مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

14-‏باب

ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنى قانداق بەختلىك قىلىش

ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنى قانداق بەختلىك قىلىش

ياخشى ئەر بولۇش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟

قانداق قىلىپ ئايال كىشى ئۆز ئاياللىق رولىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ؟

مېھرىبان ئاتا-‏ئانا بولۇش ئۈچۈن بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىلار قانداق قىلىپ ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلەيدۇ؟

خـۇدا يەھۋا سىزنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشىنى خالايدۇ. ئۇ مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزالىرى ئۈچۈن ياخشى مەسلىھەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئائىلىدە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى خالايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئۆز رولىنى ئادا قىلىپ يەھۋانىڭ سەمىمىي مەسلىھىتىگە قۇلاق سالسا، ئائىلە تۇرمۇشى بەختلىك بولۇپ ئائىلە ئەزالىرى قانائەت ھاسىل قىلىدۇ. ئەيسا مەسىھ:‏ «خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ساقلىغۇچىلار مۇبارەكتۇر» دېگەن. — لۇقا 11:‏28.

2 ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشى ئاساسلىقى، ئائىلىنىڭ قۇرغۇچىسى يەھۋانى چۈشىنىپ يېتىشىمىزگە باغلىق. ئەيسا مەسىھ، يەھۋا خۇدانى:‏ «ئاتىمىز» دەپ ئاتىغان (مەتتا 6:‏9). يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئائىلە ئەرشتىكى ئاتىمىز سەۋەبلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇ نېمىنىڭ ئائىلىگە بەخت-‏سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ (ئەفەسلىكلەر 3:‏14، 15). ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتاب ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزالىرىنىڭ ئائىلىدە قانداق رولى بارلىقى توغرىسىدا نېمە ئۆگىتىدۇ؟

ئائىلە قۇرۇشنى خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان

3 پەرۋەردىگار يەھۋا تۇنجى بىر جۈپ ئىنسان، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنى ياراتقان ۋە ئۇلار ئەر-‏خوتۇن بولۇشقان. ئۇ ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى گۈزەل جەننەت ماكان «ئېرەم باغقا» ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۇلارغا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئېيتقان ئىدى. پەرۋەردىگار يەھۋا:‏ ‹تولا بولۇپ يەرنى تولدۇرۇڭلار› دېگەن (يارىتىلىش 1:‏26-‏28؛ 2:‏18، 21-‏24). بۇ بىر ھېكايە ياكى ئەپسانىۋى-‏رىۋايەت ئەمەس. چۈنكى ئەيسا مەسىھ، مۇقەددەس كىتابنىڭ يارىتىلىش قىسمىدا ئائىلىنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە ئېيتىلغانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن (مەتتا 19:‏4، 5). بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىپ تۇرمۇشىمىز خۇدانىڭ ئەسلى مەقسەت قىلغىنىدەك بولمىسىمۇ، قېنى بىز قانداق قىلىپ بەختلىك ئائىلە قۇرۇش مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

4 ئائىلىدىكى ھەربىر ئائىلە ئەزاسى مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىشتە يەھۋانى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشىغا ئىگە بولالايمىز (ئەفەسلىكلەر 5:‏1، 2). بىراق، بىز خۇدانى كۆرەلمەيدىغان تۇرساق، ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بىز يەھۋانىڭ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنەلەيمىز، چۈنكى ئۇ ئەيسانى ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئىنسان بولۇپ ياشاشقا ئەۋەتكەن (يۇھاننا 1:‏14، 18). ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە بولغان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىنى ناھايىتى ياخشى ئۈلگە قىلىپ ئاتىسىنىڭ مىجەز-‏خاراكتېرىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن. مەسىھنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش خۇددى پەرۋەردىگار يەھۋانى كۆرۈپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ (يۇھاننا 14:‏9). شۇڭا، مەسىھ كۆرسەتكەن مېھر-‏مۇھەببەتنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرىگە ئەگىشىش ئارقىلىق ھەربىرىمىز بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشى قۇرالايمىز.

ئەرلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە

5 مۇقەددەس كىتاب، ئەيسا مەسىھ ئۆز شاگىرتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسا، ئەرلەرنىڭمۇ ئۆز ئاياللىرىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. قېنى مۇقەددەس كىتابنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:‏ ‹ئەي ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، چۈنكى مەسىھ جامائەتنى سۆيۈپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلدى…شۇنىڭغا ئوخشاش ئەرلەرگە ئاياللىرىنى ئۆز بەدەنلىرىنى سۆيگەندەك سۆيۈش ۋاجىپتۇر. ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيىدۇ، چۈنكى بىر كىم ئەسلا ئۆز جىسمىنى يامان كۆرمەي بەلكى ئۇنى بېقىپ پەرۋىش قىلىدۇ، چۈنكى مەسىھ جامائەتنى پەرۋىش قىلىدۇ›. — ئەفەسلىكلەر 5:‏23، 25-‏29.

6 ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى سۆيۈپ، ئەرلەر ئۈچۈن مۇكەممەل ئۈلگە قالدۇرغان. ئەيسا ئۇ، «ئۇلارغا ئاخىرغىچە مۇھەببەت كۆرسىتىپ» تۇرغان، ھەتتا شاگىرتلار مۇكەممەل ئەمەس بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۇلار ئۈچۈن قۇربان قىلغان (يۇھاننا 13:‏1؛ 15:‏13). شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار» دەپ ئەرلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ (كولوسىلىقلار 3:‏19، ھ.ز.). بىر ئەر بولغۇچىنىڭ شۇنداق نەسىھەتنى ئۆز ئائىلە تۇرمۇشىدا، بولۇپمۇ ئايالى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن چاغلاردا ئەمەلىي قوللىنىشىغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئەر بولغۇچى ئۆزىنىڭمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى چوقۇم ئەستە ساقلاش كېرەك ھەمدە خۇدانىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەر چوقۇم نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم ئەستە ساقلاش كېرەك. ئەر نېمە قىلىشى كېرەك؟ ئەر ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى چوقۇم ئەپۇ قىلىشى كېرەك، ئايالىمۇ ھەم بۇنىڭ ئىچىدە. ئەلۋەتتە، ئايالمۇ دەل شۇنداق قىلىشى كېرەك (مەتتا 6:‏12، 14، 15). بەزى كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن نىكاھنىڭ يەنى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى بىر-‏بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ئەپۇ قىلىدىغان ئىككى ئادەمنىڭ قوشۇلۇشى دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىڭىزمۇ؟

7 ئەرلەر يەنە ئەيسا مەسىھنىڭ ھەمىشە ئۆز شاگىرتلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۇ شاگىرتلارنىڭ قابىلىيىتىنىڭ چەكلىك ۋە موھتاجلىقتا بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئىدى. مەسىلەن، شاگىرتلار ھېرىپ كەتكەندە، ئەيسا ئۇ:‏ «تەنھا بىر باياۋان يەرگە بېرىپ ئازغىنە راھەت ئېلىڭلار» دېگەن (ماركۇس 6:‏30-‏32). ئوخشاشلا، ئەرلەر ھەم ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك. مۇقەددەس كىتاب ئاياللارنى:‏ ‹نازۇك قاچىدەك› دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئەرلەرگە ئۇلارغا «ئىززەت بېرىڭلار» دەپ بۇيرۇغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئەرلەر ۋە ئاياللار «تىرىكلىك ئىنايىتى [ئىلتىپاتى]»دىن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدۇ (1-‏پېترۇس 3:‏7). ئەرلەر شۇنى ئەستە ساقلىشى كېرەككى، ئادەملەرنىڭ ئەر ياكى ئاياللىق جىنس ئايرىمىسى ئادەملەرنى ئاللانىڭ ئالدىدا ئەتىۋارلىق قىلماستىن، ئادەملەرنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ئادەملەرنى ئاللانىڭ ئالدىدا ئەتىۋارلىق قىلىدۇ. — زەبۇر 101:‏6.

8 مۇقەددەس كىتاب ئەرلەرگە:‏ «ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيىدۇ» دېگەن. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئەر ۋە ئۇنىڭ ئايالى «ئىككى ئەمەس بىر بەدەندۇر» (مەتتا 19:‏6). مۇشۇ سەۋەبتىن جىنسىي تۇرمۇش چوقۇم بىر جۈپ نىكاھلىق ئەر-‏خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بولۇشى كېرەك (پەندى-‏نەسىھەت 5:‏15-‏21؛ ئىبرانىيلار 13:‏4). ئۇلار بىر-‏بىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر-‏بىرىگە ۋاپادار بولۇشى زۆرۈر (1-‏كورىنتلىقلار 7:‏3-‏5). مۇقەددەس كىتابتىكى:‏ «بىر كىمەرسە [كىشى] ئەسلا ئۆز جىسمىنى يامان كۆرمەي بەلكى ئۇنى بېقىپ پەرۋىش قىلۇر» دېگەن ئايەتنى چوڭقۇر ئويلاپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئەر ئۆز-‏ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك، شۇنىمۇ ئەستە ساقلىشى كېرەككى، ئەرلەر ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يەنى ئەرلەرنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھېساب بېرىدۇ. — ئەفەسلىكلەر 5:‏29؛ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3.

9 ئەلچى پاۋلۇس:‏ ‹ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىلەن› دەپ سۆز قىلغان (فىلىپىلىكلەر 1:‏8). ئەيسا مەسىھنىڭ مۇلايىملىق بىلەن مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىشى كىشىلەرنى خاتىرجەم ھېس قىلدۇرغان، ھەتتا ئايال ئېتىقادچىلارمۇ تەسىرلەنگەن (يۇھاننا 20:‏1؛ 11-‏13، 16). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە مۇلايىملىق بىلەن مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىشىگە تەشنا بولىدۇ.

ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە

10 ئائىلە بىر تەشكىلاتقا ئوخشايدۇ. ئۇنى ئوڭۇشلۇق مەشغۇلات قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر باش بولۇپ يېتەكچىلىك قىلغۇچىغا موھتاج بولىدۇ. ھەتتا ئەيسا مەسىھ، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا باش بولۇپ يېتەكلىشىگە بويسۇنغان. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئەيسا مەسىھنىڭ بېشى بولسا خۇدادۇر» شۇنىڭدەك «ئايالنىڭ بېشى ئەر» دەيدۇ (1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3، ھ.ز.). ئەيسا باشچىلىق قىلغۇچى ئاللاغا بويسۇنۇپ ناھايىتى ياخشى بىر ئۈلگە قالدۇرغان. شۇڭا، ھەربىرىمىز ئۆزىمىزگە باش بولغۇچىغا چوقۇم بويسۇنۇشىمىز كېرەك.

11 ئەلۋەتتە، ئەرلەر مۇكەممەل ئەمەس، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمايدۇ ۋە غايىۋى ئائىلە باشلىقى بولۇش ئۆلچىمىگە ھەردائىم لايىق بولالمايدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئايال بولغۇچى ئېرىنىڭ قىلغان ئىش-‏ھەرىكەتلىرىنى سەل چاغلىماسلىقى ياكى ئېرىنىڭ باشلامچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. ئاياللارنىڭ شۇنى ئەستە ساقلىشى دانالىقتۇر — ياۋاش ۋە تىنچ روھ خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر (1-‏پېترۇس 3:‏4). ئاشۇنداق روھنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئاياللار ھەتتا مۈشكۈل شارائىت ئاستىدىمۇ، خۇدانىڭ ئاياللارغا بۇيرۇغان ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇش بۇيرۇقىغا ئاسانراق ئەمەل قىلالايدۇ. بۇندىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن» دەپ بۇيرۇق قىلغان (ئەفەسلىكلەر 5:‏33، ھ.ز.). ئەمما ئەر بولغۇچى مەسىھنىڭ باشچىلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلمىغان بولسىچۇ؟ ئاياللار قانداق قىلىشى كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئەي ئاياللار، سىلەرمۇ ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، خۇداغا ئېتىقاد قىلىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار ۋە پاك پەزىلىتىڭلارنى كۆرەلەيدۇ» دەپ ئاياللارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. — 1-‏پېترۇس 3:‏1، 2، ھ.ز.

ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە ئاياللار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟

سارە ئىبراھىم بىلەن سۆزلەشمەكتە

12 ئايالنىڭ ئېرى ئېتىقادچى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئەگەر ئايال ئېرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پىكىرى بولسا مۇلايىملىق بىلەن ئوتتۇرغا قويسا، بۇ ئېرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق ئەمەس. ئايال بولغۇچىنىڭ كۆز قارىشى توغرا بولغاندا، ئەر ئايالىنىڭ پىكىرنى ئاڭلىسا بىر ئائىلە كىشىلىرى پايدا-‏مەنپەئەتكە ئىگە بولالىشى مۇمكىن. ئىبراھىم پەيغەمبەر، ئايالى سارە ئائىلىدىكى بەزى مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان پىكىرگە قوشۇلمىغان بولسىمۇ، خۇدا ئىبراھىم پەيغەمبەرگە:‏ ھەر نېمە دېسە ئۇنىڭغا «قۇلاق سالغىن» دەپ ئېيتقان ئىدى (يارىتىلىش 21:‏9-‏12). ئەلۋەتتە، ئەر بولغۇچىنىڭ ئالاھىدە ئىشلارغا چىقارغان ئەڭ ئاخىرقى قارارى خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت كەلمىسە، ئايال ئېرىگە بويسۇنۇپ ئېرىنىڭ چىقارغان قارارىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەك. — ئەلچىلەر 5:‏29؛ ئەفەسلىكلەر 5:‏24.

13 ئايال بولغۇچى ئۆز رولىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئائىلىنىڭ بەخت-‏سائادەتكە تولۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشالايدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب نىكاھلىق ئاياللارغا:‏ ‹ئۆز ئەرلىرىنى ۋە بالىلىرىنى سۆيسۇن…ھوشيار ۋە ئىپپەتلىك بولۇپ، ئۆز ئۆيىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆز ئېرىگە ئىتائەت قىلسۇن› دەپ كۆرسەتكەن (تىتۇس 2:‏4، 5). يۇقىرىقى ئايەتتىكى نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ ئائىلىدە ئاياللىق ۋە ئانىلىق رولىنى ئادا قىلغان ئايال ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مېھر-‏مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ (پەندى-‏نەسىھەت 31:‏10، 28). نىكاھ مۇكەممەل ئەمەس ئىككى ئادەمنىڭ قوشۇلۇشى بولغانلىقى سەۋەبتىن، بەزىدە چەكتىن ئاشقان ئېغىر مەسىلە يۈز بېرىپ، نەتىجىدە ئايرىلىپ ياشاش ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتاب مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى ئەر-‏ئايالنىڭ ئايرىلىپ ياشىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەمما، يېنىكلىك بىلەن ئايرىلىپ ياشاش قارارىنى قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب مۇنداق مەسلىھەت بېرىدۇ:‏ «خوتۇن ئېرىدىن ئايرىلمىسۇن…ۋە ئەر ھەم ئۆز خوتۇنىنى قويۇپ بەرمىسۇن» (1-‏كورىنتلىقلار 7:‏10، 11). بۇندىن باشقا، پەقەت نىكاھلىق بىر جۈپنىڭ بىرسى ئۆز ھەمراھىغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ باشقىلار بىلەن زىنا قىلغان بولسا، پاكلىقنى ساقلىغۇچى تەرەپ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تاللىسا بولىدۇ. — مەتتا 19:‏9.

ئاتا-‏ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە

14 بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا ئەيسا مەسىھ ئاتا-‏ئانىلارغا ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. باشقىلار كىچىك بالىلارنى مەسىھكە يېقىنلىشىشتىن توسماقچى بولغاندا، ئۇ:‏ «كىچىك بالىلارنى ماڭا كەلگىلى قۇيۇپ ئۇلارنى توسماڭلار» دېگەن. مۇقەددەس كىتاب يەنە:‏ «ئۇلارنى ئۆز قۇچىقىغا ئېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئۇلارنى مۇبارەكلىدى» دەيدۇ (ماركۇس 10:‏13-‏16). ئەيسا مەسىھ ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىللە بولغان ئىكەن، شۇنىڭغا ئوخشاش سىزمۇ ئۆز ئوغۇل-‏قىزلىرىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشىڭىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ پەرزەنتلەر ئاتا-‏ئانىنىڭ ئارىلاپ-‏ئارىلاپ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەمەس، ھەردائىم كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج. ئاتا-‏ئانىلار ۋاقىت چىقىرىپ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلىشنى يەھۋا ئاتا-‏ئانىلارغا بۇيرۇغان. — تەكرار قانۇن 6:‏4-‏9.

بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا، ئاتا-‏ئانىلار ئەيسا مەسىھنى قانداق ئۈلگە قىلىشى كېرەك؟

1. ئەيسا بالىلار بىلەن پاراڭلاشماقتا؛ 2. ئوغلى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئاتا

15 بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇنيا ناھايىتى رەزىللىشىپ كەتتى. بالىلارنىڭ موھتاج بولىدىغىنى ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ئۇلارنى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش. بولۇپمۇ، بالىلارنى ئېلىپ-‏ساتىدىغان ۋە ئۇلارنى جىنسىي خورلايدىغان قارا نىيەت ئادەملەردىن قوغداش كېرەك. مەسىھنىڭ ئۆز شاگىرتلىرىنى قانداق قوغدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭە، ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن:‏ «بالىلىرىم» دەپ ئاتىغان. مەسىھ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرلۈشكە ئاز قالغاندا، ئۇ شاگىرتلىرىنى قاچۇرۇۋەتكەن ئىدى (يۇھاننا 13:‏33؛ 18:‏7-‏9). ئاتا-‏ئانا بولغۇچىلار ھوشيار تۇرۇپ شەيتاننىڭ بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك ۋە بالىلارنىڭ خەتەرگە نىسبەتەن ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش زۆرۈر* (1-‏پېترۇس 5:‏8). بالىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە جىسمانىي، روھىي، ئەخلاق-‏پەزىلەت قاتارلىق ھەرجەھەتتىن تەھدىت ئىچىدە ياشىشى ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس.

16 ئەيسا مەسىھ ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى ئاخشىمى، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۆزلىرى ئارىسىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ دەپ تالاش-‏تارتىش قىلغان. مەسىھ ئۇلارغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا، مېھرىبانلىق بىلەن داۋاملىق ئۆز سۆز-‏ھەرىكەتلىرىدە ئۈلگە قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا نەسىھەت قىلغان. (لۇقا 22:‏24-‏27؛ يۇھاننا 13:‏3-‏8). ئەگەر سىز ئاتا-‏ئانا بولغۇچى بولسىڭىز، مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ خاتالىقىنى قانداق تۈزىتىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟ بالىلار ئەلۋەتتە تەربىيەگە موھتاج، بىراق تەربىيە قىلىش «مۇناسىپ تەرىقىدە» بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئاچچىقلىنىپ تەربىيە قىلماسلىق كېرەك. سىز ئويلاشمايلا «قىلىچ سانجىغاندەك» گەپلەرنى قىلماسلىقىڭىز لازىم (يەرەمىيا 30:‏11؛ پەندى-‏نەسىھەت 12:‏18). تەربىيە قىلىش چوقۇم ئۆز يولىدا بولۇشى يەنى بالىلار كېيىنچە ئاتا-‏ئانىسىنىڭ تەربىيىسىنىڭ ئۆزىگە ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ۋە كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ئۇسۇلدا بولۇشى زۆرۈر. — ئەفەسلىكلەر 6:‏4؛ ئىبرانىيلار 12:‏9-‏11.

پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە

17 بالىلارمۇ ئەيسا مەسىھدىن ئۆگىنەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۆگىنەلەيدۇ! ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق مەسىھ بالىلارنىڭ ئاتا-‏ئانىلىرىغا بويسۇنۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن. ئەيسا ئۇ:‏ ‹ئاتام ماڭا ئۆگەتكەندەك سۆز قىلدىم› دېگەن. ئۇ يەنە:‏ ‹مەن ھەمىشە ئۇنى خۇشال-‏خۇرام قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىم› دېگەن ئىدى (يۇھاننا 8:‏28، 29). ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئىتائەتچان ئىدى. مۇقەددەس كىتاب بالىلارغا:‏ ئۆز ئاتا-‏ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار دەپ ئېيتىدۇ (ئەفەسلىكلەر 6:‏1-‏3). گەرچە ئەيسا مۇكەممەل بالا بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەر يۈزىدىكى مۇكەممەل ئەمەس ئاتا-‏ئانىسى، مەريەم بىلەن يۈسۈپكە ئىتائەت قىلغان ئىدى. ئەيسانىڭ شۇنداق قىلىشى جەزمەن ئائىلىدىكى ھەممە كىشىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن! — لۇقا 2:‏4، 5، 51، 52.

18 بالىلار ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ ئۆز ئاتا-‏ئانىسىنى خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەمدىغاندۇ؟ راست، بەزى چاغلاردا ياشلار ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائەت قىلىشنى ناھايىتى قىيىن دەپ ئويلايدۇ. بىراق، خۇدا ئۇ پەرزەنت بولغۇچىلارنىڭ ئاتا-‏ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشىنى خالايدۇ (پەندى-‏نەسىھەت 1:‏8؛ 6:‏20). ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا ھەمىشە ئىتائەت قىلغان. ھەتتا، ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدىمۇ شۇنداق قىلغان. بىر قېتىم، خۇدا ئىرادە قىلغان ناھايىتى قىيىن ئىشنى ئەيسا قىلغان چېغىدا، ئەيسا:‏ «بۇ پىيالە [مەلۇم ۋەزىپە] نى مەندىن ئالغىن» دېگەن ئىدى. ئەمما ئەيسا مەسىھ، خۇدانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قىلغان. چۈنكى، ئاشۇ شارائىتتا مەسىھ ئۈچۈن قايسى ئەڭ ياخشى يول ئىكەنلىكىنى ئاتىسىنىڭ ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئەيسا ئۇ تونۇپ يەتكەن ئىدى (لۇقا 22:‏42). بالىلار ئىتائەتچان بولۇشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆز ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ۋە ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ قەلبىنى خۇشال قىلالايدۇ. #— پەندى-‏نەسىھەت 23:‏22-‏25.

ياشلار ئازدۇرلۇشقا ئۇچرىغاندا، نېمە توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك؟

ساۋاقداشلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى رەت قىلىۋاتقان ئوغۇل بالا

19 شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ئازدۇرغان. ھەمدە بىز شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، شەيتان ھازىرمۇ ياشلارنى خاتا ئىش قىلىشقا ئازدۇرىدۇ (مەتتا 4:‏1-‏10). شەيتان تەڭتۇشلارنى ئىشلىتىپ ياشلارغا بېسىم قىلىدۇ. بۇنداق بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئاسان ئەمەس. شۇڭا ياشلارنىڭ يامان يولدا ماڭغانلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن خالىي بولۇشى نېمە دېگەن مۇھىم، ھە! (1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33). ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ قىزى دىنا دائىم پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ نەتىجىدە كۆپ ئاۋارىچىلىق پەيدا بولغان ئىدى (يارىتىلىش 34:‏1، 2). ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەگەر ئائىلىدە بىر كىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىپ قالسا، ئائىلىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ قەلبى نەقەدەر ئازابلىنىدۇ، ھە! — پەندى-‏نەسىھەت 17:‏21، 25.

بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا

20 مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەتلەرنى ئەمەلىي قوللانساق، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، مۇقەددەس كىتاب نەسىھەتلىرىنى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىش. شۇڭا، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە مۇئامىلە قىلغىنىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭلار. ئاياللار ئۆز ئەرلىرىڭلارنىڭ باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا بويسۇنۇڭلار ۋە پەندى-‏نەسىھەت 31-‏باب 10-‏31-‏ئايەتلىرىدە تەسۋىرلەنگەن ياخشى ئايالنى ئۈلگە قىلىڭلار. ئاتا-‏ئانىلار پەرزەنتلىرىڭلارنى تەربىيەلەڭلار (پەندى-‏نەسىھەت 22:‏6). ئاتا بولغۇچىلار ‹ئۆز ئائىلەڭلارنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بۇلۇڭلار› (1-‏تىموتىي 3:‏4، 5؛ 5:‏8، ھ.ز.). بالىلار ئاتا-‏ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. (كولوسىلىقلار 3:‏20). ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھېچ بىرى مۇكەممەل ئەمەس، ھەممە ئادەم سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا، كەمتەر بولۇپ بىر-‏بىرىمىزدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىمىز كېرەك.

21 مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقەتەن ئائىلە تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قىممەتلىك سەمىمىي مەسلىھەت ۋە نەسىھەتلەر بار. بۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسى ۋە يەر يۈزى جەننەتنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان خۇشال-‏خۇرام كىشىلەر بىلەن تولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتاب بىزگە بىلىم بېرىدۇ (ۋەھىيلەر 21:‏3، 4). ئالدىمىزدىكى نېمە دېگەن گۈزەل كېلەچەك، ھە! ھەتتا ھازىر بىز، ئاللا يەھۋانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىم-‏تەربىيىلەرنى ئۆز تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىپ، بەختىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايمىز.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • ئەرلەر ئۆز ئايالىنى ئۆزىنىڭ تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. — ئەفەسلىكلەر 5:‏25-‏29.
  • ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنى سۆيۈشى ھەمدە ئۆز ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىشى لازىم. — تىتۇس 2:‏4، 5.
  • ئاتا-‏ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى سۆيۈشى، تەربىيىلىشى ۋە قوغدىشى كېرەك. — تەكرار قانۇن 6:‏4-‏9،
  • بالىلار ئۆز ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك. — ئەفەسلىكلەر 6:‏1-‏3.

*  يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «ئۇلۇغ ئۇستازدىن ئۆگىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 32-‏بابىدا، بالىلارنى قانداق قوغداش ھەققىدە مەلۇماتلار بار.

#  ئاتا-‏ئانا پەرزەنتىدىن خۇدانىڭ قانۇن-‏ نىزاملىرىنى بۇزۇشنى تەلەپ قىلسا، بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆز ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائەت قىلماسلىقىغا بىردىن-‏بىر سەۋەب بولىدۇ. — ئەلچىلەر 5:‏29.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1. ئائىلە تۇرمۇشىنى بەختلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى نېمە؟

2. ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشى نېمىنى چۈشىنىپ يېتىشكە باغلىق؟

3. مۇقەددەس كىتاب ئائىلىنىڭ باشلىنىشىنى قانداق تەسۋىرلەيدۇ؟ ئائىلە توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىڭ توغرىلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

4. (1) ئائىلىدىكى ھەربىر ئائىلە ئەزاسى قانداق قىلىش ئارقىلىق ئائىلىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلالايدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ ھايات كەچۈرمىشىنى ئۆگىنىش ئائىلىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشتا شۇنچە مۇھىم؟

5، 6. (1) ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى ئەرلەر ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟ (2) قانداق قىلغاندا گۇناھ چوقۇم ئەپۇ قىلىنىشقا ئېرىشىدۇ؟

7. ئەيسا مەسىھ نېمىگە غەمخورلۇق قىلغان؟ ئەرلەر ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟

8. (1) نېمە ئۈچۈن «ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيىدۇ» دەيمىز؟ (2) بىر جۈپ ئەر-‏خوتۇن ئۈچۈن «بىر بەدەن» بولۇش دېگەنلىك نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟

9. فىلىپىلىكلەر 1-‏باب 8-‏ئايەتتە، ئەيسا مەسىھنىڭ قايسى سۈپىتى تىلغا ئېلىنغان؟ نېمە ئۈچۈن ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىغا مۇلايىملىق مېھر-‏مۇھەببەت كۆرسىتىشى كېرەك؟

10. ئەيسا مەسىھ ئاياللار ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟

11. بىر ئايال بولغۇچى ئۆز ئېرىگە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك؟ ۋە ئايال بولغۇچىنىڭ ئەخلاق-‏پەزىلىتى قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

12. ئايال ئۆز پىكىرىنى مۇلايىملىق بىلەن ئوتتۇرغا قويسا نېمە ئۈچۈن خاتا ئەمەس؟

13. (1) تىتۇس 2-‏باب 4، 5-‏ئايەت نىكاھلىق ئاياللارنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ (2) مۇقەددەس كىتاب ئايرىلىپ ياشاش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟

14. ئەيسا كىچىك بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ ۋە ئۇلار ئاتا-‏ئانىلارنىڭ نېمە قىلىشغا موھتاج؟

15. ئاتا-‏ئانا بولغۇچىلار پەرزەنتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟

16. ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈلگىسىدىن ئاتا-‏ئانا بولغۇچىلار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟

17. ئەيسا بالىلار ئۈچۈن قايسى ئەڭ ياخشى ئۈلگىنى قالدۇرغان؟

18. نېمە ئۈچۈن ئەيسا ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئىتائەت قىلغان؟ بالىلار ئۆز ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائەت قىلسا كىملەر خۇشال بولىدۇ؟

19. (1) شەيتان ياشلارنى قانداق ئازدۇرىدۇ؟ (2) ئەگەر بالىلار ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلسا ئاتا-‏ئانا بولغۇچىلار قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟

20. ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزاسى نېمە ئىش قىلىشى زۆرۈر؟

21. قانداق گۈزەل كېلەچەك ئالدىمىزدا؟ ھازىر قانداق قىلىپ بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولالايمىز؟