مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

8-‏باب

خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟

خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟

مۇقەددەس كىتاب، خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟

خۇدا پادىشاھلىقى نېمە ئىش قىلماقچى؟

خۇدا پادىشاھلىقى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يەر يۈزىدە قاچان ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

ھـەزرىـتـى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن قانداق دۇئا قىلىشنى سورىغاندا، ئۇ بىر ئۈلگىلىك دۇئانى ئۇلارغا ئۆگەتكەن. مۇشۇ دۇئا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. مۇشۇ دۇئادا ئەيسا، يەھۋادىن تىلىگەن ئىشلار ئارىسىدىكى ئۈچ ئىشنى مۇلاھىزە قىلىش سىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب زادى نېمە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

2 ئاشۇ ئۈلگىلىك دۇئانىڭ باشلىنىشىدا، ئەيسا ئۆزىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىغا مۇنداق دۇئا قىلىڭلار دەپ ئۆگەتكەن:‏ «سىلەر شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى:‏ ئەي ئاسمانلاردىكى ئاتىمىز! سېنىڭ ئىسمىڭ مۇقەددەس بولغاي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندا قىلىنغىنىدەك، يەردە ھەم قىلىنغاي» (مەتتا 6:‏9-‏13). نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئۈلگىلىك دۇئادا ئاشۇ ئۈچ ئىشنى تىلىگەن؟

3 بىز ئاللىقاچان ئاللانىڭ خاس ئىسمى:‏ يەھۋا، توغرىسىدا كۆپ ئۆگىنىپ ئۆتتۇق. ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئىرادىسى توغرىسىدىكى بەزى مەلۇماتلارنى، بولۇپمۇ ئۆتمۈشتە ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى ۋە كەلگۈسىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان ئىدۇق. ئەمما، ھەزرىتى ئەيسا نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ بىزگە دۇئايىمىزدا:‏ «سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي» دەپ تىلەشنى ئېيتقان؟ خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىسمىنى مۇقەددەس قىلىدۇ؟ ھەمدە پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئوتتۇرسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟

خۇدا پادىشاھلىقى، ئۇ زادى نېمە؟

4 خۇدا پادىشاھلىقى، تەڭرى يەھۋا تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر ھۆكۈمەت بولۇپ ئۇنىڭ پادىشاھىنى خۇدا ئۆزى تاللىغان. كىم خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى؟ ئەيسا مەسىھ. پادىشاھ سۈپىتىدە ئەيسا بۇ دۇنيادىكى ھەممە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ئادەملەردىن ئۇلۇغ، شۇڭا مۇقەددەس كىتابتا:‏ «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى» دەپ تىلغا ئېلىنغان (1-‏تىموتىي 6:‏15). ھەرقانداق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى، ھەتتا ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشىسىغا قارىغاندا مەسىھ ئەيسا بىزگە زور بەخت-‏سائادەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش كۈچ-‏قۇدرىتىگە ئىگە.

5 خۇدا پادىشاھلىقى قەيەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ؟ ئۇنداقتا، ئەيسا قەيەردە؟ سىزنىڭ يادىڭىزدا بولسا، ئەيسا تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ۋە قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن (ئەلچىلەر 2:‏33). دېمەك، خۇدا پادىشاھلىقى ئاسمانغا ئورۇنلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب:‏ ئۇنى «ساماۋى پادىشاھلىق» دەپ ئاتايدۇ (2-‏تىموتىي 4:‏18). گەرچە خۇدا پادىشاھلىقى ئاسماندا بولسىمۇ، ئۇ كەلگۈسىدە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. — ۋەھىيلەر 11:‏15.

6 نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئەڭ ياخشى پادىشاھ؟ بىرىنچى سەۋەب، ئەيسا مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب مەسىھنى بۇ دۇنيا پادىشاھلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن:‏ «ئۆلۈمسىزلىكنىڭ ۋاھىد [بىردىن-‏بىر] ئىگىسى بولۇپ ھېچ كىم يېقىن كېلەلمەيدىغان نۇردا» ياشايدۇ (1-‏تىموتىي 6:‏16). دېمەك، كەلگۈسىدە ئەيسا جەزمەن ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى مەڭگۈ قىلىدۇ.

7 قېنى بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ مەسىھ توغرىسىدا ئېيتقان بېشارىتىنى ئويلاپ كۆرەيلى:‏ «مۇنىڭ ئۈستىگە خۇداۋەندىنىڭ روھى نازىل بولۇپ ھېكمەت ۋە پەمنىڭ روھى، مەسلىھەت ۋە قۇۋۋەتنىڭ روھى، مەرىپەت ۋە خۇداۋەندىنىڭ قورقۇنچىسىنىڭ روھى ئۈستىدە ساكىن بولۇر [تۇرار]. خۇداۋەندىنىڭ قورقۇنچىسى بىلەن ئۇنىڭ خۇش رىزايى [رازىلىقى] بولۇپ ئۆزى كۆزلىرىنىڭ كۆرگىنىگە مۇۋاپىق ھۆكۈم قىلماس ۋەيا قۇلاقلىرىنىڭ ئاڭلىغىنىغا مۇۋاپىق ئىتاب قىلماس [ئەيىبلىمەس]، بەلكى پېقىرلارغا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىپ يەرنىڭ مىسكىنلىرىنى ئىنساپ بىلەن» ئەيىبلەيدۇر (يەشايا 11:‏2-‏4). مۇشۇ بېشارەت ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەدە قىلىنغان، يەر يۈزىدىكى خەلقلەرگە غەمخورلۇق قىلىدىغان ھەققانىي پادىشاھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمدارنىڭ بولۇشىنى خالامسىز؟

8 بۇ يەردە خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا يەنە بىر ھەقىقەت بار:‏ ئەيسا ئۆزى يالغۇز ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەيدۇ، ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا:‏ «سەۋر قىلساق ئۇنىڭ بىلەن سەلتەنەت ھەم قىلىمىز» دېگەن (2-‏تىموتىي 2:‏12). پەرۋەردىگار يەھۋا پاۋلۇس، تىموتىي ۋە باشقا ساداقەتمەن كىشىلەرنى ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تاللىۋالغان. ئاشۇ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلارنىڭ سانى قانچە؟

9 مۇشۇ كىتابنىڭ 7-‏بابىدا كۆرسىتىلگەندەك، مەسىھنىڭ شاگىرتى يۇھاننا مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى كۆرگەن:‏ «كۆرسەم مانا سىئون تېغى [ئاسماندىكى پادىشاھلىق ئورنى] ئۈستىدە قوزا [مەسىھ ئەيسا] تۇرادۇر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆز پىشانىلىرىدە ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى پۈتۈكلۈك بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىمرىسە [كىشى] تۇرۇپتۇر». ئاشۇ 144000‎ كىشى كىملەر؟ يۇھاننا ئۆزى بىزگە:‏ «قوزا نە يەرگە بارسا ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشەرلەر، بۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا يېڭىلىق بولماق ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن سېتىپ ئېلىنغانلاردۇر» دەيدۇ (ۋەھىيلەر 14:‏1، 4). ئۇلار مەسىھنىڭ ساداقەتمەن ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ مەسىھ بىلەن بىرلىكتە ئاسماندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تاللانغان. ئۇلار ئۆلۈمدىن ئاسماندىكى ھاياتلىققا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەيسا بىلەن بىرگە يەر يۈزى ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ (ۋەھىيلەر 20:‏4، 6). مىلادى 33-‏يىلى ئاللا يەھۋا ساداقەتمەن ئېتىقادچىلارنى تاللاشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 144000‎ غا تولغۇچە تاللايدۇ.

10 خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسا ۋە 144000‎ كىشىنى ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قويۇشى ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇر مېھرى-‏مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇلىدۇر. بىرىنچىدىن، ئەيسا ئىنسانلارنىڭ قانداق ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئەلچى پاۋلۇس:‏ «زەيىپلىكلىرىمىزگە ھەمدەرت بولالمايدىغان ئۇلۇغ كاھىنىمىز يوقتۇر، بەلكى گۇناھ قىلماي بىزگە ئوخشاش ھەر ئىشتا ئىمتىھان قىلىنغان بىر ئۇلۇغ كاھىنىمىز باردۇر» دەپ ئېيتقان (ئىبرانىيلار 4:‏15؛ 5:‏8). ئىككىنچىدىن، مەسىھ بىلەن بىللە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلارمۇ يەر يۈزىدە ياشىغان ۋاقتىدا كۆپ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇلار مۇكەممەلسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلغان ۋە ھەرخىل كېسەللىك ئازابلىرىغا دۇچار بولغان. شۇڭا، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ دۇچار بولىدىغان ھەرخىل مەسىلىلىرىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ.

خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمە ئىش قىلماقچى؟

11 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋاقتىدا، ئۇ يەنە خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۇلار ئۆز دۇئاسىدا:‏ «سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندا قىلىنغىنىدەك، يەردە ھەم قىلىنغاي» دەپ خۇدادىن تىلەش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. خۇدا ئاسماندا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەردائىم ساداقەتمەن پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئاسماندا ئورۇندىلىپ كەلگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 3-‏بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، بىر يامان نىيەتلىك پەرىشتىنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى توختىتىپ، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. بىز يەنە مۇشۇ كىتابنىڭ 10-‏بابىدا، بىز بىلىدىغان شەيتان ئىبلىس دەپ ئاتالغان ئاشۇ يامان نىيەتلىك پەرىشتە توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق تەلىملەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى تاللىغان جىنلار دەپ ئاتالغان، باشلىنىشىدا پەرىشتە سۈپىتىدە يارىتىلغان روھى ياراتمىلارنىڭ بىر مەزگىل ئاسماندا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. شۇڭلاشقا، ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ بەزىلىرى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان. شۇڭا، ئاسماندىكى ناچار ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خۇدا پادىشاھلىقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغان پادىشاھ ئەيسا شەيتانغا قارشى جەڭ باشلىدى. — ۋەھىيلەر 12:‏7-‏9.

12 تۆۋەندە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:‏ «ئاسماندا كۈچلۈك بىر ئاۋاز ئاڭلىدىم. ئۇ ئېيتتىكى:‏ ئەمدى نىجات ۋە قۇدرەت ۋە پادىشاھلىق خۇدايىمىزنىڭكى ۋە سەلتەنەت ئۇنىڭ مەسىھنىڭكى بولدى، چۈنكى كېچە-‏كۈندۈز خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇرادەرلىرىمىزنىڭ تۆپىسىدە شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى [شەيتان] تاشلاندى!» (ۋەھىيلەر 12:‏10). سىز مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتتە تەسۋىرلەنگەن ناھايىتى مۇھىم ئىككى ۋەقەگە دىققەت قىلدىڭىزمىكىن؟ بىرىنچى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى مەسىھ ئەيسانىڭ باشچىلىقىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغان. ئىككىنچى، شەيتان ئاسماندىن يەر يۈزىگە تاشلانغان.

13 مۇشۇ مۇھىم ئىككى ۋەقەنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ نەتىجىدە ئاسماندا نېمە ئىش يۈر بەرگەنلىكى توغرىسىدا بىز ئوقۇپ باقايلى:‏ «ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئاسمانلار ۋە ئۇندا ساكىن بولغانلار [تۇرغانلار] خۇرسەن بولۇڭلار!» (ۋەھىيلەر 12:‏12). شۇنداق، ئاسماندىكى ساداقەتمەن پەرىشتىلەر ھازىر ناھايىتى خۇشال، چۈنكى شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يامان يولغا ماڭغان جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەر ئاسماندىن قوغلىنىپ يەرگە تاشلاندى. ھازىر ئاسماندىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭرى يەھۋاغا ساداقەتمەن بولغانلاردۇر. ئاسمان پۈتۈنلەي تىنچ بولۇپ ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغانلار يوق بولدى. ھازىر خۇدانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولدى.

14 لېكىن يەرشارى قانداق بولدى؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ «ۋاي يەرگە ۋە دېڭىزغا چۈنكى ئىبلىس سىزلەرگە چۈشۈپ ۋاقتىنىڭ ئاز ئىكەنىنى بىلىپ چوڭ غەزەپ بىلەن كەلدى» دەيدۇ (ۋەھىيلەر 12:‏12). شەيتان ئاسماندىن قوغلانغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ۋاقىت-‏سائىتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى ئاچچىق غەزەپلەندى. ئۇنىڭ ئاچچىق غەزىپى ھەرخىل ئېچىنىشلىق كۈلپەتلەرنى ۋە «ۋاي»، دات-‏پەرىياتلارنى يەر يۈزىدە پەيدا قىلدى. بىز شەيتان پەيدا قىلغان ئاشۇ «ۋاي»، دات-‏پەرىياتلار توغرىسىدا كېيىنكى بابتا ئۆگىنىمىز. ئۇنداقتا، خۇدا پادىشاھلىقى كەلگۈسىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يەر يۈزىدە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

15 بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 3-‏بابىدا تەڭرى يەھۋانىڭ يەر شارىغا بولغان ئىرادىسى توغرىسىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەن. سىزنىڭ ئېسىڭىزدىمۇ خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان ئىرادىسى قانداق؟ خۇدا ئېرەم بېغىدا كۆرسەتكەندەك، جەننەتنىڭ ئۆلمەي مەڭگۈ ياشايدىغان ھەققانىي ئىنسانلار بىلەن تولۇشى ئۇنىڭ يەرشارىغا بولغان ئىرادىسى ئىدى. شەيتان ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ گۇناھ خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. بىراق، خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلىگىنى يوق. يەھۋا خۇدا ھازىرمۇ ھەم شۇنى مەقسەت قىلغانكى:‏ «ئادىللار ئۆزى يەرگە ۋارىس بولۇپ ئەبەدغىچە ئۇندا [ئۇ يەردە] ئولتۇرار» (زەبۇر 37:‏29). خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلگۈسىدە خۇدانىڭ ئەسلى ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنداقتا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جىنلار ئاسماندىن يەر يۈزىگە تاشلانغاچ، ئۇلار يەر يۈزىگە ئازاب-‏ئوقۇبەت، ۋاي، دات-‏پەرىيات ئېلىپ كەلدى. بىراق، ئاشۇ قىيىنچىلىقلار پات-‏ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ

ئۇرۇش، جىنايەت ۋە ئاچارچىلىق ھەققىدىكى بىر كۆرۈنۈش

16 مۇقەددەس كىتابتىكى دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. دانىيال 2-‏باب 44-‏ئايەت:‏ «بۇ پادىشاھلارنىڭ كۈنلىرىدە ئاسمانلارنىڭ تەڭرىسى ئەبەدغىچە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى قۇرادۇر. ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمىتى باشقا بىر خەلققە بېرىلمەيدۇر ئەمما ئۇ ئۆزى شۇ ھەممە پادىشاھلىقلارنى سۇندۇرۇپ يوقۇتۇپ ئۆزى ئەبەدغىچە سابىت [تەۋرەنمەي] قالادۇر» دەيدۇ. بۇ بىزگە خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟

17 بۇ بېشارەت بىزگە تۆۋەندىكىدەك ھەقىقەتلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بىرىنچى، خۇدا پادىشاھلىقى ئاشۇ «پادىشاھلارنىڭ كۈنلىرىدە» قۇرۇلىدۇ، يەنى ئاشۇ ۋاقىتتا دۇنيادىكى باشقا پادىشاھلىقلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى، خۇدا پادىشاھلىقى مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ. خۇدا پادىشاھلىقىنى باشقا ھەرقانداق ھۆكۈمەت بويسۇندۇرالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئۈچىنچى، بىز خۇدا پادىشاھلىقى بىلەن دۇنيادىكى باشقا پادىشاھلىقلار ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. خۇدا پادىشاھلىقى غەلبە قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بىردىن-‏بىر يالغۇز ھۆكۈمەت بولىدۇ. شۇ چاغدا، ئىنسانلار ئاشۇ ئەڭ ياخشى ھۆكۈمرانلىق ئېلىپ كەلگەن بەخت-‏سائادەتتىن بەھرىمەن بولۇپ خۇشاللىققا چۆمۈشىدۇ.

18 خۇدا پادىشاھلىقى بىلەن بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى جەڭ توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب كۆپ مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ ئاخىرقى جەڭ بولۇشقا ۋاقىت ئاز قالغانسېرى يامان روھلار «تامام دۇنيادىكى پادىشاھلارغا» يالغاننى تارقىتىپ ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ. نېمە مەقسەتتە شۇنداق قىلىدۇ؟ «ئۇلار [پادىشاھلار] نى قادىرى مۇتلەق [ھەممىگە قادىر] خۇدانىڭ چوڭ كۈنىنىڭ جېڭىگە جەم قىلادۇر» ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەممىسى «ئىبرانىچە ھارماجىدون دېگەن يەرگە» توپلىشىدۇ (ۋەھىيلەر 16:‏14، 16). مۇشۇ ئىككى ئايەت، خۇدا پادىشاھلىقى بىلەن بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئەڭ ئاخىرقى جەڭنىڭ ھارماجىدون ياكى ئارماگېدون ئۇرۇشى دەپ ئاتالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

19 خۇدا پادىشاھلىقى ئارماگېدون ئۇرۇشى ئارقىلىق قايسى ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ بىز خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ كۆرەيلى. پەرۋەردىگار يەھۋا يەر يۈزىدىكى جەننەتنىڭ ھەققانىي، مۇكەممەل ئىبادەت قىلغۇچى ئىنسانلار بىلەن تولۇشىنى ئىرادە قىلغان. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاشۇ ئىرادىسى ھازىر يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشمىدى؟ بىرىنچى، بىز ئىنسانلار گۇناھكار، بىز كېسەل بولۇپ ئۆلىمىز. بىراق، بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 5-‏بابىدا، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغانلىقى سەۋەبلىك بىزدە مەڭگۈ ياشاش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ ئۆگەنگەن. بىز يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەردە خاتىرىلەنگەن مۇنۇ ئايەتنى ئەسلەپ باقايلى:‏ «خۇدا دۇنيانى شۇنداق دوست تۇتتىكى [سۆيىدۇكى، ھ.ز.] ئۆز يالغۇز ئوغلىنى بەردى تاكى ھەركىم ئۇنگا ئىشەنسە ھالاك بولمىغاي بەلكى ئۇنىڭ ئەبەدىي تىرىكلىكى بولغاي». — يۇھاننا 3:‏16.

20 خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ يەر يۈزىدە تېخى ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى:‏ نۇرغۇن كىشىلەر رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، يالغان سۆزلەپ، ئادەملەرنى ئالداپ، دۇنيا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەخلاقسىزلىقلار بىلەن تولدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى خالىمايدۇ. خۇدا بارلىق رەزىل ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆز ئۇرۇشى ئارماگېدون مەزگىلىدە ھالاك قىلىدۇ (زەبۇر 37:‏10). يەر يۈزىدىكى ھۆكۈمەتلەر كۈچسىز، شەپقەتسىز ياكى چىرىكلەشكەن بولۇپ، كىشىلەرنى خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرمايدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن ھازىر خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىنىڭ يەنە باشقا بىر سەۋەبىدۇر. مۇقەددەس كىتاب ئېنىق قىلىپ:‏ «بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك كېلىپ ئۇنىڭغا زەرەر [زىيان] يەتكۈزگەن» دەيدۇ. — ۋەز 8:‏9.

21 ئارماگېدون ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىنسانلار پەقەت بىرلا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ خۇدا پادىشاھلىقىدۇر. ئاشۇ پادىشاھلىق خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە ئاجايىپ بەخت-‏سائادەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ پادىشاھلىق شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىدۇ (ۋەھىيلەر 20:‏1-‏3). خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ساداقەتمەن كىشىلەر يەنە كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مەڭگۈ ياشىيالايدۇ (ۋەھىيلەر 22:‏1-‏3). كەلگۈسىدە يەرشارى بىر گۈزەل جەننەت ماكانغا ئايلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى مۇقەددەس قىلىدۇ. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ بۇ دېگىنىمىز ئەڭ ئاخىردا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان ھەربىر تىرىك جان، يەھۋا دېگەن بۇ ئىسىمنى ھۆرمەتلەيدۇ.

خۇدا پادىشاھلىقى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يەر يۈزىدە قاچان ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

22 ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە:‏ «سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي» دەپ دۇئا قىلىشنى ئېيتقان. شۇڭا بۇ ناھايىتى ئېنىقكى، خۇدا پادىشاھلىقى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كەلمىگەن. خۇدا پادىشاھلىقى ئەيسا مەسىھ ئاسمانغا قايتقاندا كەلگەنمۇ؟ ياق. ئەلچى پېترۇس ۋە پاۋلۇسلار ئېيتقاندەك، ئەيسا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، زەبۇر 110-‏باب 1-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن:‏ يەھۋا خۇدا داۋۇتنىڭ خوجايىنىغا سۆزلەپ، «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى پۇتلىرىڭنىڭ تېگىگە قويماغۇنچىلىك مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» دېگەن بېشارەت مەسىھ ئەيسادا ئەمەلگە ئاشتى (ئەلچىلەر 2:‏32-‏35؛ ئىبرانىيلار 10:‏12، 13). مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋالايمىزكى، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن مەسىھ بىر مەزگىل ساقلىشى كېرەك بولغان.

خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئەمەلگە ئاشقانغا ئوخشاش، يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ

دېڭىز ساھىلىدىكى كۈننىڭ پېتىش مەنزىرىسى

23 قانچىلىك ئۇزاق ۋاقىت ساقلاش كېرەك؟ 19-‏ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-‏ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەستايىدىل ئۆگەنگۈچىلىرى مۇشۇ ساقلاش ۋاقتىنىڭ 1914-‏يىلى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگە ھالدا تونۇپ يەتكەن (مۇشۇ توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار قۇشۇمچە ئىزاھاتتا بېرىلدى). 1914-‏يىلىدىن باشلاپ، دۇنيادا نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنىڭ توختىماي يۈز بېرىشى مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگۈچىلىرىنىڭ ئاشۇ بېشارەتنى توغرا چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنىڭ 1914-‏يىلى ئەمەلگە ئېشىشى، ئەيسا مەسىھنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇڭا، بىز شەيتاننىڭ «ۋاقتىنىڭ ئاز» قالغان مۇشۇ ھالقىلىق دەۋردە ياشاۋاتىمىز (ۋەھىيلەر 12:‏12؛ زەبۇر 110:‏2). بىزمۇ شۇنى جەزملەشتۈرۈپ ئېيتالايمىزكى، پات-‏ئارىدا خۇدا پادىشاھلىقى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېزدىن ھەرىكەت قىلىدۇ. سىزنىڭچە، بۇ ئاجايىپ ھەيران قالارلىق خۇش خەۋەر ئەمەسمۇ؟ پات-‏ئارىدا خۇدا پادىشاھلىقى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېزدىن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ كېيىنكى باب، سىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆگۈتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • خۇدا پادىشاھلىقى ئاسماندىكى ھۆكۈمەت، ئەيسا مەسىھ خۇدا پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى. مەسىھ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ ئېلىنغان 144000‎ كىشى بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. — ۋەھىيلەر 14:‏1، 4.
  • خۇدا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلدىن باشلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىدى، شۇ ۋاقىتتا شەيتان ئاسماندىن يەر يۈزىگە تاشلاندى. — ۋەھىيلەر 12:‏9.
  • خۇدا پادىشاھلىقى پات-‏ئارىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىدۇ، ھەمدە يەرشارى بىر گۈزەل جەننەتكە ئايلىنىدۇ. — ۋەھىيلەر 16:‏14، 16.

مۇلاهىزه سوئاللىرى

1. مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟

2. ئەيسا شاگىرتلىرىغا قايسى ئۈچ ئىش توغرىسىدا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن؟

3. خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا بىز نېمىلەرنى بىلىشىمىز كېرەك؟

4. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىم؟

5. خۇدا پادىشاھلىقى قەيەردە؟ ۋە كىملەر ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ؟

6، 7. نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئەڭ ياخشى پادىشاھ؟

8. ئەيسا بىلەن كىملەر بىرلىكتە باشقۇرىدۇ؟

9. ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلارنىڭ سانى قانچە؟ خۇدا قاچان ئۇلارنى تاللاشنى باشلىغان؟

10. نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسا ۋە 144000‎ كىشىنى ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قويۇشى، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇر مېھرى-‏مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى دەيمىز؟

11. نېمە ئۈچۈن ئەيسا شاگىرتلىرىغا خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاسماندا ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۆز دۇئالىرىدا تىلەش كېرەكلىكىنى ئېيتقان؟

12. مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر 12-‏باب 10-‏ئايىتىدە قايسى ناھايىتى مۇھىم ئىككى ۋەقە تەسۋىرلەنگەن؟

13. شەيتاننىڭ ئاسماندىن قوغلىنىشى قانداق نەتىجە ئېلىپ كەلدى؟

14. شەيتان يەر يۈزىگە قوغلاپ چۈشۈرۈلگەنلىك سەۋەبتىن نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟

15. خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان ئىرادىسى قانداق؟

16، 17. مۇقەددەس كىتابتىكى دانىيال 2-‏باب 44-‏ئايەت خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟

18. خۇدا پادىشاھلىقى بىلەن بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئەڭ ئاخىرقى جەڭ نېمە دەپ ئاتالغان؟

19، 20. خۇدانىڭ ئىرادىسى نېمە ئۈچۈن ھازىر يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ؟

21. خۇدا پادىشاھلىقى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى يەر يۈزىدە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

22. ئەيسا يەر يۈزىدە بولغان ۋاقىتتا ياكى تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، خۇدا پادىشاھلىقى دەرھال يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟

23. (1) خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى؟ (2) كېيىنكى باب نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىدۇ؟