مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

11-‏باب

نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشگە رۇخسەت قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشگە رۇخسەت قىلىدۇ؟

بۇ دۇنيادىكى ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى ئاللا پەيدا قىلغانمۇ؟

ئېرەم بېغىدا قانداق مەسىلە ئوتتۇرغا چىقتى؟

خۇدا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلىرىنى قانداق يوق قىلىدۇ؟

بـىـر ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان دۆلەتتە، نەچچە مىڭلىغان خەلق رەھىمسىز ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئاساسلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، ئاشۇ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ جەسەتلىرى بىر چوڭ ئازگالغا دەپنە قىلىنغان. ئاشۇ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئورتاق قەبرىسىنىڭ ئەتراپىغا چوڭ-‏كىچىك بەلگىلەر قادالغان بولۇپ، ھەممىسىگە ئوخشاشلا:‏ ‹نېمە ئۈچۈن؟› دېگەن خەت يېزىلغان. بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇ سوئال ئادەملەرنىڭ قەلبىنى ئەڭ ئازابلايدۇ. ئادەملەر ئۇرۇش، بالايىئاپەت، كېسەللىك ياكى قانۇنسىز ئىشلار سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ بىگۇناھ يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆي-‏بىساتلىرى خانە-‏ۋەيرانە بولۇپ، ھەمدە ھەرخىل تەسۋىرلىگۈسىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئادەملەر ناھايىتى ئازاب ئىچىدە:‏ زادى بۇ ‹نېمە ئۈچۈن؟› دەپ سورىشىدۇ. ئۇلار ئاشۇنداق ئازاب-‏ئوقۇبەتلىك پاجىئەلەرگە نېمە ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنىڭ دۇچار بولغانلىقىنى بىلىشنى ناھايىتى خالايدۇ.

2 نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ؟ ئەگەر ئاللا يەھۋا كۈچ-‏قۇدرەتلىك، مېھر-‏مۇھەببەتلىك، دانا، ئادىل بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا ئۆچمەنلىك ۋە ناھەقچىلىككە تولۇپ كەتتى؟ ئىلگىرى سىز ئۆزىڭىز مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراپ باققانمۇ؟

3 نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ دېگەن سوئالنى سوراش خاتامۇ؟ بەزى ئادەملەر بۇنداق سوئال سوراشتىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى، ئاشۇنداق قىلىش ئاللاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ياكى ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغاننى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمما سىز مۇقەددەس كىتاب ئوقۇسىڭىز، يەھۋاغا ساداقەتمەن، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەرنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سوئالنى سورىغانلىقىنى تاپالايسىز. مەسىلەن، ھاباقۇق پەيغەمبەر يەھۋا خۇدادىن:‏ «نېمە ئىشقا سەن يامانلىقنى مېنىڭ نەزىرىمگە كەلتۈرۈپ مېنى ئىنساپسىزلىققا قارىغىلى قويۇپسەن؟ چۈنكى ئالدىمدا زۇلۇم-‏سىتەم [ئازاب-‏ئوقۇبەت] جارى بولۇپ پىتنە قوپۇپ پاسات بولۇپ تۇرادۇر ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان. — ھاباقۇق 1:‏3.

پەرۋەردىگار يەھۋا ھەممە ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى ئاياغلاشتۇرماقچى

ئۆلۈم ئۇزۇتۇش

4 ساداقەتمەن پەيغەمبەر ھاباقۇق ئاشۇنداق سوئال سورىغانلىقى ئۈچۈن يەھۋا ئۇنى ئەيىبلىدىمۇ؟ ياق. ئەكسىچە، ھاباقۇقنىڭ سەمىمىي سۆزى خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن مۇقەددەس كىتابقا خاتىرىلەنگەن. خۇدا يەنە ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئېنىق چۈشىنىپ، خۇداغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم بولىشىغا ياردەم بەرگەن. يەھۋا سىزگىمۇ ھەم شۇنداق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. يادىڭىزدا بولسۇن، مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ» دەپ ئۆگىتىدۇ (1-‏پېترۇس 5:‏7، ھ.ز.). ئەمەلىيەتتە، يەھۋا ھەرقانداق بىر ئىنسانغا قارىغاندا رەزىل ئىشلارنى ۋە ئاشۇ رەزىل ئىشلار سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ (يەشايا 55:‏8، 9). ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا شۇنچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇبەتكە تولۇپ كەتتى؟

نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا شۇنچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇبەتكە تولدى؟

5 ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي يېتەكچىلىرى ياكى ئۇستازلىرىدىن، نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا شۇنچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇبەتكە تولۇپ كەتتى؟ دەپ سوراشقان. بىراق، ئۇلارنىڭ ھەمىشە ئېرىشكەن جاۋابى:‏ ئاشۇ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر بولسا خۇدانىڭ ئىرادىسى، ھەممە ئىشلارنى خۇدا ئالدىن بەلگىلەپ قويغان بولۇپ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. يەنە نۇرغۇن ئادەملەر:‏ خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرى سىرلىق، چۈشەنمەك بەك تەس دېيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر:‏ خۇدانىڭ ئادەملەر ئۈستىگە ھەتتا كىچىك بالىلار ئۈستىگە ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىشى خۇدانىڭ ئاشۇلارنى ئاسماندا ئۆز يېنىدا بولۇشىنى خالىغانلىقىدىندۇر دېيىشىدۇ. لېكىن، سىز مۇشۇ كىتابتا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، يەھۋا خۇدا ھەرگىزمۇ رەزىل ئىشلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب:‏ «يامانلىق قىلىش خۇدادىن يىراق بولۇپ ناتوغرا ئىش قادىرى مۇتلەق [ھەممىگە قادىر] دىن نېرى بولسۇن!» دەيدۇ. — ئايۇپ 34:‏10.

6 نېمىشقا نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر ئۈچۈن ئاللانى خاتا ھالدا ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلارنىڭ ھەممىگە قادىر ئاللانى ئەيىبلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ھەردائىم ئاللانى بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانى دەپ قارىغانلىقىدۇر. ئۇلار مۇقەددەس كىتاب ئۆگىتىدىغان ئاددىي ئەمما ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ. سىز مۇشۇ كىتابنىڭ 3-‏بابىدا ئۆگەنگەندەك، بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانى ئىبلىس شەيتاندۇر.

7 مۇقەددەس كىتاب ئېنىق قىلىپ:‏ «تامام دۇنيا ياماننىڭ دامىدادۇر [قاپقىنىدا]» دەپ بايان قىلىدۇ (1-‏يۇھاننا 5:‏19). بۇ دېگەنلىك پۈتۈن دۇنيا شەيتاننىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا دېگەنلىكتۇر. ئەگەر سىز مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىي ئويلاپ كۆرسىڭىز، بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان روھى شەخس «بارچە دۇنيانى ئازدۇرغۇچى» ھەمدە بۇ دۇنيا ئۇنىڭ خاراكتېر-‏خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن (ۋەھىيلەر 12:‏9). شەيتان بولسا غەزەپ-‏نەپرەتكە تولغان، ساختىپەز ۋە شەپقەتسىزدۇر. شۇڭا، شەيتاننىڭ تەسىرى ئاستىدا بۇ دۇنيا ئۆچمەنلىك، ئالدامچىلىق ۋە شەپقەتسىزلىك بىلەن تولۇپ كەتتى. بۇ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە تولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر سەۋەبى.

8 نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە تولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 3-‏بابىدا مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتكەندەك، ئېرەم بېغىدىكى خۇداغا قارشى ئىسياندىن كېيىن، بارلىق ئادەملەر تۇغۇلۇشىدىن گۇناھكار تۇغۇلۇپ، مۇكەممەل ئەمەس بولغانلىقدۇر. گۇناھكار ئىنسانلار ھۆكۈمرانلىق تالىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يۈزلەنگەچ، نەتىجىدە جەڭ قىلىش، زۇلۇم قىلىش ۋە ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى چېكىش پەيدا بولدى (ۋەز 4:‏1؛ 8:‏9). ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر چېكىشنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبى بولسا:‏ «پۇرسەت بىلەن ھادىسەدىن بولادۇر» (ۋەز 9:‏11). چۈنكى بۇ دۇنيا يەھۋا خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە قوغدىشى ئاستىدا بولمىغاچ، ئادەملەر ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىدۇ. شۇڭا، كۈتۈلمىگەن جايدا كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بەختسىزلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن.

9 شۇڭلاشقا، بۇ دۇنيادىكى ئۇرۇشلار، قانۇنسىزلىق، زۇلۇم قىلىش ھەتتا تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولۇشىغا ھەرگىزمۇ ئاللا سەۋەبچى ئەمەس. بىراق، مۇشۇ ھەقىقەتنى بىلىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تەسەللىي. ئۇنداقتا، پەرۋەردىگار يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ ھەممىگە قادىر، ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى توختىتىش كۈچ-‏قۇدرىتىگە ئىگە بولسا، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆز كۈچ-‏قۇدرىتىنى ئىشلەتمەيدۇ؟ بىز بىلىمىز خۇدا مېھر-‏مۇھەببەتلىك خۇدادۇر، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلىشىدا جەزمەن ئالاھىدە بىر ياخشى سەۋەب بار. — 1-‏يۇھاننا 4:‏8.

ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى

10 نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇبەتنىڭ قاچان ۋە قانداق باشلانغانلىقىنى ئەسلەپ بېقىشمىزغا توغرا كېلىدۇ. شەيتان ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنى يەھۋاغا بويسۇنماسلىققا باشلىغاندا، بىر مۇھىم مەسىلە ئوتتۇرغا چىققان. شەيتان پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتىگە شەك كەلتۈرمىگەن. چۈنكى شەيتان، يەھۋانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەكسىچە ئۇ، يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا شەك كەلتۈرگەن. شەيتان، خۇدانى يالغانچى دەپ ئاتاپ قالماي، خۇدانى يەنە ياخشى نەرسىلەرنى ئۆز پۇقرالىرىغا بەرمەي ساقلايدۇ. شۇڭا، ئۇ بىر ياخشى ھۆكۈمران ئەمەس دەپ ئەيىبلىگەن (يارىتىلىش 3:‏2-‏5). شەيتاننىڭ ئاشۇ ئەيىبلىشى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن ئايرىلىپ ياشىسا، ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ. شەيتان مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا قارشى ھۇجۇم قىلغان.

11 ئادەم-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا پەرۋەردىگار يەھۋاغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى:‏ ‹بىز يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا موھتاج ئەمەس. بىز ئۆز-‏ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمە ياخشى، نېمە ياماننى ئۆزىمىز قارار قىلالايمىز› دېگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللا يەھۋا مۇشۇ مەسىلىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدۇ؟ خۇدا ئەقىللىق قىلىپ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا، يەنى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلارغا ئاشۇ بىر نەچچە ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ خاتا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى قانداق قىلىپ ئۆگىتەلەيدۇ؟ بەزى كىشىلەر ناھايىتى ئاددىيلا خۇدا ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەرنى يوق قىلىپ، يېڭى باشتىن ئىنساننى قايتا ياراتسا بولىدىغۇ دېيىشى مۇمكىن. بىراق، تەڭرى يەھۋا يەرشارىنىڭ ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن تولۇشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەتتە ياشىشىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان جاكارلىغان ئىدى (يارىتىلىش 1:‏28). پەرۋەردىگار خۇدا ھەمىشە ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (يەشايا 55:‏10، 11). ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەرنى ئېرەم بېغىدىن قوغلاپ چىقىرىش بىلەن تەڭرى يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان ئاشۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ.

مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى

ئوقۇغۇچى مۇئەللىمگە قارىغاندا بىلىم بېرىشتە كۆپ لاياقەتلىكمۇ؟

12 مۇنداق بىر مىسالنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. بىر مۇئەللىم ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتىكىلىق قىيىن بىر مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئۆگىتىۋاتقان بىر ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلساق، بىر زېرەك، ئەمما مۇئەللىم بىلەن قارشىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى خاتا دەپ ئېيتسا، بۇ قارشىلىق ئاشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە بۇ مۇئەللىمنى قابىلىيەتسىز دەپ جاكارلىغانلىق. بەزى باشقا ئوقۇغۇچىلار:‏ ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭكى توغرا دەپ ئويلايدۇ ۋە ئۇلارمۇ مۇئەللىمنىڭكىنى ئاڭلىماسلىققا باشلايدۇ. مۇئەللىم قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەگەر مۇئەللىم قارشىلاشقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتسە، باشقا ئوقۇغۇچىلار قانداق ئويلايدۇ؟ ئۇلار ئاشۇ باشلامچى بولۇپ قارشىلاشقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن باشقا ئوقۇچىلارنىڭ توغرا ئوخشايدۇ دەپ ئىشىنىپ كەتمەمدۇ؟ دەرسخانىدىكى مۇئەللىمنى ھۆرمەتلەيدىغان باشقا ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىم ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئاشكارىلىنىپ كېتىشتىن قورقۇپ، ئاشۇ گەپ ئاڭلىمىغان ئوقۇغۇچىنى دەرسخانىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى دەپ ئويلىشى ھەمدە كۆپچىلىك ھەممىسى يەنە مۇئەللىمنى ھۆرمەتلىمەسلىكى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇئەللىم ئاشۇ قارشىلاشقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى دەرسخانىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلغان.

13 پەرۋەردىگار يەھۋا مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىز مىسال قىلىپ ئۆتكەن مۇئەللىمنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش ئۇسۇل قوللانغان. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئېرەم باغدىكى خۇداغا قارشى ئىسيان پەقەت بىر نەچچە ئىسيانچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. مىليونلىغان پەرىشتىلەر ئۆز كۆزى بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى كۆرگەن (ئايۇپ 38:‏7؛ دانىيال 7:‏10). يەھۋانىڭ بۇ ئىسياننى قانداق بىرتەرەپ قىلىشى بارلىق پەرىشتىلەرگە ۋە كېيىنكى بارلىق ئىنسانلارغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، يەھۋا خۇدا قانداق قىلغان؟ ئۇ، شەيتاننىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلغان. خۇدا يەنە شەيتاننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئىنسانلارنىڭ بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان.

14 بىزنىڭ مىسالىمىزدىكى مۇئەللىم باش قارشىلاشقۇچى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما، ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشى دەرسخانىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ. قارشىلاشقۇچى ئوقۇغۇچىلار مەغلۇپ بولغاندا، باشقا بارلىق سەمىمىي ئوقۇغۇچىلار پەقەت مۇئەللىمنىڭلا مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. شۇندىلا، باشقا ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن مۇئەللىم قارشىلاشقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىن قوغلاپ چىقىرۋىتىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار يەھۋا بارلىق ساپ دىل كىشىلەرنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسيانچىلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆز-‏ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئارقىلىق پايدا-‏مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. قەدىمدە ياشىغان يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئوخشاش، ئۇلار ناھايىتى مۇھىم ھەقىقەتنى ئۆگىنەلەيدۇ:‏ «ئەي خۇداۋەندە بىلۇرمەنكى ئىنساننىڭ يولى ئۆز ئىختىيارىدا ئەمەس. ماڭغىنىدا ئىنسان ئۆز قەدەملىرىنىمۇ راست باشلىيالماس». — يەرەمىيا 10:‏23.

نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت رۇخسەت قىلىدۇ؟

15 لېكىن، نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالمايدۇ؟ مىسالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مۇئەللىم قىلمايدىغان ئىككى ئىش توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. بىرىنچى، ئۇ قارشىلاشقۇچى ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىغاندا ئۇنى توسمايدۇ؛ ئىككىنچى، ئۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان مۇئەللىم ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ ياردەم بەرمەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، تەڭرى يەھۋا ئىككى ئىشنى قىلماسلىقنى قارار قىلغان. بىرىنچى، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتقاندا، يەھۋا ئۇلارنى توسمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېقىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ. تەڭرى يەھۋا ئۇلارنىڭ ئىسپاتلاپ بېقىشىغا زۆرۈر بولغان ۋاقىتنى بەرگەن. نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىدا، ئىنسانلار ھەرخىل شەكىلدە بىر-‏بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى سىناپ باقتى. ئىنسانلار پەن-‏تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ناھەقچىلىك، نامراتلىق، قانۇنسىزلىق ۋە ئۇرۇشلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. مۇشۇ ئىشلار ئىنسانلار بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلسا جەزمەن مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بۈگۈنكى كۈندە ئىسپاتلىدى.

16 ئىككىنچى، يەھۋا شەيتاننىڭ بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياردەم بەرمىدى. مەسىلەن، ئەگەر خۇدا ۋەھشىي قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇپ قالسا، ئاشۇ ئىسيانچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىغا ياردەم بەرگەنلىك بولمامدۇ؟ ئەگەر خۇدا شۇنداق قىلسا، ئادەملەر، ئىنسانلار ئۆز-‏ئۆزىگە ئازاب-‏ئوقۇبەتسىز، كىشىنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ دېگەن ئوي-‏خىيالغا كېلىپ قالمامدۇ؟ ئەگەر يەھۋا شۇنداق قىلسا، ئۇ بىر يالغانچىلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ. بىراق، «خۇدا يالغان ئېيتالمايدىغان» خۇدادۇر. — ئىبرانىيلار 6:‏18.

ئاللا سىزنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ

خۇدانىڭ سۆزىدىن تەسەللىي تېپىۋاتقان ئايال

17 ئەمما، ئىنسانلار خۇداغا بويسۇنماي ياشىغان نەچچە مىڭ يىل داۋامىدا، سان-‏ساناقسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرچۇ؟ چوقۇم ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككى، يەھۋا خۇدا ھەممىگە قادىر. شۇڭا ئۇ، بۇ دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك ئازاب-‏ئوقۇبەت ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىرنى يوق قىلالايدۇ ۋە كەلگۈسىدە شۇنداق قىلماقچى. بىز بۇرۇن ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، ھازىر كۆز ئالدىمىزدىكى ئىنسانلار ۋەيران قىلغان يەرشارى، كەلگۈسىدە گۈزەل جەننەت ماكانغا ئايلىنىدۇ. ئىنسانلار ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش ئارقىلىق گۇناھدىن خالاس بولۇپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈشى ئارقىلىق ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ. خۇدانىڭ شۇ چاغدا مەسىھنى ئىشلىتىشى «ئىبلىسنىڭ ئىشلىرىنى» يوق قىلىش ئۈچۈندۇر (1-‏يۇھاننا 3:‏8). پەرۋەردىگار يەھۋا دەل ۋاقىت-‏سائىتى كەلگەندە مۇشۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بىز ئاللا يەھۋانىڭ ناھايىتى تېزلا ھەرىكەتكە كەلمىگەنلىكى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشمىز ئۈچۈن بىزگە سەۋرچانلىق بىلەن پۇرسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىز ناھايىتى خۇشال ۋە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز (2-‏پېترۇس 3:‏9، 10). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۋا ئۆزىگە سەمىمىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلار ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن ھەردائىم ياردەم بېرىدۇ. — يۇھاننا 4:‏23؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏13.

18 يەنە بەزى كىشىلەر مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرغا قويىدۇ:‏ ئەگەر خۇدا ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنى خۇداغا ئىسيان كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىپ ياراتسا، دۇنيادىكى ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابى شۇكى، يەھۋا سىزگە بەرگەن قىممەت-‏باھالىق سوۋغاتنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز لازىم.

خۇدا بەرگەن سوۋغاتنى سىز قانداق ئىشلەتمەكچى؟

19 بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 5-‏بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، خۇدا ئىنسانلارنى ياراتقاندا، ئۇلارغا تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن. مۇشۇنىڭ بىر قىممەت-‏باھالىق سوۋغات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭىزمۇ؟ خۇدا سان-‏ساناقسىز جان-‏جانىۋارلارنى ياراتقان ھەمدە ئۇلار ياشاشتا كۆپىنچە تۇغما قابىلىيەتكە تايىنىدۇ (پەندى-‏نەسىھەت 30:‏24). ئىنسانلار بەلگىلەنگەن بۇيرۇق ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدىغان بەزى ماشىنا ئادەملەرنى ياسىغان. ئەگەر ئاللا يەھۋا بىزنى ئاشۇ ماشىنا ئادەمدەك ياراتقان بولسا، بىز خۇشال بولالامتۇق؟ ئەلۋەتتە، ياق. مەسىلەن، قانداق ئادەم بولۇشنى تاللاش، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىنى تاللاش، كىملەر بىلەن دوست بولۇشنى تاللاش قاتارلىق ئىشلاردا، ھەممىمىز ئۆزىمىزدە تاللاش ئەركىنلىكى بولۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز. بىز مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشنى ياخشى كۆرىمىز، ئاللامۇ بىزنىڭ ئاشۇنداق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىمىزنى خالايدۇ.

20 پەرۋەردىگار يەھۋا ئىنسانلارنى ئۆزىگە مەجبۇرىي ئىبادەت قىلدۇرۇشنى خالىمايدۇ (2-‏كورىنتلىقلار 9:‏7). مۇنداق مىسال قىلايلى:‏ ئاتا-‏ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنى بېقىپ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقانلىقى سەۋەبلىك پەرزەنتىنىڭ ئۆز مىننەتدارلىقىنى مەجبۇرىيەت شەكىلىدە بىلدۈرۈشىنى خالامدۇ؟ ياكى پەرزەنتىنىڭ چىن قەلبىدىن ئاتا-‏ئانىسىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مىننەتدارلىقىنى خۇشاللىق بىلەن بىلدۈرۈشىنى خالامدۇ؟ شۇڭا ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم سوئال:‏ سىز ئۆزىڭىز، يەھۋانىڭ سىزگە بەرگەن تاللاش ئەركىنلىكىنى قانداق ئىشلەتمەكچى؟ شەيتان، ئادەم-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا قاتارلىقلار تاللاش ئەركىنلىكىدىن ياخشى پايدىلانماي، ئاللا يەھۋانى رەت قىلىشنى تاللىغان. سىز ئۆزىڭىز قانداق قىلماقچى؟

21 ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە بېرىلگەن تاللاش ئەركىنلىكىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىشقا سىزدە پۇرسەت بار. سىز مىليونلىغان يەھۋانىڭ تەرەپدارى بولغان كىشىلەرگە قوشۇلالايسىز. ئۇلار يەھۋانى خۇرسەن قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار شەيتاننىڭ بىر يالغانچى ۋە مەغلۇپ بولغۇچى ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ (پەندى-‏نەسىھەت 27:‏11). سىزمۇ ھەم ياشاشنىڭ توغرا يولىنى تاللاش ئارقىلىق يەھۋانى خۇرسەن قىلالايسىز. قانداق ياشاش ئارقىلىق پەرۋەردىگار يەھۋانى خۇرسەن قىلغىلى بولىدۇ؟ كېيىنكى باب بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • بۇ دۇنيانى مۇشۇنداق يامان ئەھۋالغا خۇدا چۈشۈرۈپ قويغان ئەمەس. — ئايۇپ 34:‏10.
  • شەيتان، خۇدانى يالغانچى دەپ ئاتاپلا قالماي، ئۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئۆز پۇقرالىرىغا بەرمەي ساقلايدۇ دەپ خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا شەك كەلتۈرگەن. — يارىتىلىش 3:‏2-‏5.
  • يەھۋا خۇدا ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغان ئەيسا مەسىھنى ئىشلىتىپ، بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدۇ. — 1-‏يۇھاننا 3:‏8.

مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر قانداق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتىدۇ؟ ئاشۇ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر ئادەملەرنىڭ قايسى سوئاللارنى سورىشىغا تۈرتكە بولدى؟

3، 4. (1) نېمە ئۈچۈن خۇدا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى خۇدادىن سوراشنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ (2) يەھۋا رەزىل ئىشلار ۋە ئازاب-‏ئوقۇبەتكە نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتتا؟

5. بۇ دۇنيانىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇبەتكە تولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە دىنىي يېتەكچىلەر ياكى ئۇستازلار قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەمما مۇقەددەس كىتاب نېمە ئۆگىتىدۇ؟

6. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر ئۈچۈن ئاللانى ئەيىبلەپ خاتالىشىدۇ؟

7، 8. (1) بۇ دۇنيا ئۆز ھۆكۈمرانىنىڭ خاراكتېر-‏خۇسۇسىيەتلىرىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرگەن؟ (2) بۇ دۇنيانىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرگە تولۇپ كېتىشى ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەلسىز بولۇشى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ يەنە «پۇرسەت بىلەن ھادىسە»نىڭ بۇ دۇنيادىكى ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

9. يەھۋانىڭ ئىنسانلارنىڭ داۋاملىق ئازاب-‏ئوقۇبەت چېكىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىدا ئالاھىدە بىر ياخشى سەۋەب بارلىقىغا قانداق جەزم قىلالايمىز؟

10. شەيتان قايسى جەھەتتىن خۇداغا شەك كەلتۈردى؟ قانداق شەك كەلتۈردى؟

11. نېمە ئۈچۈن تەڭرى يەھۋا ئېرەم بېغىدا ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەرنى دەرھاللا يوقاتمىدى؟

12، 13. نېمە ئۈچۈن يەھۋا خۇدانىڭ، شەيتاننىڭ بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولىشىغا ۋە ئىنسانلارنىڭ بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ؟

14. پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-‏ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىش قارارىدىن قانداق پايدا-‏مەنپەئەت كېلىدۇ؟

15، 16. (1) نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار يەھۋا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن يەھۋا ۋەھشىي قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇپ قالمايدۇ؟

17، 18. يەھۋا قانداق قىلىپ شەيتاننىڭ تەسىر قىلىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدۇ؟

19. پەرۋەردىگار يەھۋا بىزگە قايسى قىممەت-‏باھالىق سوۋغاتنى بەرگەن؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئۇ سوۋغاتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك؟

20، 21. قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە بېرىلگەن تاللاش ئەركىنلىكىدىن بىز قانداق قىلىپ ياخشى پايدىلىنالايمىز؟ ۋە بىز نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك؟