىتى ئالاھىدە سەۋەب بار. ئۇ «ھەممە مەخلۇقاتلاردىن ئىلگىرى بولۇپ تۇنجىدۇر»، چۈنكى خۇدا تۇنجى بولۇپ ئۇنى ياراتقان# (كولوسىلىقلار 1:‏15). بۇ ئوغۇلنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بەزى ئىشلار بار. ئۇ «يالغۇز ئوغۇل» (يۇھاننا 3:‏16). بۇنداق دېگىنىمىز، پەقەتلا ئەيسا بىۋاسىتە خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەھۋا باشقا ھەممە نەرسىلەرنى ياراتقاندا يالغۇز ئەيسانى ئىشلىتىپ ياراتقان (كولوسىلىقلار 1:‏16). شۇڭلاشقا، ئەيسا يەنە «خۇدانىڭ سۆزى» دەپمۇ ئاتالغان (يۇھاننا 1:‏14). بۇ بىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى، ئۇ خۇداغا ۋەكىللىك قىلىپ خۇدانىڭ باشقا بالىلىرى يەنى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلارغا خۇدا ئاتىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ ۋە تەلىم بېرىپ خۇدا ئۈچۈن سۆزلىگەنلىكى شەك-‏شۈبھىسىزدۇر.

12 بەزى كىشىلەر ئىشەنگەندەك، تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل خۇدا بىلەن تەڭ بولامدۇ؟ بۇ مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى ئەمەس. بىز ئالدىنقى ئابزاستا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئوغۇل بولسا يارىتىلغان. شۇڭلاشقا، ناھايىتى روشەنكى ئەيسانىڭ بىر باشلىنىشى بولغان. ئەكسىچە، يەھۋا خۇدانىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق (زەبۇر 90:‏2). بۇ يالغۇز ئوغۇل ھەتتا ئۆزىنى ئاتىسىغا تەڭ ئورۇندا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان. مۇقەددەس كىتاب ئاتا ئوغۇلدىن ئۇلۇغدۇر دەپ ئېنىق ئۆگىتىدۇ (يۇھاننا 14:‏28؛ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3). يالغۇز يەھۋا «ھەممىگە قادىر خۇدا» (يارىتىلىش 17:‏1، ھ.ز.). شۇڭا، ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق.%

13 يۇلتۇزلۇق ئاسمانلار ۋە يەرشارى يارىتىلىشتىن ئىلگىرى، مىليارد يىللار يەھۋا بىلەن ئەيسا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۇلارنىڭ بىر-‏بىرىگە بولغان مېھر-‏مۇھەببىتى نېمە دېگەن چوڭقۇر، ھە! (يۇھاننا 3:‏35؛ 14:‏31). ئەيسانىڭ ئەخلاق-‏پەزىلەت ۋە خاسلىقى ياراتقۇچى ئىگە يەھۋاغىلا ئوخشاش. بۇ نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئەيسانى:‏ «كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرىتى» دەپ تىلغا ئالغانلىقىدۇر (كولوسىلىقلار 1:‏15). راست، بىر ئىنسان بالىسى ئۆز ئاتىسىغا ھەرخىل يوللار بىلەن يېقىن ئوخشىغاندەك، خۇدانىڭ ئاسماندىكى ئوغلى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەخلاق-‏پەزىلەت ۋە خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

14 يەھۋا خۇدانىڭ يالغۇز ئوغلى رازىلىق بىلەن ئاسماندىن ئايرىلغان ۋە يەرگە ئىنسان بولۇپ ياشاش ئۈچۈن چۈشكەن. بىراق سىز ئەجەبلىنىپ:‏ ‹بىر روھى جانلىقنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە تۇغۇلۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟› دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاللا يەھۋا بىر مۆجىزە كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆز تۇنجى ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ئاسماندىن مەريەم ئىسىملىك بىر پاك يەھۇدىي قىزنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگەن. شۇڭا ئەيسانىڭ ھاياتى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئاتىدىن كەلمىگەن. مەريەم شۇڭا بىر مۇكەممەل ئوغۇل تۇغقان ھەمدە ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويغان. — لۇقا 1:‏30-‏35.

ھەزرىتى ئەيسا قانداق شەخس ئىدى؟

15 ئەيسا يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، نېمە دېگەن ۋە نېمە قىلغانلىقى بىزنىڭ ئۇنى ياخشى بىلىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق پەرۋەردىگار يەھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنەلەيمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەيسا ئۆز ئاتىسى خۇدانىڭ ئېسىل ئەخلاق-‏پەزىلەت ۋە خاراكتېر-‏سۈپەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ دەل نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ بىرىگە:‏ «مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى ھەم كۆرۈپتۇر» دەپ ئېيتقانلىقىدۇر (يۇھاننا 14:‏9). مۇقەددەس كىتابنىڭ مەتتا، ماركۇس، لۇقا، يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر قىسىملىرى ئىنجىل — ئەيسا مەسىھنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىش-‏ئىزلىرى، ئەخلاق-‏پەزىلىتى ھەم خاراكتېر-‏سۈپەتلىرى توغرىسىدا بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

16 ھەزرىتى ئەيسا «ئۇستاز» سۈپىتىدە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان (يۇھاننا 1:‏38؛ 13:‏13). ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئۆگەتكەن؟ ئۇنىڭ تەلىمى ئاساسلىقى «پادىشاھلىقنىڭ خۇش خەۋىرى». بۇ پادىشاھلىق بولسا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدۇر يەنى ئاسماندىكى ھۆكۈمەت بولۇپ، كەلگۈسىدە پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ۋە ئىتائەتچان كىشىلەر ئۈچۈن پۈتمەس-‏تۈگىمەس بەخت-‏سائادەتلەر ئېلىپ كېلىدۇ (مەتتا 4:‏23). بۇ كىمنىڭ تەلىمى؟ ئەيسا ئۆزى:‏ «مېنىڭ تەلىمىم مېنىڭكى ئەمەس بەلكى مېنى [ئەۋەتكۈچىنىڭكى] دۇر»، يەنى يەھۋا خۇدانىڭكى دېگەن (يۇھاننا 7:‏16). ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ مۇشۇ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنىڭ ئاڭلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 8-‏بابتا بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇ قانداق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۆگىنىمىز.

ئەيسا شاگىرتلىرىغا تەلىم بەرمەكتە

ئەيسا مەسىھ قەيەردە ئادەم بولسا شۇ يەردە خۇش خەۋەر تارقاتتى

17 ھەزرىتى ئەيسا قەيەردە تەلىم بەردى؟ ھەممە جايلاردا ئۇ كىشىلەرنى ئىزدەپ تاپقان. يېزا-‏قىشلاق، كەنتلەر، شەھەرلەر، بازارلار ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تەلىم بەرگەن. ئەيسا ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ قېشىغا كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرمىغان، ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغان (ماركۇس 6:‏56؛ لۇقا 19:‏5، 6). نېمە ئۈچۈن مەسىھ ئۆزىنى بېغىشلاپ شۇنچە ئۇزۇن ۋە كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ خۇش خەۋەر تارقاتقان ۋە تەلىم بەرگەن؟ چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىرادىسى. ئەيسا ھەردائىم ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلغان (يۇھاننا 8:‏28، 29). لېكىن، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقاتقانلىقىنىڭ باشقا سەۋەبى — ئۇ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن كىشىلەر توپى ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتقان (مەتتا 9:‏35، 36). شۇ زامانلاردا دىنىي يېتەكچى ئۇستازلار، خۇدا ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ھەقىقەتنى كىشىلەرگە ئۆگىتىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئاشۇ كىشىلەر دىنىي يېتەكچى ئۇستازلار تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قارالغان. ئەيسا مەسىھ كىشىلەرنىڭ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشقا نەقەدەر موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

18 ئەيسا مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، مېھر-‏مۇھەببەتلىك قىزغىن ئادەم ئىدى. شۇڭا، باشقىلار ئۇنىڭ ناھايىتى چىقىشقاق ۋە مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ھەتتا كىچىك بالىلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا ئەركىن ھېس قىلغان (ماركۇس 10:‏13-‏16). ئەيسا مەسىھ ھەققانىي ئىدى. ئۇ خىيانەتچىلىك ۋە ناھەقلىقنى ئۆچ كۆرەتتى (مەتتا 21:‏12، 13). شۇڭا ئاياللار ناھايىتى ئاز ھۆرمەتلىنىدىغان ۋە كىچىكىنە ئىمتىيازغا ئىگە ئاشۇ زامانلاردا، مەسىھ ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ياخشى مۇئامىلىدە بولغان (يۇھاننا 4:‏9، 27). ئەيسا ھەقىقەتەن كەمتەر بولۇپ بىر قېتىم ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ، ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى قۇللار قىلىدىغان ئىشنى قىلغان ئىدى.

1. ئەيسا خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتماقتا؛ 2. ئەيسا كېسەل كىشىلەرنى ساقايتماقتا

19 ئەيسا موھتاجلىقتا قالغان كىشىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ كۈچى ئارقىلىق مۆجىزە كۆرسىتىپ كېسەل كىشىلەرنى داۋالاپ ساقايتقان. بۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مەتتا 14:‏14). مەسىلەن، بىر ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىغا كېلىپ:‏ «خالىساڭ مېنى پاكىزە قىلالۇرسەن» دېدى. شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا مەسىھ بۇ كېسەل كىشىنىڭ تارتقان ئاغرىق ئازابنى ئۆز تېنىدىكى ئاغرىق ئازابىدەك ھېس قىلدى ھەمدە ئىچى ئاغرىغان ھالدا قولىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ كېسەل كىشىگە قول تەگكۈزۈپ:‏ «خالايمەن پاكىزە بولغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كېسەل كىشى ساقايدى (ماركۇس 1:‏40-‏42). ئاشۇ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟

ئاخىرغىچە ساداقەتمەن بولۇش

20 ئەيسا مەسىھ، ئاللاغا ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئۇ ھەرقانداق، ھەرخىل قارشىلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇبەتلىك ئەھۋال ئاستىدا ئاسماندىكى ئاتىسىغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلىغان. ئەيسا شەيتاننىڭ قايمۇقتۇرۇش سىناقلىرىغا قەتئىي ۋە ئوڭۇشلۇق قارشى تۇرغان (مەتتا 4:‏1-‏11). ئەيسانىڭ تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلمىغان ۋاقىتلاردا، ھەتتا ئۇنى:‏ «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دېيىشكەن ئىدى (ماركۇس 3:‏21، ھ.ز.). بىراق، ئەيسا ئۇلارنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماي، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى توختاتماي قىلىۋەرگەن. گەرچە باشقىلار ئەيسا مەسىھنى ھاقارەتلىگەن ۋە خورلىغان بولسىمۇ، ئەيسا ئاخىرغىچە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ھەرگىز ئويلاپ باققان ئەمەس. — 1-‏پېترۇس 2:‏21-‏23.

21 مەسىھنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنى ناھايىتى ۋەھشىي قىيىنىغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچە خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغان (فىلىپىلىكلەر 2:‏8). ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە قانداق ئازابلارغا بەرداشلىق بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئويلاپ باقايلى. ئۇ قولغا ئېلىنىپ ساختا گۇۋاھچىلار تەرىپىدىن ئەيىبلەندى؛ چىرىكلەشكەن ھاكىملار تەرىپىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدى؛ توپىلاڭچىلار ئۇنى زاڭلىق قىلىپ، ئەسكەرلەر قىيىنىدى؛ ئاخىرىدا ئۇ تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاندى ۋە ئۇ ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىدە:‏ «تامام بولدى»، دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىدى (يۇھاننا 19:‏30). لېكىن، مەسىھ ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈنى ئاسماندىكى ئاتىسى ئۇنى تىرىلدۈرۈپ روھى ھاياتلىققا قايتۇردى (1-‏پېترۇس 3:‏18). بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتتى. ئاسماندا ئۇ «خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ» خۇدا بېرىدىغان پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كۈتتى. — ئىبرانىيلار 10:‏12، 13.

22 ئەيسا ئۆلگۈچە خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش ئارقىلىق نېمە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؟ ئەمەلىيەتتە، يەھۋا خۇدانىڭ ئەسلى مەقسەت قىلغىنىغا ئوخشاش، مەسىھنىڭ ئۆلۈمى بىزنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن يول ئاچتى. نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمى مۇشۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؟ كېيىنكى بابتا مۇشۇ سوئال ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقى ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. — مەتتا 16:‏16.
  • ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئۇزۇن ۋاقىتلار ئىلگىرى ئاسماندا روھى جانلىق سۈپىتىدە ياشىغان. — يۇھاننا 3:‏13.
  • ئەيسا ياخشى ئۇستاز، مۇلايىم ۋە قىزغىن كىشى؛ خۇداغا پۈتۈنلەي ئىتائەتچان بولغۇچىلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى. — مەتتا 9:‏35، 36.

*  ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك بولغان دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى توغرىسىدا بىر چۈشەندۈرۈش بار. قوشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.

#  خۇدانىڭ بىر ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ياكى توي قىلىش نەتىجىسىدە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشىغا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. ئاللا — ئۇ روھتۇر. «ئوغۇل»، «قېرىنداش»، «ئاتا» قاتارلىق سۆزلەر كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ياشتا چوڭ كىشىلەر كىچىكلەرنى «بالام»، «ئوغلۇم»، «قىزىم» دەپ چاقىرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئارىسىدا ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق. «سەھرا ئوغلى» بۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ سەھرا بىر ئوغۇل تۇغدى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا، پەرۋەردىگار يەھۋا بولسا ئاتا دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئۇ ياراتقۇچى (يەشايا 64:‏8). ھەزرىتى ئەيسا، خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان شۇڭا ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتالغان. ھەمدە مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ باشقا روھى ياراتمىلىرى يەنى پەرىشتىلەر ھەتتا ئىنسان يەنى ئادەم-‏ئاتا خۇدانىڭ ئوغۇللىرى دەپ ئاتالغان. — ئايۇپ 1:‏6؛ لۇقا 3:‏38.

%  تۇنجى ئوغۇلنىڭ ئاتىغا تەڭداش ئەمەسلىكى توغرىسىدا كۆپرەك ئىسپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن مەلۇم بىر كىشىنىڭ داڭقى توغرىسىدا ئاڭلاش ئاشۇ كىشىنى ھەقىقىي تونۇغانلىق ھېسابلانمايدۇ؟ (2) ئەيسانىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا قانداق قايمۇقۇشلار بار؟

3. نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ ئەيسا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىشىڭىز ناھايىتى مۇھىم؟

4. «مەسىھ» ۋە «خرىستوس» دېگەن نام-‏ئۇنۋانلارنىڭ نېمە مەنىسى بار؟

5. شاگىرتلار ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قانداق ئىشەنگەن؟

6. پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ مەسىھنى تونۇشىغا قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ.

7. ئەيسا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قايسى ئىككى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؟

8، 9. ھەزرىتى ئەيسا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندە ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكى قانداق ئىسپاتلاندى؟

10. مۇقەددەس كىتاب، ئەيسانىڭ يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋالقى مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا قانداق بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ؟

11. مۇقەددەس كىتاب، ئەيسانىڭ يەھۋا خۇدانىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟

12. تۇنجى ئوغۇلنىڭ خۇدا بىلەن تەڭ ئەمەس ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟

13. مۇقەددەس كىتاب نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەيسانى:‏ «كۆزگە كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرىتى» دەپ تىلغا ئالغان؟

14. قانداق قىلىپ يەھۋا خۇدانىڭ يالغۇز ئوغلى بۇ دۇنياغا ئىنسان بولۇپ تۇغۇلغان؟

15. نېمە ئۈچۈن بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەھۋا خۇدانى ياخشىراق چۈشىنەلەيمىز؟

16. ئەيسانىڭ ئاساسلىق تەلىمى نېمە؟ ئۇنىڭ تەلىمى قەيەردىن كەلگەن؟

17. ھەزرىتى ئەيسا قەيەردە تەلىم بەرگەن؟ ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىپ تەلىم بەردى؟

18. ئەيسا مەسىھنىڭ قايسى سۈپەت-‏خاراكتېرلىرى سىزنى ئۆزىگە ئەڭ جەلپ قىلىدۇ؟

19. قايسى مىسال ئەيسا مەسىھنىڭ موھتاجلىقتا قالغان كىشىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟

20، 21. قانداق قىلىپ ئەيسا مەسىھ خۇداغا ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى؟

22. مەسىھ ئۆلگۈچە خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش ئارقىلىق نېمە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؟