مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

16-‏باب

ھەقىقەت يولىنى چىڭ تۇتۇڭ

ھەقىقەت يولىنى چىڭ تۇتۇڭ

بۇتپەرەسلىك توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابتا نېمە دېيىلگەن؟

ھەقىقىي ئېتىقادچىلار دىنىي بايراملارغا قانداق قارايدۇ؟

باشقىلارنى رەنجىتمىگەن ئاساستا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق قىلىپ باشقىلارغا چۈشەندۈرەلەيسىز؟

سـىـز ياشاۋاتقان مەھەللە-‏ئولتۇراق جايدىكى قوشنىلىڭىزنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى بايقىدىڭىز. ئەسلىدە كىمدۇ بىرسى يوشۇرۇن مەھەللىڭىزگە يېقىن جايغا زەھەرلىك كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلىۋەتكەن ۋە ھازىر ئاشۇ مەھەللىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپ-‏خەتەر ئىچىدە دەپ پەرەز قىلايلى. سىز قانداق قىلىسىز؟ ئىمكانىيەت بولسا سىزنىڭ دەرھال ئۇ مەھەللىدىن باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىشىڭىز تۇرغانلا گەپ. بىراق، كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق بىر سوئالغا دۇچ كېلىسىز:‏ ‹زادى مەن زەھەرلەنگەندىمەنمۇ؟›

2 يالغان دىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋالغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇقەددەس كىتاب:‏ يالغان دىن ناپاك ساختا تەلىملەر ۋە قائىدە-‏مۇراسىملار بىلەن زەھەرلىنىپ بۇلغانغان دەپ ئۆگىتىدۇ (2-‏كورىنتلىقلار 6:‏17). بۇ سىزنىڭ «كاتتا بابىل» [بارلىق يالغان دىنلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى] دىن ئايرىلىپ چىقىشىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىملىقىدۇر (ۋەھىيلەر 18:‏2، 4، ھ.ز.). سىز يالغان دىندىن ئايرىلىپ چىقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئايرىلغان بولسىڭىز، ناھايىتى ياخشى. ئەمما، يالغان دىندىن ئايرىلىپ چىقىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوئالنى چوقۇم سورىشىڭىز لازىم. ‹مەندە يالغان دىننىڭ قېپقالغان قالدۇق ئىزنالىرى بارمۇ؟› قېنى بىر نەچچە مىسالنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.

بۇتپەرەسلىك ۋە ئەجدادلارغا چوقۇنۇش

دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئىبادەت قىلىش ئۇسۇللىرى

3 بەزى كىشىلەر ئۆيلىرىدە بۇتلارنى ۋە ئويما سۈرەتلەرنى ساقلايدۇ. سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىمۇ شۇنداق نەرسىلەر بارمۇ؟ بەلكىم، سىز ئاشۇنداق كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەر بولمىسا خۇداغا دۇئا قىلىشقا ئادەتلىنەلمەيدىغاندەك ياكى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش خاتادەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ھەتتا سىز بۇت ۋە سۈرەتلەر قاتارلىق نەرسىلەرنى بەك ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئادەملەر قانداق ئۇسۇلدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشى كېرەك. بۇنى پەقەت يەھۋا خۇدا بەلگىلەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب:‏ خۇدا بىزنىڭ بۇتلارنى ئىشلىتىشىمىزنى خالىمايدۇ دەپ ئۆگىتىدۇ (چىقىش 20:‏4، 5؛ زەبۇر 115:‏4-‏8؛ يەشايا 42:‏8؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏21). شۇڭا، ھەرقانداق خاتا ئىبادەت قىلىش يەنى يالغان دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىش ئارقىلىق توغرا ئىبادەت قىلىشتا يەنى توغرا دىندا چىڭ تۇرالايسىز. ئەلۋەتتە، بىزمۇ يەھۋا خۇدا «مەكروھ [يىرگىنچلىك]» دەپ قارىغان نەرسىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇشىمىز لازىم. — تەكرار قانۇن 27:‏15.

4 كۆپلىگەن يالغان دىنلارنىڭ ئىبادەت قىلغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەجدادلارغا چوقۇنۇش ئومۇملاشقان. بەزىلەر مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى، ئۆلۈكلەرنىڭ ئەس-‏ھوشى جايىدا، ئۇلار كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئالەمدە ياشايدۇ؛ تېرىكلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ؛ زىيان يەتكۈزەلەيدۇ دەپ ئىشىنىپ كەلگەن. بەلكىم، سىزمۇ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ مازارلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ روھلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەنسىز. بىراق، سىز مۇشۇ كىتابنىڭ 6-‏بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، ئۆلۈكلەردە ھېس-‏تۇيغۇ بولمايدۇ ۋە ھېچ يەردە ياشىمايدۇ. شۇڭا ئۆلۈكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش پايدىسىزدۇر. ئەڭ يېقىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلىرىمىزدىن كەلگەن ھەرقانداق خەۋەرلەرنى ئەمەلىيەتتە جىنلار پەيدا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، يەھۋا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆلۈكلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشىنى ۋە ھەرقانداق شەكىلدە جىنكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق چەكلىگەن. — تەكرار قانۇن 18:‏10-‏12.

5 ئەگەر ئىلگىرى بۇتلارنى ئىشلىتىپ ياكى ئەجدادلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب ئوقۇڭ ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ مۇشۇ ئىشلارغا قانداق قارايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. يەنە ھەركۈنى ئۆزىڭىزنىڭ توغرا ئىبادەت قىلىشتا يەنى ھەق توغرا دىندا چىڭ تۇرۇش ئارزۇسى توغرىسىدا يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ ۋە ھەر ئىشلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەڭ. — يەشايا 55:‏9.

مەسىھنىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرى روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىمىگەن

6 يالغان دىن بىلەن باغلىنىشلىق ئومۇملاشقان بايراملار، كىشىنى زەھەرلەپ ئىمان-‏ئېتىقادىنى بۇلغىشى مۇمكىن. روژدېستۋو بايرىمىنى مىسال قىلساق، نۇرغۇن كىشىلەر روژدېستۋو بايرىمى ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى دەپ قارايدۇ. ئۆزىنى خرىستىئان دەپ ئاتىغان دىنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنى تەبرىكلەيدۇ. ئەمما، 1-‏ئەسىردىكى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك بايراملارنى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچ قانداق دەلىل-‏ئىسپات يوق. «دىننىڭ ئەنئەنىلىرى» ( Sacred Origins of Profound Things ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر كىتابتا:‏ «ئەيسا تۇغۇلۇپ ئىككى ئەسىرگىچە ھېچ كىشى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمىگەن ھەمدە ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ دەل قايسى كۈنى تۇغۇلغانلىقىغا قىزىققان» دېيىلگەن.

7 ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ قايسى كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى «دۇنيا كىتاب قامۇسى»دا ( The World Book Encyclopedia ) ئېيتقاندەك، دەسلەپكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى:‏ «ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش غەيرى دىنىي ئۆرپ-‏ئادەت» دەپ قارىغان. مۇقەددەس كىتابتا پەقەت تەڭرى يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغان ئىككى ھۆكۈمراننىڭلا تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان (يارىتىلىش 40:‏20؛ ماركۇس 6:‏21). كىشىلەر ھەم غەيرى ئىلاھلارنىڭ شان-‏شەرىپىگە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مەسىلەن، 5-‏ئاينىڭ 24-‏كۈنى رىملىقلار ئايال ئىلاھ دىئانانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيتتى. ئارقىدىن ئىككىنچى كۈنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيتتى. شۇڭا، تۇغۇلغان كۈنلەرنى تەبرىكلەش غەيرى-‏يات دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەرگىزمۇ ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.

8 نېمە ئۈچۈن 1-‏ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمىگەنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئېھتىمال تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش خۇراپاتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن. مەسىلەن، قەدىمكى زاماندا نۇرغۇن يۇنانلىقلار ھەمدە رىملىقلار ھەربىر ئىنسان تۇغۇلۇشى بىلەنلا بىر روھ ھەمراھ بولىدۇ ۋە ئىنساننى ئاشۇ روھ بىر ئۆمۈر قوغدايدۇ دەپ ئىشىنەتتى. تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بىر كىتابتا ( The Lore of Birthdays ) مۇنداق دېيىلگەن:‏ «ئاشۇ روھنىڭ مەلۇم بىر ئىلاھ بىلەن سىرلىق مۇناسىۋىتى بار، ئاشۇ روھ قوغدايدىغان ئادەم بۇ ئىلاھ بىلەن بىر كۈندە تۇغۇلغان» دەيدۇ. خۇراپاتلىق بىلەن ئەيسا مەسىھنى باغلايدىغان ھەرقانداق تەبرىكلەشلەر يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدۇ (يەشايا 65:‏11، 12). ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىشىدۇ؟

روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

9 ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندىن بىر نەچچە يۈز يىل كېيىن، ئاندىن كىشىلەر 25-‏دېكابىردا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشنى باشلىغان. بىراق، ئاشۇ كۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس، مۇقەددەس كىتابتىن كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى، ئەيسا ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن.* ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن 25-‏دېكابىر خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ تاللانغان؟ كېيىنرەك ئۆزىنى خرىستىئانلار دەپ ئاتىغان بەزى كىشىلەر ئېھتىمال «ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى رىملىقلارنىڭ غەيرى دىنىي بايرىمى تەڭداشسىز قۇياشنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان». «برىتانىكا يېڭى قامۇسى»دا ( The New Encyclopædia Britannica )، «قىش پەسلى قۇياش نۇرى ئەڭ ئاجىز بولغان ۋاقىتتا غەيرى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئىسسىقلىق ۋە نۇرنىڭ مەنبەسى يىراق ئارلىقتىن قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. ئۇلار 25-‏دېكابىر كۈنى قۇياش قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ دەپ ئويلىغان. دىنىي يېتەكچى ئۇستازلار، غەيرى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ، مۇشۇ بايرام كۈنىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى خرىستىئانلارنىڭ بايرام كۈنى قىلىشقا ئۇرۇنغان» دەپ خاتىرىلەنگەن.#

10 خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى غەيرى-‏يات دىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. چۈنكى، روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى غەيرى-‏يات دىن بولغاچقا، 17-‏ئەسىردە ئەنگلىيە ۋە بەزى ئامېرىكىغا تەۋە جايلاردا روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلەش مەنئى قىلىنغان. شۇڭا ھەرقانداق كىشى ئەگەر روژدېستۋو بايرىمى كۈنى ئۆيىدە بولۇپ خىزمەتكە بارمىسا جەرىمانە تۆلىگەن ئىدى. بىراق، ئۇزۇنغا بارمايلا كونا ئۆرۈپ-‏ئادەت قايتا قارشى ئېلىنىپ، يېڭى ئادەت قوشۇلۇپ بىر چوڭ بايرامغا ئايلانغان. ھازىرمۇ ئۇ نۇرغۇن جايلاردا يەنىلا چوڭ بايرام. روژدېستۋو بايرىمى يالغان دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچ، يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى خالايدىغانلار روژدېستۋو بايرىمى ياكى باشقا ھەرقانداق غەيرى-‏يات دىنىي-‏ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بايراملارنى تەبرىكلىمەيدۇ.%

بايراملارنىڭ كېلىش مەنبەسى راستتىنلا مۇھىممۇ؟

ئەخلەت ئارىسىدا تۇرغان كەمپۈتنى ئېلىپ يەمسىز؟

لاي-پاتقاق ئارىسىدىكى پاسكىنا كەمپۈت

11 بەزى كىشىلەر روژدېستۋو بايرىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بايراملارنىڭ كېلىش مەنبەسى غەيرى-‏يات دىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق، ئۇلارنى تەبرىكلىگەننىڭ ھېچ خاتا يېرى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر بايراملارنى تەبرىكلىگەندە، خاتا ئىبادەت قىلىش توغرىسىدا ئويلاپ باقمايدۇ. ئاشۇ بايرام كۈنلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىرلىكتە داستىخان ئەتراپىغا جەم بولۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت دەپ قارايدۇ. سىزمۇ ھەم شۇنداق قارامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، يالغان دىنغا بولغان مېھر-‏مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئائىلىگە بولغان مېھر-‏مۇھەببەت توغرا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ پەرۋەردىگار يەھۋا ئائىلىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر، ئۇ سىزنىڭ ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىڭىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشىڭىزنى خالايدۇ (ئەفەسلىكلەر 3:‏14، 15). ئەمما، سىز خۇدا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىڭىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس بىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا:‏ «خۇداۋەندىنىڭ ئالدىدا مەقبۇل نېمە ئىكەن دەپ تەھقىق [تەتقىق] قىلىڭلار» دەپ يازغان. — ئەفەسلىكلەر 5:‏10.

12 بەلكىم، بۈگۈنكى كۈندە بايراملارنى تەبرىكلەش بىلەن بايراملارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق چوڭ مۇناسىۋەت يوق دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى شۇنچە مۇھىممۇ؟ شۇنداق! مۇنداق بىر مىسال قىلايلى:‏ سىز ئەخلەت ئارىسىدا تۇرغان بىر كەمپۈتنى كۆرۈپ قالدىڭىز، ئۇ كەمپۈتنى ئېلىپ يەمسىز؟ ئەلۋەتتە ياق! ئاشۇ كەمپۈت پاكىز ئەمەس. نۇرغۇن بايراملار ئاشۇ تاتلىق كەمپۈتتەك كىشىنى تەشنا قىلىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى پاكىز ئەمەس. ھەقىقەت يولىنى چىڭ تۇتىدىغان توغرا ئىبادەت قىلغۇچىلارغا، يەشايا پەيغەمبەر:‏ «ناپاك نەرسىگە تەگمەڭلار» دېگەن. — يەشايا 52:‏11.

پەم-‏پاراسەتلىك بىلەن ئىش تۇتۇڭ

13 بايراملارنى تەبرىكلىمەسلىكنى قارار قىلغىنىڭىزدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىز تەشكىللىگەن بايراملىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن قاتناشمىغانلىقىڭىزدىن ئەجەبلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر بىرسى سىزگە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋغات بەرسە ياكى تاماقلارغا تەكلىپ قىلسا، قانداق قىلىسىز؟ ئۇنى قوبۇل قىلىش خاتامۇ؟ ئەگەر ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىز سىز بىلەن ئورتاق ئېتىقادتا بولمىسا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ بايراملارنى تەبرىكلىمەسلىك سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىڭىزنى مەلۇم نەرسىدىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟

14 ھەربىر ئەھۋالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش پەم-‏پاراسەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بىر كىشى مۇنداقلا بايرام سالىمى يوللىسا، ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن يۈزىسىدىن ئاددىيلا رەھمىتىڭىزنى ئېيتىپ قويسىڭىز بولدى. بىراق، دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر ياكى خىزمەتداشلىرىڭىز بايرام سالىمى يەتكۈزسەچۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا، سىز ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا پەم-‏پاراسەتلىك بولۇش كېرەك. مۇقەددەس كىتاب:‏ «سۆز قىلىشىڭىز يېقىشلىق بولۇپ تۇز بىلەن تەڭشەكلىك بولسۇن. ھەر كىشىگە قانداق جاۋاب بېرىشىڭىزنى بىلگەيسىزلەر» دەپ سەمىمىي نەسىھەت قىلىدۇ (كولوسىلىقلار 4:‏6). ئېھتىيات قىلىڭ، باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭ. ئەكسىچە، ئۆز كۆزقارىشىڭىزنى زېرەكلىك بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. سىز سوۋغات بېرىش ۋە جەم بولۇشلارغا قارشى ئەمەسلىكىڭىزنى، بىراق ئاشۇنداق پائالىيەتلەرگە باشقا ۋاقىتتا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ.

15 ئەگەر باشقىلار سىزگە سوۋغات بەرسە، قانداق قىلىسىز؟ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەھۋالغا قاراش كېرەك. سوۋغات بەرگۈچى:‏ «مەن سىزنىڭ بۇ بايرامنى تەبرىكلىمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، بىراق مېنىڭ يەنىلا بۇ سوۋغاتنى سىزگە بەرگۈم بار» دېيىشى مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بەلكىم سىز سوۋغاتنى قوبۇل قىلىش بايرام ئۆتكۈزگەنلىك بولمايدۇ دەپ قارار قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئەگەر سوۋغات بەرگۈچى سىزنىڭ ئېتىقادىڭىزدىن كۆپ خەۋەردار بولمىسا، سىز بايراملارنى تەبرىكلىمەيدىغانلىقىڭىزنى سوۋغات بەرگۈچىگە ئېيتسىڭىز بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سوۋغاتنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى، ئەمما مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سوۋغات بېرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر سوۋغات بەرگۈچىنىڭ مەقسىتى ئېنىقلا ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنىڭ مۇستەھكەم ئەمەسلىكىنى ياكى سىزنىڭ پايدا-‏مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇرەسسە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىش بولسا سوۋغات بەرگۈچىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلماسلىق دانالىق بولىدۇ.

ئائىلىدىكىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش

16 ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەر سىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادتا بولمىسىچۇ، قانداق قىلىسىز؟ يەنىلا، پەم-‏پاراسەتلىك بولۇڭ. ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىڭىز تەبرىكلەشنى خالىغان ھەربىر ئۆرپ-‏ئادەت ۋە مەرىكە-‏مۇراسىم توغرىسىدا تالاش-‏تارتىش قىلىش ھاجەتسىز. ئەكسىچە، خۇددى سىزمۇ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى ھۆرمەتلىشىنى ئۈمىد قىلغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھەم ھۆرمەتلەڭ (مەتتا 7:‏12). سىزنىڭ بايرامنى تەبرىكلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدىغان ھەرقانداق ئىش-‏پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن خالىي بولۇڭ. ئۇ راستتىنلا بايراملارنى تەبرىكلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىسا، پەم-‏پاراسەتلىك بىلەن مۇۋاپىق ئىش تۇتۇڭ. ئەلۋەتتە، ئۆز ۋىجدانىڭىزنى ئازابلايدىغان قارارنى چىقارماسلىقىڭىز كېرەك. — 1-‏تىموتىي 1:‏18، 19.

17 مۇقەددەس كىتابقا زىت بولغان بايراملارنى تەبرىكلىمەسلىك سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىڭىزنى مەلۇم نەرسىدىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىڭىز كېرەك؟ بۇ ئادەتتە باشقا ۋاقىتلاردا نېمە ئىش قىلىشىڭىزغا باغلىق. بەزى ئاتا-‏ئانىلار ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ ئادەتىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىگە سوۋغاتلارنى بېرىدۇ. سىز پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى سوۋغات سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزدۇر.

ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش

خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى

ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش چىن بەخت-‏سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ

18 يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن سىز خاتا دىننى تاشلاپ ھەقىقەت يولىنى چىڭ تۇتۇڭ. ھەقىقەت يولىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ «خەۋەردار بولۇپ بىر-‏بىرىمىزنى مۇھەببەتكە ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مايىل قىلدۇرغىلى جاھىد قىلايلى [تىرىشايلى] ۋە بەزىلەرنىڭ ئادىتى بولغاندەك ئۆز يوغلاشماق [ئالاقە] مىزنى تاشلىماي ئۇ كۈننىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ بىر-‏بىرىمىزگە نەسىھەت بېرەيلى» دەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ (ئىبرانىيلار 10:‏24، 25). مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشكە جەم بولۇش يىغىلىشىدا ئېتىقادچىلار خۇشال-‏خۇراملىققا چۆمىدۇ. بۇ سىز تەڭرى يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت (زەبۇر 22:‏22؛ 122:‏1). يىغىلىش ۋاقتىدا، ساداقەتمەن ئېتىقادچىلار «ئۆزئارا ئىلھام» ئالالايدۇ. — رىملىقلار 1:‏12، ھ.ز.

19 توغرا دىننى چىڭ تۇتۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىپ قانداق نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىڭىز توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش. ھازىر بۇ دۇنيا رەزىللىك بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكتىن «ئۇھ تارتىپ نالە قىلغان» ئادەملەر ھەقىقەتەن كۆپ (ھەزقىيال 9:‏4). بەلكىم، سىزمۇ ھەم بەزى ئۇھ تارتىپ نالە قىلغان كىشىلەرنى تونۇشىڭىز مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كەلگۈسى ئۈمىدىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرمەيسىز؟ ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىش ۋە سىز ئۆگەنگەن مۇقەددەس كىتابتىكى ئاجايىپ ھەقىقەتلەر توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتسىڭىز، سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ساقلىنىپ قالغان خاتا دىننىڭ ئۆرپ-‏ئادەتلىرىگە بولغان ئارزۇ-‏ئۈمىدلەر ئاستا-‏ئاستا يوق بولىدۇ. ئەگەر توغرا دىننى چىڭ تۇتسىڭىز، جەزمەن خۇشاللىققا ۋە مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز. — مالاخى 3:‏10.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • توغرا ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلغۇچىلار بۇتقا ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنمايدۇ. — چىقىش 20:‏4، 5؛ تەكرار قانۇن 18:‏10-‏12.
  • يالغان دىنلاردىن كېلىپ چىققان تەبرىكلەشلەرگە قاتنىشىش خاتا. — ئەفەسلىكلەر 5:‏10.
  • ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادنى باشقىلارغا چۈشەندۈرگەندە پەم-‏پاراسەتلىك بولۇش كېرەك. — كولوسىلىقلار 4:‏6.

*  قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.

#  كىشىلەرنىڭ 25-‏دېكابىرنى ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنى قىلىپ تاللىشى يەنە دېھقانچىلىق ئىلاھى بايرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ رىملىقلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىلاھىغا چوقۇنۇش مۇراسىمى دېكابىرنىڭ 17-‏دىن 24-‏كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرام مەزگىلىدە كىشىلەر زىياپەت تەييارلاپ كەيپ-‏ساپا قىلىشىدۇ ۋە بىر-‏بىرىگە سوۋغاتلار بېرىشىدۇ.

%  يەھۋاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار باشقا بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە بار، قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. يالغان دىندىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن قايسى سوئالنى چوقۇم سورىشىڭىز لازىم؟ نېمە ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم؟

3. (1) بۇتلارنى ئىشلىتىش ھەققىدە مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟ بەزى ئادەملەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىش نېمە ئۈچۈن تەس؟ (2) ئەگەر سىزنىڭ يالغان دىنغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلىرىڭىز بولسا، قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟

4. (1) ئەجدادلارغا چوقۇنۇشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ (2) پەرۋەردىگار يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە جىنكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى نېمە ئۈچۈن قاتتىق چەكلىگەن؟

5. ئەگەر ئىلگىرى بۇتلارنى ئىشلىتىش ياكى ئەجدادلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟

6، 7. (1) ئادەتتە كىشىلەر روژدېستۋو بايرىمىدا نېمىنى خاتىرىلەيدۇ؟ ئەيسانىڭ 1-‏ئەسىردىكى ئەگەشكۈچىلىرى تەبرىكلىگەنمۇ؟ (2) مەسىھنىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى ياشىغان زاماندا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان؟

8. تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بىلەن خۇراپاتلىقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ؟

9. قانداق بولۇپ 25-‏دېكابىر ئەيسا مەسىھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش كۈنى قىلىپ تاللانغان؟

10. ئۆتمۈشتە، نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىمىگەن؟

11. نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر بايراملارنى تەبرىكلىشىدۇ؟ بىراق، نېمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىشىمىز كېرەك؟

12. نېمە ئۈچۈن بىز كېلىش مەنبەسى پاكىز بولمىغان ئۆرپ-‏ئادەت ۋە مۇراسىملاردىن خالىي بولۇشىمىز كېرەك؟ مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ.

13. بايراملارنى تەبرىكلىمەسلىكنى قارار قىلغىنىڭىزدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىشىڭىز مۇمكىن؟

14، 15. بايرام مەزگىلىدە، ئەگەر بىرسى سىزگە بايرام سالىمى يەتكۈزسە ياكى سوۋغات بەرسە، قانداق قىلسىڭىز بولىدۇ؟

16. بايراملارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتا، قانداق قىلىپ پەم-‏پاراسەتلىك بولالايسىز؟

17. پەرزەنتلىرىڭىز باشقىلارنىڭ بايراملارنى تەبرىكلىگەنلىكىنى كۆرگەندە مەلۇم نەرسىدىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلماسلىقى ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟

18. ئېتىقادچىلار يىغىلىشىغا قاتنىشىش توغرا دىننى چىڭ تۇتۇشىڭىز ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟

19. سىز مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەر توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟