مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

13-‏باب

خۇدانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى

خۇدانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى

خۇدانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟

خۇدا بالا چۈشۈرۈشكە قانداق قارايدۇ؟

بىز ھاياتقا قانداق ھۆرمەت كۆرسىتىمىز؟

يـەھـۋا «بىر ھەق خۇدا» ۋە ئۇ «تىرىك خۇدا» دەپ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئېيتقان (يەرەمىيا 10:‏10). بۇندىن باشقا، تەڭرى يەھۋا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچى ئىگىسىدۇر. ئاسماندىكى روھىي مەخلۇقلار خۇداغا:‏ «ھەممە نەرسىلەرنى سەن ياراتتىڭ ۋە سېنىڭ خاھىشىڭ بىلەن ۋۇجۇدغا كېلىپ يارىتىلدى» دېگەن (ۋەھىيلەر 4:‏11). داۋۇت پەيغەمبەر ناخشا ئېيتىپ خۇدانى:‏ «ھاياتنىڭ بۇلىقى» دەپ مەدھىيلىگەن (زەبۇر 36:‏9). ھاياتلىق، ھەقىقەتەن ئاللا يەھۋادىن كەلگەن سوۋغاتتۇر.

2 پەرۋەردىگار يەھۋا بىزگە ھاياتلىق بېرىپ قالماي، يەنە بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قوللاپ-‏قۇۋۋەتلەيدۇ (ئەلچىلەر 17:‏28). ئۇ بىزنى يەيدىغان تاماق، ئىچىدىغان سۇ، نەپەسلىنىش ئۈچۈن ھاۋا، ياشايدىغانغا زېمىن بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئەلچىلەر 14:‏15-‏17). يەھۋا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ ھاياتلىقتىن ھۇزۇرلىنىشمىز ئۈچۈن قىلغان. ھاياتلىقتىن ھەقىقىي ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن خۇدانىڭ قانۇنلىرىنى ئۆگىنىپ، ئاشۇ قانۇنلارغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. — يەشايا 48:‏17، 18.

ھاياتقا ھۆرمەت كۆرسىتىش

3 ئاللا بىزنىڭ ئۆز ھاياتىمىزنى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ھۆرمەتلىشىمىزنى خالايدۇ. مەسىلەن، ئادەم-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا ياشىغان زاماندا، ئۇلارنىڭ ئوغلى قابىل ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھابىلغا قاتتىق غەزەپلەنگەندە، پەرۋەردىگار يەھۋا قابىلنى ئاگاھلاندۇرۇپ غەزەپلىنىشنىڭ ئۇنى ئېغىر گۇناھ قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. قابىل ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلماي، «ھابىلغا زىد [قارشى] قوپۇپ ئۇنى ئۆلتۈردى» (يارىتىلىش 4:‏3-‏8). يەھۋا خۇدا قابىلنى ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن جازالىغان ئىدى. — يارىتىلىش 4:‏9-‏11.

4 تەخمىنەن ئىككى مىڭ تۆت يۈز يىلدىن كېيىن، يەھۋا ئىسرائىل خەلقى قانداق ئىبادەت قىلسا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا قانۇن چۈشۈرۈپ بەرگەن. ئاشۇ قانۇنلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈلگەچكە، ئۇلار بەزىدە مۇسانىڭ قانۇنى دەپمۇ ئاتىغان. ئاشۇ قانۇنلارنىڭ بىرىدە:‏ «قەتلى [قاتىللىق] قىلمىغىن» دېيىلگەن (تەكرار قانۇن 5:‏17). مۇشۇ قانۇن ئىسرائىللارغا، يەھۋانىڭ ئىنسان ھاياتىنى ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى چوقۇم ئەتىۋارلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

5 ئۇنداقتا تۇغۇلمىغان بالىنىڭ ھاياتىچۇ؟ ئۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ مۇسا قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش جىنايەتتۇر. پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ھەتتا تۇغۇلمىغان ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ھاياتى ھەم قەدىر-‏قىممەتلىك (چىقىش 21:‏22، 23؛ زەبۇر 127:‏3). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالا چۈشۈرۈش ياكى ھامىلە چۈشۈرۈش ئاللانىڭ كۆز ئالدىدا خاتا.*

6 ھاياتقا ھۆرمەت بىلەن قاراش باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ھەر كىم ئۆز بۇرادىرىنى يامان كۆرسە ئادەم ئۆلتۈرگۈچىدۇر ۋە ھېچ بىر ئادەم ئۆلتۈرگۈچىدە ئەبەدىي تىرىكلىكنىڭ [بولمىغانلىقىنى] بىلۇرسىزلەر» دەيدۇ (1-‏يۇھاننا 3:‏15). ئەگەر بىز مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشنى خالىساق، قەلبىمىزدىكى باشقىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۆچمەنلىك كۆپىنچە زوراۋانلىق پەيدا قىلىدۇ (1-‏يۇھاننا 3:‏11، 12). بىر-‏بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىش ناھايىتى مۇھىم.

ھاياتقا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن

تېخى تۇغۇلمىغان بالا
  • ھامىلىنى ئۆلتۈرمەسلىك

بىر كىشى بىر قاپ تاماكىنى سىقىپ يانجىماقتا
  • ئادەتكە ئايلانغان ناپاك قىلىقلاردىن ۋاز كېچىش

ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئىرقتىن بولغان دوستلار
  • قەلبىمىزدىكى باشقىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى يىلتىزدىن چىقىرىپ تاشلاش

7 بىز قانداق قىلىپ ئۆز ھاياتىمىزغا ھۆرمەت كۆرسىتەلەيمىز؟ ئادەتتە، كىشىلەر ئۆلۈشنى خالىمايدۇ، ئەمما بەزى كىشىلەر ھۇزۇر-‏ھالاۋەتنى قوغلىشىپ ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر كۆڭۈل ئېچىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش مەقسىتىدە تاماكا ۋە نەشە چېكىدۇ ۋە ياكى باشقا زەھەرلىك نەرسىلەرنى چېكىدۇ. ئاشۇ نەرسىلەر ئادەملەرنىڭ بەدىنىگە زىيان يەتكۈزۈپ ھەمىشە جاننى ئالىدۇ. بەدەننى زەيىپلەشتۈرىدىغان شۇنداق نەرسىلەرنى چېكىدىغان قىلمىشلارغا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھايات مۇقەددەس ئەمەس. بۇلار خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ناپاك قىلمىشلاردۇر (رىملىقلار 6:‏19؛ 12:‏1؛ 2-‏كورىنتلىقلار 7:‏1). ئىبادىتىمىزنى خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلمىشلاردىن ۋاز كىچىشىمىز زۆرۈر. گەرچە ۋاز كېچىش تەس بولسىمۇ، يەھۋا بىز موھتاج بولىدىغان ياردەمنى بېرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ھاياتلىقنى ئۇنىڭدىن كەلگەن سوۋغات سۈپىتىدە كۆرۈش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى ئەتىۋارلايدۇ.

8 ئەگەر ھاياتنى ھۆرمەتلىسەك، بىزدە دائىم بىخەتەرلىك ئېڭى بولۇشى كېرەك. بىز ھۇزۇر ئېلىش ياكى ھاياجانلىنىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلماسلىقىمىز ياكى بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىز لازىم. قاراملىق بىلەن ماشىنا ھەيدەشتىن ياكى زوراۋانلىق قىلمىشلاردىن ۋە ياكى خەتەرلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن خالىي بولىشىمىز كېرەك (زەبۇر 11:‏5). خۇدا قەدىمكى ئىسرائىل خەلقىگە جاكارلىغان قانۇندا:‏ «سەن بىر يېڭى ئۆينى ياسىساڭ ئۆگزەڭگە بىر يورغا تامنى ياسىغىن بولمىسا بىركىم ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىگە قان تۆكۈشنىڭ گۇناھىنى كەلتۈرمەكچى بولۇرسەن» دېيىلگەن (تەكرار قانۇن 22:‏8). ئاشۇ قانۇندىكى قائىدە-‏نىزاملار بويىچە بولغاندا، ئۆيىڭىزنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، ئۆيلەرنىڭ پەلەمپەيلىرى ياخشى مۇستەھكەم ئورنىتىلسا، كىشىلەرنىڭ يىقىلىپ بەدەنلىرىنىڭ ئېغىر يارلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ماشىنىسى بولسا، ماشىنىنى بىخەتەر ھەيدەشكە بولىدىغانلىقىغا ھەردائىم كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. ئۆيلىرىڭىزنىڭ ۋە ماشىنىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىزگە ياكى باشقىلارغا خېيىم-‏خەتەر ئېلىپ كېلىشدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

9 ھايۋانلارنىڭ ھاياتىچۇ؟ ھايۋانلارنىڭ ھاياتى ھەم ياراتقۇچىنىڭ نەزىردە ئۇلۇغدۇر. خۇدا، ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق ۋە كىيىم-‏كېچەك ياكى ھايۋانلار ئېلىپ كېلىدىغان خەتەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلغان (يارىتىلىش 3:‏21؛ 9:‏3؛ چىقىش 21:‏28). لېكىن، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ھايۋانلارنى خارلاش ياكى ئۆلتۈرۈش خاتا. ھايۋانلارنى خارلاپ ئۆلتۈرۈش ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. — پەندى-‏نەسىھەت 12:‏10.

قانغا ھۆرمەت كۆرسىتىش

10 قابىل ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، يەھۋا قابىلغا:‏ «ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرىيات قىلادۇر» دېگەن (يارىتىلىش 4:‏10). خۇدا ئېيتقان ھابىلنىڭ قېنى، ھابىلنىڭ جېنىنى كۆرسىىتىدۇ. قابىل ھابىلنىڭ جېنىنى ئالغان، قابىل چوقۇم جازالىنىشى كېرەك. ھابىلنىڭ قېنى يەنى ھابىلنىڭ جېنى يەھۋاغا ئادىللىق ئۈچۈن نالە-‏پەرىيەت قىلغان. نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىكى كەلكۈن سۈيىدىن كېيىن، قان بىلەن جان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قايتا كۆرسىتىلگەن. كەلكۈن سۈيى كېلىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار پەقەت مېۋە-‏چېۋە، سەي-‏كۆكتات، ئاشلىق-‏زىرائەت ۋە شاكاللىق مېۋىلەرنىلا ئوزۇقلۇق قىلغان ئىدى. كەلكۈن سۈيىدىن كېيىن، يەھۋا نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا:‏ «ھەر مىدىرلايدۇرغان جاندارنى سىزلەرگە تائام بولسۇن. مەن سىزلەرگە كۆكەرگەن گىياھنى بەرگەندەك ئەمدى مۇنىڭ ھەممىسىنى سىزلەرگە بەردىم» دېگەن. لېكىن، خۇدا ئۇلارغا:‏ «ئەمما جېنى يەنى قېنى ئىچىدە بار گۆشنى يېمەڭلار» دەپ چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن (يارىتىلىش 1:‏29؛ 9:‏3، 4). مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا جان يەنى ھاياتلىق بىلەن قاننىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتى بار.

11 بىز قاننى يېمەسلىك ئارقىلىق قانغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز. پەرۋەردىگار يەھۋا ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن قانۇندا:‏ بىر كىشى يېيىشكە رۇخسەت قىلىنغان بىر ياۋايى ھايۋان ياكى بىر ئۇچار قۇشنى ئوۋلاپ تۇتسا، «قاننى ئېقىتىپ ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن…[ئىسرائىللارغا] ئېيتۇرمەنكى:‏ سىز بولسىڭىز ھېچ بىر گۆشنىڭ قېنىنى يېمەڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلغان (لاۋىيلار 17:‏13، 14). خۇدا ئىسرائىللارغا قانۇن چۈشۈرۈشتىن 800 يىل ئىلگىرى، تۇنجى قېتىم نۇھ پەيغەمبەرگە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى يېمەسلىك ھەققىدە چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، نەچچە يۈز يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ چەكلەش بۇيرۇقى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولغان. پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ قانغا بولغان كۆز قارىشى ناھايىتى ئېنىق:‏ ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ، بىراق قېنىنى يېسە بولمايدۇ. ئۇلار ھايۋانلارنىڭ قېنىنى يەرگە چىقىرىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنداق قىلغانلىق مەخلۇقاتلارنىڭ جېنىنى ئاللا يەھۋاغا قايتۇرغانلىق بولىدۇ.

12 ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىمۇ قان توغرىسىدىكى چەكلەش بۇيرۇقلىرىغا رىئايە قىلىش كېرەك. مىلادى 1-‏ئەسىردە، جاي-‏جايلاردىكى بارلىق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى قايسى بۇيرۇققا رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئەلچىلەر ۋە باشقا جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاقساقاللار بىر جايغا جەم بولغان. ئۇلار مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن:‏ «روھئالقۇددۇس [مۇقەددەس روھ] ۋە بىز مۇناسىپ كۆرۈپ توختاتتۇقكى بۇ لازىم بۇيرۇقلاردىن باشقا يۈك ئۈستىڭىزگە قويۇلمىسۇن يەنى بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان گۆشتىن ۋە قاندىن ۋە بوغۇلغان [قېنى سىرتىغا چىقىرىلمىغان] جانىۋارلاردىن ۋە زىنادىن ئۆزىڭىزنى ساقلىماق لازىم» (ئەلچىلەر 15:‏28، 29؛ 21:‏25). شۇڭا، چوقۇم ‹قاندىن ئۆزىمىزنى ساقلىشىمىز› كېرەك. ئاللا يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا، قاندىن ساقلىنىشىمىز خۇددى بۇتپەرەسلىك ۋە زىنا قىلىشتىن خالىي بولۇشىمىز كېرەك بولغانغا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم.

ھاراقنى ئاسما ئۇكۇل قىلىۋاتقان كىشى

ئەگەر دوختۇر سىزگە ھاراق-‏شارابتىن ساقلىنىڭ دېسە، سىز ئۇنى تومۇرىڭىزغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرامسىز؟

13 قاندىن ساقلىنىش بۇيرۇقى قان سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، مۇنداق بىر مىسال قىلايلى:‏ دوختۇر سىزنىڭ ھاراق-‏شارابلىق يەنى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىشىڭىزنى ئېيتتى دەپ پەرەز قىلساق، بۇ سىز ھاراق ئىچمەسلىكىڭىز كېرەك. لېكىن، سىز ئۇنى تومۇرىڭىزغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرسىڭىز بولىدۇ دېگەنلىكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق دېگەنلىك ئەمەس! شۇنىڭغا ئوخشاش، قاندىن ساقلىنىش دېگەنلىك، قاننىڭ ھەرقانداق شەكىلدە بەدىنىمىزگە كىرىشىدىن ساقلىنىشنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، قاندىن ساقلىنىش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئاللانىڭ قوبۇل قىلىشغا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن قان سېلىشنى رەت قىلىشىمىز كېرەك.

14 ئەگەر بىر ئېتىقادچى قاتتىق يارىلانسا ياكى چوڭ ئوپېراتسىيەگە چۈشىدىغان بولۇپ قالسىچۇ، قانداق قىلىدۇ؟ دوختۇر، ئۇ چوقۇم قان سېلىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇ ئۆلىدۇ دېيىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، يەھۋاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۆلۈشنى خالىمايدۇ. خۇدا بەرگەن قىممەتلىك ھاياتلىق سوۋغىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، قالايمىقان قان ئىشلەتمەيدىغان باشقا تۈردىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئېتىقادچى ھەرخىل داۋالاش ئۇسۇللىرى ياكى دورىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قان ئىشلەتمەيدىغان داۋالاش ئۇسۇلنى تاللايدۇ.

15 يەھۋاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچى كۆز ئالدىدىكى مۇشۇ دۇنيادا بىر ئاز ئۇزۇنراق ياشاشنى دەپ ئاللا يەھۋانىڭ قانۇنىنى بۇزامدۇ؟ ئەيسا مەسىھ:‏ «ھەركىم ئۆز جېنىنى قۇتقازغىلى خالىسا ئۇنى يىتتۈرۈر ۋە ھەركىم مېنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى يىتتۈرسە ئۇنى تاپار» دېگەن (مەتتا 16:‏25). بىز ئۆلۈشنى خالىمايمىز. ئەمما، يەھۋا ئاللانىڭ قانۇنىنى بۇزۇپ ئۆز ھاياتىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا ئۇرۇنساق، بەلكىم بىز مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى يوقىتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن. يەھۋانىڭ قانۇنىغا ئىشەنچ قىلساق زىيان تارتمايمىز. بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتسەك، بىزگە ھاياتلىق بەرگۈچى يەھۋا بىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇ قىيامەت كۈنىدە بىزنى تىرىلدۈرۈپ قىممەتلىك ھاياتلىق سوۋغىتىغا قايتا ئېرىشتۈرىدۇ (يۇھاننا 5:‏28، 29؛ ئىبرانىيلار 11:‏6). خۇداغا ئىشەنچ قىلىش ھەقىقەتەن دانالىقتۇر!

16 بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى قاندىن ساقلىنىش بۇيرۇقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق شەكىلدىكى قاننى يېمەيدۇ ۋە قان سېلىپ داۋالاشنى رەت قىلىدۇ.# ئۇلار ئاشۇ قاننى ياراتقۇچىنىڭ، بىز ئىنسانلارغا نېمىنىڭ پايدا-‏مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. سىزمۇ شۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى

ھاياتقا ۋە قانغا بولغان ھۆرمىتىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟

ئۆز دوختۇرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ئايال

17 مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا قاننىڭ بىرلا مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. قەدىمدە ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەكلىكى بۇيرۇق قىلىنغان:‏ «جىسىم بولسا ئۇنىڭ جېنى قاندادۇر. مەن ئۇنى جانلىرىڭىز ئۈچۈن:‏ كەفارەت [گۇناھنىڭ يۇيۇلۇشى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەل] بەرسۇن دەپ بەردىم ئەمەسمۇ. مانا قان ئۆزى ئۇنىڭ ئىچىدە بار جاننىڭ ۋاستىسى بىلەن كەفارەت كەلتۈرۈر» (لاۋىيلار 17:‏11). ئىسرائىل خەلقى گۇناھ ئۆتكۈزگەندە، دەسلەپكى چاغلادا ئۇلار بىر جانىۋارنى قۇربانلىق قىلىپ ئۇنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، خۇدانىڭ ئىبادەت چېدىرىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قان چېچىش ئارقىلىق كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن. بىراق، كېيىن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەم شۇنداق قىلغان. گۇناھدىن پاك بولۇش ئۈچۈن جانىۋارنى قۇربانلىق قىلىش قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇۋاپىق ئىشلىتىشى بولغان.

18 ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشكەن قانۇننىڭ ئاستىدا ئەمەس. شۇڭا، جانىۋارلارنى قۇربانلىق قىلمايدۇ ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچمايدۇ (ئىبرانىيلار 10:‏1). ئەمما، قەدىمكى ئىسرائىللار زامانىدا قاننىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا چېچىلىشى، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ ئەيسانىڭ قىممەتلىك قۇربانلىقىنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولغان. بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 5-‏بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، ئەيسا قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆز قېنىنى تۆكۈپ بىز ئۈچۈن ھاياتىنى بەرگەن. شۇندىن كېيىن، ئۇ ئاسمانغا چىققان، ھەمدە ئۆز قېنىنى تۆكۈش بەدىلى ئارقىلىق خۇداغا بىر مەرتىۋە مەڭگۈلۈك بەدەلنى تۆلىگەن (ئىبرانىيلار 9:‏11، 12). ئاشۇ بىزنىڭ گۇناھىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئاساس سالغان ۋە بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان (مەتتا 20:‏28؛ يۇھاننا 3:‏16). قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشىنىڭ ئىسپاتلىنىشى نەقەدەر مۇھىم، ھە! (1-‏پېترۇس 1:‏18، 19). پەقەتلا ئەيسا مەسىھنىڭ بەدەل تۆلەش ئۈچۈن تۆككەن قېنىغا ئىشەنچ قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەيمىز.

19 مېھىر-‏شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز يەھۋا بەرگەن ھاياتلىق سوۋغىتىغا كۆپ مىننەتدارمىز! مۇشۇ بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرمامدۇ؟ تەڭرى يەھۋا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلسەك، بۇ بىزنىڭ خۇش خەۋەرنى قىزغىنلىق ۋە غەيرەت-‏شىجائەتلىك بىلەن باشقىلارغا يەتكۈزۈشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ (ھەزقىيال 3:‏17-‏21). ئەگەر بىز خۇشاللىق بىلەن مۇشۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلساق، ئەلچى پاۋلۇس ئېيتقاندەك:‏ «ھېچ بىرىنىڭ قېنىغا مەن قەرزدار ئەمەسمەن چۈنكى ھېچ نېمىنى يوشۇرماي خۇدانىڭ ھەممە ئىرادىسىنى سىزلەرگە بېشارەت بەردىم» دەپ بىزمۇ ئېيتالايمىز (ئەلچىلەر 20:‏26، 27). باشقىلارغا خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتىش، بىزنىڭ ھاياتقا ھەمدە قانغا ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • ھاياتلىق خۇدادىن كەلگەن بىر سوۋغات. — زەبۇر 36:‏9؛ ۋەھىيلەر 4:‏11.
  • بالا چۈشۈرۈش خاتا، تېخى تۇغۇلمىغان بالىنىڭ ھاياتى يەھۋا خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا قەدىر-‏قىممەتلىك. — چىقىش 21:‏22، 23؛ زەبۇر 127:‏3.
  • ھاياتقا خەۋپ-‏خەتەر يەتكۈزمەسلىك ۋە قان يېمەسلىك ئارقىلىق ھاياتقا ھۆرمەت كۆرسىتىمىز. — تەكرار قانۇن 5:‏17؛ ئەلچىلەر 15:‏28، 29.

*  ئەر-‏ئايال پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن بەزى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا، بۇ مۇقەددەس كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا قارشى ئەمەس.

#  قان سېلىش ئورنىغا باشقىچە داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «قان ھاياتىڭىزنى قانداق قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ» دېگەن كىتابچىنىڭ 13-‏17-‏بېتىدىن كۆرۈڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1. بارلىق مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتقان؟

2. خۇدا بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قوللاپ-‏قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

3. ھابىل ئۆلتۈرۈلگەندە خۇدا قانداق كۆز قاراشتا بولدى؟

4. مۇسانىڭ قانۇنلىرى ئىچىدىكى قايسى قانۇن، خۇدانىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن؟

5. بىز بالا چۈشۈرۈشكە نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟

6. بىز نېمە ئۈچۈن باشىقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك؟

7. قايسى بەزى قىلمىشلار ھاياتقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغاننى كۆرسىتىدۇ؟

8. نېمە ئۈچۈن بىزدە ھەردائىم بىخەتەرلىك ئېڭى بولۇشى لازىم؟

9. ئەگەر بىز ھاياتنى ھۆرمەتلىسەك، ھايۋانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

10. خۇدانىڭ قايسى بۇيرۇقى، قان بىلەن جاننىڭ ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟

11. نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنىدىن باشلاپ خۇدا قاننى قانداق ئىشلىتىشنى چەكلىگەن؟

12. بىرىنچى ئەسىردە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن بېرىلگەن قان توغرىسىدىكى قايسى بۇيرۇق بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا كۈچكە ئىگە؟

13. مىسال ئارقىلىق قاندىن ساقلىنىش بۇيرۇقىنىڭ نېمە ئۈچۈن قان سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.

14، 15. ئەگەر دوختۇر بىر ئېتىقادچىغا چوقۇم قان سېلىشنى قوبۇل قىلىشنى ئېيتسا، ئۇ ئېتىقادچى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

16. يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى قان توغرىسىدىكى نېمە ھەقىقەتكە قەتئىي ئىشىنىدۇ؟

17. قەدىمدە، يەھۋا خۇدا قوبۇل قىلغان قاننىڭ بىردىن-‏بىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى قايسى بولغان؟

18. ئەيسانىڭ تۆككەن قېنى ئارقىلىق بىز قانداق پايدا-‏مەنپەئەت ۋە بەخت-‏سائادەتكە ئېرىشەلەيمىز؟

19. ھەرقانداق ئادەمنىڭ قان قەرزدىن پاك بولۇش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟