مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

6-‏باب

ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قەيەردە بولىدۇ؟

ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قەيەردە بولىدۇ؟

ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىز ئۆلىمىز؟

ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش كۆڭلىمىزنى تەسەللىي تاپقۇزالامدۇ؟

يـۇقـىـرىـدىـكـى سوئاللار توغرىسىدا كىشىلەر نەچچە مىڭ يىل ئىزدەنگەن. ئاشۇ مۇھىم سوئاللاردۇر. مەيلى كىم بولىشىمىزدىن ياكى قەيەردە ياشىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئاشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى بىز ھەربىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

2ئالدىنقى بابتا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى قانداق قىلىپ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يول ئاچقانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلغان ئىدۇق. بىز يەنە مۇقەددەس كىتاب ئالدىن ئېيتقان:‏ كەلگۈسىدە «ئۆلۈم يەنە بولماس» دېگەن بېشارەتنى كۆرگەن (ۋەھىيلەر 21:‏4). ئەمما، ھازىر ھەربىرىمىز ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. قەدىمدە ناھايىتى دانا پادىشاھ، سۇلايمان پەيغەمبەر:‏ «ئۆلىمىز دەپ تىرىك تۇرغانلار بىلەدۇر» دېگەن (ۋەز 9:‏5). ھەربىرىمىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە ئۇزۇنراق ياشاشقا ئۇرۇنۇپ باقىمىز. يەنە، ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەم بىلگىمىز كېلىدۇ.

3 بىزنىڭ يېقىن ئادەملىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە، ناھايىتى قايغۇرىمىز. ھەمدە قەلبىمىزدە تۆۋەندىكىدەك سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن:‏ ‹ئۇلارغا زادى نېمە بولىدىغاندۇ؟ ئۇلار ئازاب چېكەمدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەرۋاھلىرى بىزنى قوغدامدىغاندۇ؟ بىز ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيمىزمۇ؟ بىز ئۇلارنى قايتا كۆرەلەمدۇق؟› مۇشۇ سوئاللارغا دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دىنلار ھەرخىل جاۋابلارنى بېرىدۇ. مەسىلەن، بەزى دىنلار:‏ ياخشى ئىش قىلغان ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن ئاسمانغا ياكى جەننەتكە بارىدۇ، يامان ئىش قىلغان ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا بارىدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ. يەنە بەزى دىنلار:‏ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن روھلار دۇنياسىغا بېرىپ ئۆز ئەجدادلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ. يەنە باشقىلىرى بولسا:‏ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن سوتلىنىپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ ۋە قايتا ھايات بولۇپ شەكىللىنىدۇ — يەنى قايتىدىن باشقا بىر ئىنسان تېنىدە دۇنياغا تۇغۇلىدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ.

4 ئاشۇ دىنلارنىڭ دىنىي تەلىملىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر ئاساسىي ئورتاق چۈشەنچە بار. ئۇ بولسىمۇ، ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم بىر نەرسە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەنە مەۋجۇت بولۇپ داۋاملىق ياشايدۇ دېگەندىن ئىبارەتتۇر. قەدىمدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە، بارلىق دىنلار دېگۈدەك:‏ ئادەملەر مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا مەڭگۈ ياشايدۇ، تەن ئۆلسىمۇ بىز يەنە كۆرەلەيمىز، ئاڭلىيالايمىز ۋە ئويلىيالايمىز دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ؟ بىزنىڭ سەزگۈمىز ۋە ئوي-‏پىكىرىمىز مېڭىمىزنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆلگەندە مېڭە ئىقتىدارى ئىشتىن توختايدۇ. بىزنىڭ ئەسلىمىمىز، ھېس-‏تۇيغۇمىز ھەمدە سەزگۈمىز داۋاملىق ئۆز ئىقتىدارىنى تەندىن ئايرىلىپ ئالاھىدە سىرلىق يوللار بىلەن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مېڭە ئۆلسە، ئۇنىڭ ھەممە ئىقتىدارى تەڭ يوقىلىدۇ.

ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟

ئوتى ئۆچۈپ قالغان شام

ئوت يالقۇنى قەيەرگە غايىب بولدى؟

5 ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى پەرۋەردىگار يەھۋا ئۈچۈن سىرلىق ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئىنساننى ياراتقان. ئۇ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىدۇ. ئۇ ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتا، ئۆلۈك ئادەمنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:‏ ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى توختايدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ. ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ قارمۇ-‏قارشىدۇر. ئۆلۈك ئادەم كۆرمەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ ياكى ئويلىمايدۇ. ھەتتا بىزنىڭ بەدىنىمىز ئۆلگەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ ياشايدىغان مەلۇم كۆرۈنمەيدىغان بىر قىسىمىمىز بولمايدۇ. بىزدە مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان روھ ياكى جان يوق.*

6 سۇلايمان پەيغەمبەر:‏ ھايات كىشىلەر ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ دەپ ئېيتقان. يەنە ئۇ:‏ «ئۆلۈكلەر ھېچ نېمە بىلمەس» دەپ يازغان. ئۇ تېخىمۇ ئېنىقراق ئاساسىي ھەقىقەتنى ئېچىپ:‏ ئۆلۈكلەردە نە مۇھەببەت، نە نەپرەت يوق دەپ مۇقەددەس كىتابتىكى — گۆردە «خاھ [مەيلى] ئىش خاھ پىكىر قىلىش خاھ بىلىشلىك خاھ دانالىق يوقتۇر» دېگەن ئايەتنى يېزىپ قالدۇرغان (ۋەز 9:‏5، 6، 10). يەنە زەبۇر 146-‏باب 4-‏ئايەتتە:‏ ئادەم ئۆلگەندە «مەسلىھەتلىرى يوق بولۇپ كەتمەمدۇر» دەپ يېزىلغان. مۇشۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىز ئۆلىمىز ۋە ئۆلگەندە ھەممە نەرسە بىراقلا يوقىلىدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىز خۇددى كۆيۈۋاتقان شامنىڭ يالقۇنىغا ئوخشايدۇ. شام ئۆچۈپ قالسا، كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنى يوقالغاندەك بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ يوقىلىدۇ خالاس.

ئەيسا مەسىھ ئۆلۈم توغرىسىدا نېمە ئېيتقان

7 ئەيسا ئۆلۈك ئادەمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلىگەن. ئۇ ئوبدان تونۇيدىغان لازار ئىسمىلىك بىر كىشى ئۆلۈپ كەتكەندە:‏ «دوستىمىز لازار ئۇخلاپتۇر» دېگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئەيسا مەسىھ لازارنىڭ كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئارام ئېلىپ ئۇخلىغانلىقىنى ئېيتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان. بىراق، ئەيسا ئۇنى كۆزدە تۇتمىغان. ئۇ:‏ «لازار ئۆلۈپتۇر» دەپ چۈشەندۈرگەن (يۇھاننا 11:‏11-‏14). دىققەت قىلىپ باقساق، ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمنى ئارام ئېلىش ۋە ئۇيقۇغا سېلىشتۇرغان. لازار جەننەتتە ياكى ئوت كۆيۈۋاتقان دوزاختا بولمىغان. ئۇ پەرىشتىلەر ياكى ئەجدادلىرى بىلەن كۆرۈشمىگەن. ئۇ باشقا بىر ئىنساننىڭ تېنىدە قايتىدىن بۇ دۇنياغا تۇغۇلمىغان. خۇددى چۈشمۇ كۆرمەي قاتتىق ئۇخلىغان ئادەمگە ئوخشاش، ئۇ ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئارام ئالغان. باشقا ئايەتلەرمۇ ئوخشاش ئۆلۈمنى ئۇيقۇ بىلەن سېلىشتۇرغان. مەسىلەن، ئىستىپان ئىسىملىك بىر شاگىرت چالما-‏كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، مۇقەددەس كىتابتا:‏ ئۇ «ئۆلۈمدە ئۇخلىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن (ئەلچىلەر 7:‏60). شۇنداقلا، ئەلچى پاۋلۇس ھەم ئۆز خېتىدە ئەيسانىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى توغرىسىدا:‏ ئۇلار ئاللىقاچان «ئۆلۈمدە ئۇخلاپتۇر» دەپ تىلغا ئالغان. — 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏6.

بەختلىك بىر جۈپ

پەرۋەردىگار يەھۋا ئىنسانلارنى يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشىسۇن دەپ ياراتقان

8 ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشى، ئاللانىڭ دەسلەپكى مەقسىتىمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق! ئاللا يەھۋا ئىنساننى يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن ياراتقان. بىز مۇشۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى بابلىرىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، ئاللا بىرىنچى بىر جۈپ ئىنساننى شاد-‏خۇراملىققا تولغان جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ ئۇلارغا بەخت-‏سائادەت ئاتا قىلىپ ئۇلارغا مۇكەممەل ساغلام تەن بەرگەن. يەھۋا پەقەت ئۇلارغا ياخشى بولۇشنى خالىغان. قايسى بىر مېھر-‏مۇھەببەتلىك ئاتا-‏ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئازابلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ قېرىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالايدۇ؟ ئەلۋەتتە ھېچقانداق ئاتا-‏ئانا خالىمايدۇ! پەرۋەردىگار يەھۋا ئۆز پەرزەنتلىرىنى سۆيگەن، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە تۈگىمەس شاد-‏خۇراملىقتىن ھۇزۇرلىنىشىنى خالىغان ئىدى. ئىنسانلار توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب:‏ پەرۋەردىگار يەھۋا «ئەبەدىلىكنى ئادەملەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە قويۇپتۇر» دەپ ئېيتقان (ۋەز 3:‏11). ئاللا بىزنى مەڭگۈ ياشاش ئارزۇ-‏ئۈمىدى بىلەن بىللە ياراتقان ۋە بىزنىڭ ئاشۇ ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن يول ئاچقان.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ؟

9 ئۇنداقتا، ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ؟ جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، يەرشارىدا پەقەت بىر ئەر ۋە بىر ئايال بار بولغان ئاشۇ چاغدا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتاب:‏ «خۇدا بولسا يەرنىڭ ئۆزىدە كۆرۈنىشى چىرايلىق بولۇپ يېيىشكە ياخشى بولغان ھەر قىسىم دەرەخنى…ئۈندۈرۈپ چىقارغان ئىدى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ (يارىتىلىش 2:‏9). لېكىن، يەھۋا خۇدا ئادەم-‏ئاتىغا بىر چەكلەش بۇيرۇقى بېرىپ:‏ «باغدىكى ھەممە دەرەخلەردىن خالىغىنىڭنى يېگەيسەن. ئەمما ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دەرىخىدىن يېمىگىن. چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنىڭدە جەزمەن ئۆلۈرسەن دېدى» (يارىتىلىش 2:‏16، 17). بۇ بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا مېۋىسىدىن يېيىشىگە بولىدىغان نۇرغۇن باشقا دەرەخلەر بار ئىدى. بىراق ئۇلارغا بېرىلگەن ئاشۇ بۇيرۇق مۇكەممەل ھاياتلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارغا بېرىلگەن ھەممە نەرسە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالاھىدە بىر پۇرسەتنى خۇدا ئۇلارغا يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئاشۇ بۇيرۇققا ئىتائەت قىلغان بولسا، ئۇلار ئاسماندىكى ئاتىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مېھر-‏مۇھەببەتلىك بىلەن كۆرسەتكەن كۆرسەتمىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتەلەيتتى.

10 ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى، ئاشۇ تۇنجى بىر جۈپ ئىنسان تەڭرى يەھۋاغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى تاللىغان. شەيتان يىلان ئارقىلىق سۆزلەپ ھاۋا-‏ئانىدىن:‏ «خۇدا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار دېدىمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ھاۋا-‏ئانا جاۋاب بېرىپ:‏ «باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىدىن يەرمىز. ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ توغرىسىدا خۇدا سۆز قىلىپ:‏ مۇنىڭدىن يېمەڭلار قولمۇ تەگكۈزمەڭلار بولمىسا ئۆلۈپ قالۇرسىز دەپ ئېيتتى دېدى». — يارىتىلىش 3:‏1-‏3.

11 شەيتان ھاۋا-‏ئانىغا:‏ «ھەرگىز ئۆلمەيسىز بەلكى قايسى كۈن مۇنىڭدىن يېسىڭىز كۆزلىرىڭىز ئېچىلىپ ياخشى يامانلىقنى بىلىشتە خۇدادەك بولۇپ قېلىشىڭىزنى خۇدا ئۆزى بىلۇر دېدى» (يارىتىلىش 3:‏4، 5). شەيتان، ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئاشۇ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلەيمەن دەپ ئىشىنىشىنى خالىغان. شەيتاننىڭ دېگىنى بويىچە، ھاۋا-‏ئانىدا ئۆزى ئۈچۈن نېمە توغرا ۋە نېمە خاتا ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقى بار بولغان؛ ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىش ھوقۇقى بولغان. شەيتان يەنە پەرۋەردىگار يەھۋانى ئاشۇ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا يالغان ئېيتىدۇ دەپ خۇداغا تۆھمەت قىلغان ئىدى. ھاۋا-‏ئانا شەيتانغا ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاشۇ چەكلەنگەن مېۋىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ يېدى. ئۇ يەنە ئاشۇ مېۋىدىن ئۆز ئېرىگە بەردى. ئۇنىڭ ئېرىمۇ ئۇ مېۋىدىن يېدى. ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلماسلىقى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بىلمىگەنلىكىدىن ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاللا ئۇلارنىڭ قىلىشىنى چەكلىگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئاشۇ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىش ئارقىلىق ئۇلار ئاددىي ۋە ئورۇنلۇق ئاشۇ بۇيرۇققا قەستەن ئىتائەتسىزلىك قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلمىغان. ئاشۇنداق ھۆرمەتسىزلىك ئۇلارنىڭ مېھرى-‏شەپقەتلىك ياراتقۇچىسىنىڭ كۆز ئالدىدا كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر گۇناھ!

12 مۇنداق بىر مىسال قىلايلى:‏ ئەگەر سىزنىڭ ناھايىتى جاپادا چوڭ قىلغان بىر ئوغۇل ياكى قىزىڭىز سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ سىزنى ھۆرمەتلىمىسە ياكى مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسەتمىسە قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ ئاشۇ سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىتىدۇ. ئۇنداقتا تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ تەڭرى يەھۋانىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشى ئۇنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئاغرىتقان، ھە!

خۇدانىڭ ئادەمنى تۇپراقتىن يارىتىشى

ئادەم-‏ئاتا تۇپراقتىن كەلگەن ئۇ يەنە تۇپراققا قايتقان

13 پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ، ئىتائەتسىز ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇشقا رۇخسەت قىلىشىغا سەۋەب قالمىدى. خۇدا ئۇلارغا ئېيتقاندەك ئۇلار ئۆلدى. ئەمدى ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار ھەرگىزمۇ روھلار دۇنياسىغا كەتمىدى. بىز قانداق بىلىمىز؟ چۈنكى، يەھۋا ئادەم-‏ئاتا ئىتائەتسىزلىك قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا جازا ھۆكۈم قىلىپ، ئادەم-‏ئاتىغا:‏ «سەن يەردىن ئېلىنىپ ئەسلىڭ تۇپراق بولغاچ يەنە تۇپراققا يانارسەن دېدى» (يارىتىلىش 3:‏19). خۇدا ئادەم-‏ئاتىنى يەردىكى تۇپراقتىن ياراتقان (يارىتىلىش 2:‏7). ئادەم-‏ئاتا يارىتىلىشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئادەم-‏ئاتىغا تۇپراققا قايتىسەن دېگىنى، مەۋجۇت ئەمەس ھالەتكە قايتىدىغانلىقىنى يەنى ئۆزى ياسالغان تۇپراقتەك جانسىز بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان.

14 ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا بۈگۈنگىچە ياشىيالايتتى، ئەمما ئۇلار ئاللاغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى تاللاپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك سەۋەبلىك ئۆلدى. بىزنىڭ ئۆلىشىمىزدىكى سەۋەب بولسا ئادەم-‏ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەر گۇناھ ۋە ئۆلۈمگە ۋارىس بولدۇق (رىملىقلار 5:‏12). ئاشۇ گۇناھ خۇددى بىر قورقۇنچلۇق ئىرسىيەتلىك كېسەلگە ئوخشاش بولۇپ، ھېچ كىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم بولغاچ، ئۇ ئىنسانلارغا ئوقۇلغان لەنەتتۇر. ئۆلۈم بىر دۈشمەندۇر، ھەرگىزمۇ دوست ئەمەس (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏26). بىزنى مۇشۇ قورقۇنچلۇق دۈشمەننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەڭرى يەھۋا ئورۇنلاشتۇرغان تۆلەم ئۈچۈن قانچىلىك مىننەتدارمىز، ھە!

ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش پايدىلىق

15 مۇقەددەس كىتابتا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا نېمە ھەقىقەت بارلىقىنى بىلىش كۆڭۈلنى تەسەللىي تاپقۇزىدۇ. بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك، ئۆلۈك ئازاب-‏ئوقۇبەت چەكمەيدۇ ياكى كۆڭلى ئازابلانمايدۇ. ئۇلاردىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار بىزگە زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج ئەمەس ۋە بىزگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. بىز ئۇلار بىلەن پاراڭلىشالمايمىز، ئۇلارمۇ ھەم بىز بىلەن پاراڭلىشالمايدۇ. بىراق، نۇرغۇن دىنىي يېتەكچىلەر يالغانچىلىق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ ھەمدە ئاشۇ دىنىي يېتەكچىلەرگە ئىشەنگەن كىشىلەر ئۇلارغا پۇل بېرىدۇ. بىراق، ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش بىزنى ئاشۇنداق يالغاننى ئۆگىتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالداپ كېتىشىدىن قوغدايدۇ.

16 كۆپلىگەن دىنلارنىڭ ئۆلۈم توغرىسىدا ئۆگەتكەن تەلىمى مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلىمى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ياق. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ تەلىمى شەيتاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شەيتان يالغان دىن ئارقىلىق كىشىلەرنى ئادەمنىڭ جىسمى ئۆلگەندىن كېيىن روھلار دۇنياسىغا بېرىپ داۋاملىق ياشايدۇ دەپ ئىشەندۈرىدۇ. مۇشۇ يالغانچىلىق ۋە باشقا يالغانچىلىقلىرىنى ئىشلىتىپ شەيتان كىشىلەرنى ئاللا يەھۋادىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شەيتان مۇشۇ مەقسىتىگە قانداق يېتىدۇ؟

17 ئالدىنقى ئابزاسلاردا ئۆگەنگەندەك، بەزى دىنلار:‏ ئەگەر بىر كىشى ھايات چېغىدا يامان ئىش قىلسا، ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈلۈك ئازاب-‏ئوقۇبەت تارتىش ئۈچۈن ئوت يالقۇنلاپ تۇرغان جايغا بارىدۇ دەپ تەلىم بېرىدۇ. بۇ تەلىملەر ئاللا يەھۋانى ھاقارەتلىگەنلىك، مېھر-‏مۇھەببەت ئىگىسى يەھۋا ھەرگىز كىشىلەرنى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتا ئازابلىمايدۇ (1-‏يۇھاننا 4:‏8). بالىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكنى جازالاش ئۈچۈن ئۆز بالىسىنىڭ قوللىرىنى كۆيۈۋاتقان ئوتقا تىققان ئادەمنى كۆرسىڭىز، سىز قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ سىز ئاشۇ ئادەمنى ھۆرمەتلەمسىز؟ ھەمدە ئاشۇ كىشى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟ ئەلۋەتتە، ياق! سىز ئېھتىمال ئۇ ئادەمنى ناھايىتى شەپقەتسىز ئادەم ئىكەن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. شەيتان دەل بىزنىڭ يەھۋانى ئادەملەرنى يالقۇنلاپ تۇرىدىغان دوزاخ ئوتىدا مەڭگۈ كۆيدۈرۈپ ئازابلايدىغان ئاللا دەپ ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ.

18 شەيتان يەنە بەزى دىنلاردىن پايدىلىنىپ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئەرۋاھقا ئايلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىز ھايات ياشىغۇچىلار تەرىپىدىن چوقۇم ھۆرمەتلىنىشى كېرەك دەپ ئۆگىتىدۇ. مۇشۇ تەلىملەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى كۈچلۈك دوستقا ياكى قورقۇنچلۇق دۈشمەنگە ئايلىنالايدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇ يالغانچىلىققا ئىشىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆلۈكلەردىن قورقىدۇ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇلارغا چوقۇنىدۇ. ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتاب بىزگە ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ۋە بىزنىڭ پەقەت ياراتقۇچى ئىگىمىز، بىزدە بار بولغاننىڭ ھەممىسىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى، بىردىن-‏بىر ھەقىقىي خۇدا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىىدۇ. — ۋەھىيلەر 4:‏11.

19 ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش سىزنى دىنىي يالغانچىلىقنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن قوغدايدۇ. ھەمدە سىزنىڭ باشقا مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، سىز ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن روھلار دۇنياسىغا بېرىپ ياشىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەندە، ۋەدە قىلىنغان يەر يۈزىدىكى جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق سىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

20 ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ياشىغان ھەققانىي ئادەم ئايۇپ مۇنداق سوئال سورىغان:‏ «ئۆلگەن ئادەم يەنە تىرىلەمدۇر؟» (ئايۇپ 14:‏14). ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان بىر ئۆلۈك ئادەم قايتا ھاياتلىققا قايتۇرۇلۇپ كېلىنەمدۇ؟ مۇشۇ سوئالنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى كۆڭۈلنى تەسەللىي تاپقۇزىدىغان جاۋابى توغرىسىدا، بىز كېيىنكى بابتا مۇلاھىزە قىلىمىز.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • ئۆلۈك كۆرمەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ ۋە ئوي-‏پىكىر قىلمايدۇ. — ۋەز 9:‏5.
  • ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئارامغا چىقىدۇ؛ ئازاب-‏ئوقۇبەت چەكمەيدۇ. — يۇھاننا 11:‏11.
  • بىز ئۆلىمىز. چۈنكى، بىز ئادەم-‏ئاتىنىڭ گۇناھىنى مىراس ئالدۇق. — رىملىقلار 5:‏12.

*   «جان» ۋە «روھ» مۇشۇ سۆز توغرىسىدا بىر مۇلاھىزە بار. قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1-3. ئۆلۈم توغرىسىدا كىشىلەر قانداق سوئاللارنى سورىشىدۇ؟ ئوخشاش بولمىغان دىنلار قانداق جاۋابلارنى بېرىدۇ؟

4. نۇرغۇنلىغان دىنلاردا ئۆلۈم توغرىسىدا قايسى ئاساسىي ئورتاق ئىدىيە بار؟

5، 6. مۇقەددەس كىتاب ئۆلۈك ئادەمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا بىزگە نېمە ئۆگىتىدۇ؟

7. ئۆلۈمنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئەيسا مەسىھ قانداق چۈشەندۈردى؟

8. ئاللانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن مەقسىتى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشى ئەمەسلىكىنى بىز قانداق بىلىمىز؟

9. پەرۋەردىگار يەھۋا ئادەم-‏ئاتىغا قانداق چەكلەش بۇيرۇقى بەرگەن؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى؟

10، 11. (1) تۇنجى بىر جۈپ ئىنسان قانداق قىلىپ خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان؟ (2) نېمە ئۈچۈن ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ناھايىتى ئېغىر گۇناھ؟

12. نېمە بىزگە ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ تەڭرى يەھۋانىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققاندا ئۇنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟

13. يەھۋا خۇدا ئادەم-‏ئاتا ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا نېمە ئېيتقان، ئۇنىڭ سۆزى نېمە ئىشنى كۆزدە تۇتقان؟

14. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆلىمىز؟

15. ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش نېمە ئۈچۈن كۆڭۈلنى تەسەللىي تاپقۇزىدۇ؟

16. نۇرغۇن دىنلارنىڭ ئۆگىتىدىغان تەلىمىگە كىم تەسىر كۆرسەتكەن؟ قايسى ئۇسۇل بىلەن؟

17. نېمە ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئازابلاش توغرىسىدىكى تەلىم يەھۋاغا قىلىنغان ھاقارەت؟

18. ئۆلۈكلەرگە چوقۇنۇش قايسى دىنىي يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان؟

19. ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى باشقا تەلىمنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ؟

20. كېيىنكى بابتا بىز قايسى سوئال توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز؟