مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

17-‏باب

دۇئا ئارقىلىق خۇداغا يېقىنلىشىش

دۇئا ئارقىلىق خۇداغا يېقىنلىشىش

نېمە ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟

دۇئالىرىمىزنىڭ ئاللا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟

خۇدا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

چـەكـسـىـز ئالەم بوشلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا، يەرشارى زەررىچىلىك چوڭلۇقتا. ئەمەلىيەتتە، «ئاسمان زېمىننى پەيدا قىلغان» پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق مىللەتلەر خۇددى چېلەكتىكى بىر كىچىك سۇ تامچىسىگە ئوخشاش (زەبۇر 115:‏15؛ يەشايا 40:‏15). شۇنداق بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتاب:‏ «خۇداۋەندە ئۇنىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلىپ تۇرغانلارغا يېقىنلىشىپ تۇرۇپ چىن كۆڭۈل بىلەن [ئۇنىڭغا] يالۋۇرۇپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىن بولۇپ تەقۋادارلارنىڭ خاھىشىنى بەجا كەلتۈرۈپ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزار» دەيدۇ (زەبۇر 145:‏18، 19). ئويلاپ كۆرۈڭ، بۇ نېمە دېگەن گەپ! ئەگەر بىز «چىن كۆڭۈل بىلەن يالۋۇرۇپ» ئۇنى چاقىرساق، ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى بىزگە يېقىنلىشىدۇ ۋە بىزنىڭ دۇئالىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. دۇئا قىلىش ئارقىلىق خۇداغا يېقىنلىشىش بىز ئۈچۈن نېمە دېگەن چوڭ شان-‏شەرەپ، ھە!

2 ئەگەر بىز پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىشىنى خالىساق، چوقۇم ئۇ قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتابنىڭ دۇئا توغرىسىدا نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، قانداقمۇ دۇئا قىلالايمىز؟ مۇقەددەس كىتابنىڭ دۇئا توغرىسىدا نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىش، بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، دۇئا بىزنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.

نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار يەھۋاغا دۇئا قىلىش لازىم؟

3 نېمە ئۈچۈن يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىشمىزنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى:‏ ئۇ بىزنى شۇنداق قىلىشقا چاقىرغان. خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب بىزنى مۇنداق ئىلھاملاندۇرىدۇ:‏ «ھېچ ئەندىشە قىلماڭلار بەلكى ھەر ئىشتا ھەممە خاھىشلىرىڭىز يالۋۇرۇش ۋە دۇئا ۋە شۈكۈر بىلەن خۇدانىڭ ئالدىدا مەلۇم بولسۇن. ۋە خۇدانىڭ ھەممە ئەقىلدىن ئۈستۈن بولغان سالامىتى [تىنچ-‏ئامانلىقى] سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ۋە پىكىرلىرىڭىزنى مەسىھ [ئەيسا]دا ساقلىسۇن» (فىلىپىلىكلەر 4:‏6، 7). چەكسىز ئالەمنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى مېھرىبانلىق بىلەن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن، بىز ئۇنىڭغا پەرۋاسىزلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە!

دۇئا قىلىۋاتقان ئايال

«ئاسمان زېمىننى پەيدا قىلغان» ياراتقۇچى ئىگە دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشنى خالايدۇ

4 دۇئا قىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى:‏ دائىم تەڭرى يەھۋاغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىزنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ھەقىقىي دوستلار پەقەت بىر نەرسىگە موھتاج بولغاندىلا بىر-‏بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشمايدۇ. ئەكسىچە، ياخشى دوستلار بىر-‏بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز ئوي-‏خىياللىرىنى، غەم-‏ئەندىشىلىرىنى ھەمدە ھېس-‏تۇيغۇلىرىنى ئەركىن-‏ئازادە ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بىزنىڭ ئاللا يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سىز مۇشۇ كىتابنىڭ ياردىمىدە، يەھۋا كىم؟ ئۇنىڭ مىجەز-‏خاراكتېرى ۋە مەقسىتى قانداق؟ دېگەنلەر توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب قانداق ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاز بولمىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆتتىڭىز ۋە پەرۋەردىگار يەھۋا بىلەن خۇسۇسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى باشلىدىڭىز. دۇئا قىلىش سىزگە ئۆز ئوي-‏پىكرىڭىزنى ۋە ئىچكى يۈرەك سىرلىرىڭىزنى ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا ئېيتىپ كۆڭلىڭىزدىكىنى ئىپادىلىشىڭىز ئۈچۈن پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. ئاشۇنداق دۇئا قىلىش ئارقىلىق سىز تەڭرى يەھۋاغا يېقىنلىشىسىز. — ياقۇپ 4:‏8.

نېمە ئىش قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ؟

5 پەرۋەردىگار يەھۋا ھەرقانداق دۇئالارغا قۇلاق سالامدۇ؟ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە يەھۋا ئۆزىگە قارشى چىققان ئىسرائىل خەلقىگە نېمە دېگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «دۇئايىڭىزنى تولا قىلسىڭىزمۇ ئاڭلىماسمەن چۈنكى قوللىرىڭىز قان بىلەن تولغاندۇر» (يەشايا 1:‏15). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىز قىلغان بەزى ئىشلار خۇدانىڭ بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ دۇئالىرىمىزغا خۇرسەنلىك بىلەن قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن بىز بەزى ئاساسىي تەلەپلەرگە چوقۇم ماس كېلىشمىز كېرەك.

6 بىر ئاساسىي تەلەپ ئىمان-‏ئېتىقادنى ئەمەلدە كۆرسىتىش (ماركۇس 11:‏24). ئەلچى پاۋلۇس:‏ «ئىمان بولمىسا خۇداغا مەقبۇل بولماق مۇمكىن ئەمەس چۈنكى خۇداغا كەلگۈچىلەرگە:‏ ئۇ بار ۋە ئۆزىنى ئىستىگۈچىلەرگە ئەجىر بېرەدۇر دەپ ئىشەنمەك لازىم» دېگەن (ئىبرانىيلار 11:‏6). خۇدانىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ دۇئالىمىزنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىش كۇپايە قىلمايدۇ. ئىمان-‏ئېتىقادنى ئەمەلىي ئىش-‏ھەرىكەت ئىسپاتلايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىش-‏ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ئېنىق ئىسپاتلىشىمىز كېرەك. — ياقۇپ 2:‏26.

7 تەڭرى يەھۋا يەنە ئۆزىگە دۇئا ئارقىلىق يېقىنلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ كەمتەرلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز يەھۋا بىلەن پاراڭلاشقاندا كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئادەملەردە دۆلەت باشلىقى ياكى زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولسا، ئۇلار ھەمىشە ئۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئالىي ئورنىغا چوڭقۇر ئىززەت-‏ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز پەرۋەردىگار يەھۋاغا يېقىنلاشقاندا، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىززەت-‏ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ ئەلۋەتتە؟! (زەبۇر 138:‏6). ئەمەلىيەتتە، ئۇ «ھەممىگە قادىر خۇدا» (يارىتىلىش 17:‏1، ھ.ز.). بىز دۇئا قىلىپ خۇداغا يېقىنلاشقاندا، بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز ئۆز ئورنىمىزنى ئۇنىڭ ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن تونۇپ يەتكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنداق كەمتەرلىك بىزنى ھەرگىزمۇ ئوخشاش گەپلەرنى تەكرارلىماستىن، بەلكى چىن قەلبىمىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا، بىز ئۆزىمىز چۈشەنمەيدىغان تىلدا دۇئا قىلماسلىقىمىز ياكى دۇئا كىتابلىرىدىن ئوقۇماسلىقىمىز لازىم. — مەتتا 6:‏7، 8.

8 ئاللانىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن باشقا بىر تەلەپ، دۇئايىمىزغا ماسلاشقان ئەمەلىي ئىش-‏ھەرىكەتنى قىلىش. يەھۋا بىزنىڭ دۇئا قىلىپ تىلىگەن بارلىق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەمەلىي كۈچ چىقىرىپ ئىش قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىز:‏ «يەتكۈدەك نېنىمىزنى بۇ كۈن بىزگە بەرگىن» دەپ دۇئا قىلساق، بىز قانداق خىزمەت تاپالىساق، شۇ خىزمەتنى چوقۇم تىرىشىپ قىلىشىمىز كېرەك (مەتتا 6:‏11؛ 2-‏سالونىكالىقلار 3:‏10). ئەگەر بىز ئۆز ئاجىزلىقىمىزدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن ياردەم سوراپ دۇئا قىلساق، بىز چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇپ، ئازدۇرلۇشقا باشلايدىغان ھەرقانداق مۇھىت ۋە شارائىتتىن خالىي بولۇشىمىز لازىم (كولوسىلىقلار 3:‏5). يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر نەچچە ئاساسىي تەلەپلەردىن باشقا، تۆۋەندە يەنە جاۋاب بېرىشىمىزگە تېگىشلىك دۇئاغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللار بار.

دۇئاغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش

9كىمگە دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟ ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە «ئاسماندىكى ئاتىمىز» غا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن (مەتتا 6:‏9). شۇڭا، بىز پەقەت تەڭرى يەھۋاغىلا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. بىراق، يەھۋا ئۆزى تەيىنلىگەن مەسىھ ئەيسانىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 5-‏بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، مەسىھ بىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەن (يۇھاننا 3:‏16؛ رىملىقلار 5:‏12). ئۇ باش روھانىي ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ تەيىنلەنگەن (يۇھاننا 5:‏22؛ ئىبرانىيلار 6:‏20). شۇڭلاشقا، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا دۇئا قىلىشىقا يېتەكلەيدۇ. ئەيسا ئۇ ئۆزى:‏ «يول ۋە ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭ ۋاستەم بىرلە بولمىسا ھېچ كىمەرسە [كىشى] ئاتاغا كېلەلمەس» دېگەن (يۇھاننا 14:‏6). يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن، بىز چوقۇم پەرۋەردىگار يەھۋاغا دۇئا قىلغاندا مەسىھ ئەيسا ۋاستىسى بىلەن قىلىشىمىز كېرەك.

10دۇئا قىلغاندا بەدىنىمىز چوقۇم ئالاھىدە قىياپەتتە ياكى يۆنىلىشتە بولۇشى زۆرۈرمۇ؟ ياق. ئاللا يەھۋا، بىز ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىنىمىزدا، قوللىرىمىز ياكى پۈتۈن بەدىنىمىزنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە قىياپەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. مۇقەددەس كىتاب:‏ كۆپ خىل قىياپەتتە مەسىلەن، ئولتۇرۇپ، ئىگىلىپ تازىم قىلىپ، تىزلىنىپ ۋە ئۆرە تۇرۇپ قىلىنغان دۇئالار قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ ئۆگىتىدۇ (1-‏تارىخنامە 17:‏16؛ نەھەمىيا 8:‏6؛ دانىيال 6:‏10؛ ماركۇس 11:‏25). ئەڭ مۇھىم بولغىنى، باشقىلارغا ئالاھىدە قىياپەتنى كۆرسىتىش ياكى مەلۇم يۆنىلىشكە قاراپ دۇئا قىلىش ئەمەس. بەلكى، چىن قەلبىمىزدىن توغرا پوزىتسىيەدە بولۇش. ئەمەلىيەتتە، بىز كۈندىلىك ئىش-‏پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ياكى جىددىي ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، مەيلى قانداق جايدا بولايلى كۆڭلىمىزدە ئۈنسىز دۇئا قىلساق بولىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر بىزنىڭ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىمىزغا پۈتۈنلەي دىققەت قىلمىغان ھالەتتىمۇ، ئاللا يەھۋا بىزنىڭ ئۈنسىز دۇئالىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. — نەھەمىيا 2:‏1-‏6.

11نېمىلەرنى تىلەپ دۇئا قىلساق بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق بىر نېمىنى تىلىسەك ئۇ [يەھۋا] بىزنى ئاڭلايدۇر» دەيدۇ (1-‏يۇھاننا 5:‏14). شۇڭا خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلساق بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىمىزنىڭ غەم-‏ئەندىشىلىرى توغرىسىدا دۇئا قىلساق، ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ماس كېلىدۇ! پەرۋەردىگار يەھۋاغا دۇئا قىلىش خۇددى يېقىن بىر دوستىمىز بىلەن پاراڭلاشقانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىز خۇداغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ كۆڭلىمىزدىكى بارلىق سۆزلىرىمىزنى ئۇچۇق ئېيتالايمىز (زەبۇر 62:‏8). خۇدادىن مۇقەددەس روھنى تىلىشىمىز ناھايىتى مۇۋاپىق. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ توغرا ئىش قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (لۇقا 11:‏13). يەنە بىز ئاقىلانە قارا چىقىرىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك؛ قىيىنچىلىق ئەھۋالغا بەرداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن كۈچ-‏قۇۋۋەت تىلەپ دۇئا قىلساق بولىدۇ (ياقۇپ 1:‏5). ئەگەر بىز گۇناھ ئۆتكۈزسەك، ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا كەچۈرۈم تىلەپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەر 1:‏3، 7). ئەلۋەتتە، بىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا دۇئا قىلماي، باشقىلار ئۈچۈنمۇ يەنى ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىشىمىز لازىم. — ئەلچىلەر 12:‏5؛ كولوسىلىقلار 4:‏12.

ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر

ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا بولسۇن، دۇئالىرىڭىز قوبۇل قىلىنىدۇ

12 دۇئا قىلغىنىمىزدا يەھۋا خۇداغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم. يەھۋانىڭ ياراتقان بارلىق گۈزەل نەرسىلىرى ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن مەدھىيە ئوقۇپ تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈشىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ (1-‏تارىخنامە 29:‏10-‏13). مەتتا 6-‏باب 9-‏13-‏غىچە ئايەتتە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈلگىلىك دۇئاسى خاتىرىلەنگەن. ئاشۇ دۇئادا ئەيسا بىزگە خۇدانىڭ ئىسمىنىڭ مۇقەددەس بولۇشى؛ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى؛ خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاسماندا ئەمەلگە ئاشقىنىغا ئوخشاش يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تىلەشنى ئۆگەتكەن. مەسىھ ئەيسا ئاۋۋال يەھۋاغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز دۇئا قىلغاندا خۇدانى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز لازىم. بۇ بىزنىڭ پەقەتلا ئۆز ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.

13بىز قانچە ئۇزۇن ۋاقىت دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟ مەيلى ئۆزىمىز يالغۇز دۇئا قىلايلى ياكى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە دۇئا قىلايلى، قانچە ئۇزۇن ۋاقىت دۇئا قىلىش توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب ھېچقانداق چەكلىمە يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دۇئانىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا ۋاقىت چەكلىمىسى يوق. تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا قىسقا دۇئا قىلساق ياكى شەخسىي دۇئادا بولغاندا يەھۋا خۇداغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ قەلب سۆزىمىزنى ئېيتىپ ئۇزۇن دۇئا قىلساق بولىدۇ (1-‏سامۇئىل 1:‏12، 15). بىراق، ھەزرىتى ئەيسا باشقىلار ئالدىدا ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ئۆزىنى ھەققانىي ئادەم دەپ كۆرسەتكەنلەرنى ئەيىبلىگەن (لۇقا 20:‏46، 47). ئاشۇنداق دۇئالار پەرۋەردىگار يەھۋانى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، دۇئالارنى چىن قەلبدىن چىقىرىپ قىلىش. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇئالارنىڭ ئۇزۇن-‏قىسقا بولۇشى ئېھتىياج ھەم ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

14قانچە ئۇزاق ۋاقىتتا بىر قېتىم دۇئا قىلىش كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ ‹ھەر ۋاقىت دۇئا قىلىڭلار›، «دۇئادا داۋام قىلىڭلار»، «توختىماي دۇئا قىلىڭلار» دەپ بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ (لۇقا 18:‏1؛ رىملىقلار 12:‏12؛ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17). ئەلۋەتتە، بۇ دېگەنلىك بىز چوقۇم ئاللا يەھۋاغا ھەر سائەت، ھەر مىنۇت دۇئا قىلىشىمىز كېرەك دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب بىزنى خۇدانىڭ بىزگە قىلغان مېھر-‏شەپقىتىگە تەشەككۈر ئېيتىش؛ ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئىگە بولۇش؛ تەسەللىي تېپىش ھەمدە كۈچ-‏قۇدرەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئاللا يەھۋا بىزنىڭ قانچە ئۇزۇن ۋاقىتتا بىر قېتىم دۇئا قىلىش، ھەر قېتىم دۇئا قىلغاندا قانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىمىزغا ھېچقانداق چەكلىمە قويمايدۇ. بۇلارنى بىلىش قەلبىمىزگە تەسەللىي بېرىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز راستتىنلا دۇئا قىلىش شان-‏شەرىپى ئۈچۈن مىننەتدار بولساق، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ھەردائىم دۇئا قىلىمىز.

15دۇئا ئاخىرلاشقاندا بىز نېمە ئۈچۈن «ئامىن» دېيىشىمىز كېرەك؟ «ئامىن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «شۇنداق بولسۇن». مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يالغۇز شەخسىي دۇئا قىلغاندا ياكى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە دۇئادا بولغاندا بولسۇن «ئامىن» دېيىش ناھايىتى مۇۋاپىق (1-‏تارىخنامە 16:‏36؛ زەبۇر 41:‏13). بىزنىڭ شەخسىي دۇئالىرىمىز ئاخىرلاشقاندا «ئامىن» دېيىش ئارقىلىق بىزنىڭ ھازىر قىلغان دۇئالىرىمىزنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرىمىز. كۆپچىلىك بىلەن دۇئا بولغاندا ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلغان قېرىندىشىمىزنىڭ دۇئاسى ئاخىرلاشقاندا، ئۈن چىقارماي ياكى ئاۋاز چىقىرىپ «ئامىن» دېيىش دۇئادا ئېيتىلغان سۆزلەرگە قوشۇلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. — 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏16.

خۇدا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

16 يەھۋا راستتىنلا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرەمدۇ؟ راستتىنلا، جاۋاب بېرىدۇ! دۇنيادىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ سەمىمىي دۇئا-‏تىلەكلىرىگە، «دۇئانى مۇستەجاب [قوبۇل] قىلغۇچى» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا بىز قەتئىي ئىشەنچ قىلالايمىز (زەبۇر 65:‏2). يەھۋا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

17 تەڭرى يەھۋا پەرىشتىلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى خىزمەتكارلىرىنى ئىشلىتىپ دۇئالارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ (ئىبرانىيلار 1:‏13، 14). نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. يەنى مۇقەددەس كىتابتىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن دۇئا قىلىپ خۇدادىن ياردەم تىلىگەنلەر، دۇئا قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرسى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالغان. مۇشۇنداق سەرگۈزەشتلەر پەرىشتىلەرنىڭ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز ئېيتىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (ۋەھىيلەر 14:‏6). بىز راستتىنلا مەلۇم نەرسىگە ئېھتىياج بولۇپ دۇئا قىلغاندا، تەڭرى يەھۋا مەلۇم بىر يەھۋا گۇۋاھچىسىنى ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش ئارقىلىق دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرىدۇ. — پەندى-‏نەسىھەت 12:‏25؛ ياقۇپ 2:‏16.

18 يەھۋا خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ھەمدە ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق خىزمەتكارلىرىنىڭ قىلغان دۇئالىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ. بىز سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلغىنىمىزدا، ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھنى ئىشلىتىپ بىزگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كۈچ-‏قۇۋۋەت بېرىش ئارقىلىق دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن (2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7). بىز مەلۇم ئىشنى قىلىشتا كۆرسەتمىگە موھتاج بولۇپ قىلغان دۇئالىرىمىزغا يەھۋا ھەمىشە مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، بىزنىڭ ئاقىلانە قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. بىز يالغۇز ئولتۇرۇپ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە ياكى مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا يېزىلغان كىتاب-‏ژۇرناللارنى كۆرگەندە بولسۇن، ئۆزىمىزگە ياردىمى بار ئايەتلەرنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇندىن باشقا، يەھۋا گۇۋاھچىللىرىنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش يىغىلىشلىرىدا تەلىملەرنى ئاڭلىغاندا ياكى كۆيۈمچان جامائەت ئاقساقىلىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغىنىمىزدا، بەلكىم بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. — گالاتىيالىقلار 6:‏1.

ياشانغان دوستىغا ياردەم بېرىۋاتقان بىر جۈپ

تەڭرى يەھۋا مەلۇم بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز ئارقىلىق ياردەم قولىنى سۇنۇپ، دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇمكىن

19 ئەگەر پەرۋەردىگار يەھۋا قارىماققا بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرسە، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەمەس. بىز چوقۇم شۇنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەككى، يەھۋا دۇئالارغا ئۆز ئىرادىسى بويىچە، مۇۋاپىق پەيت يېتىپ كەلگەندە جاۋاب قايتۇرىدۇ. بىز نېمىگە موھتاج، ئاشۇ موھتاجلىقىمىزنى قانداق قاندۇرۇش كېرەك؟ بۇلارنى ئۇ بىزدىن ئوبدانراق بىلىدۇ. ھەردائىم ئۇ بىزنى توختىماستىن ‹تىلەڭلار، ئىستەڭلار، قېقىڭلار› دەپ ئىجازەت بەرگەن (لۇقا 11:‏5-‏10). ئاشۇنداق ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىزنىڭ ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىزنىڭ كۈچلۈك ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى خۇداغا كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، يەھۋا دۇئالىرىمىزغا بىز كۆز بىلەن كۆرەلمەيدىغان يوللار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىز ئويلىمىغان بىر سىناققا دۇچ كېلىپ خۇداغا دۇئا قىلغىنىمىزدا، ئۇ دۇئالىرىمىزغا قىيىنچىلىقنى يوق قىلىپ جاۋاب قايتۇرماستىن، بەلكى بىزنىڭ سىناققا بەرداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن كۈچ-‏قۇۋۋەت بېرىپ جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن. — فىلىپىلىكلەر 4:‏13.

20 چەكسىز ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى دۇئالىرىدا ئۇنى چاقىرغانلارغا يېقىنلىشىشنى خالايدۇ. بۇ بىزنىڭ كۆپ تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا تېگىشلىك ئەمەسمۇ ھە!؟ (زەبۇر 145:‏18). يەھۋاغا دۇئا قىلىش بىز ئۈچۈن ئالاھىدە شان-‏شەرەپ بولغاچ، ئۇنىڭغا ھەردائىم دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز شۇنداق قىلساق، دۇئانى قوبۇل قىلغۇچى پەرۋەردىگار يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ قەلبىمىز خۇشاللىق ۋە ئارزۇ-‏ئۈمىدلەرگە تولىدۇ.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • ھەمىشە دۇئا قىلىش يەھۋاغا يېقىنلىشىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. — ياقۇپ 4:‏8.
  • دۇئالىرىمىزنىڭ خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقاد، كەمتەرلىك ۋە سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىنىدۇ. — ماركۇس 11:‏24.
  • بىز چوقۇم ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق پەقەت پەرۋەردىگار يەھۋاغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. — مەتتا 6:‏9؛ يۇھاننا 14:‏6.
  • دۇئانى قوبۇل قىلغۇچى يەھۋا ئۆز پەرىشتىلىرى، يەر يۈزىدىكى خىزمەتچىلىرى، مۇقەددەس روھى ۋە ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق دۇئالارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ. — زەبۇر 65:‏2.

مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شەرەپ؟ نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ دۇئا توغرىسىدا نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز مۇھىم؟

3. يەھۋاغا دۇئا قىلىشمىزنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى نېمە؟

4. دائىم تەڭرى يەھۋاغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟

5. نېمە پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ھەرقانداق دۇئالارغا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟

6. خۇدانىڭ بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن بىر ئاساسىي تەلەپ نېمە؟ بىز ئۇ تەلەپكە قانداق ماس كېلەلەيمىز؟

7. (1) دۇئا ئارقىلىق يەھۋا بىلەن سۆزلەشكەندە نېمە ئۈچۈن ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟ (2) يەھۋاغا دۇئا قىلغاندا، قانداق قىلىپ كەمتەرلىكىمىز ۋە سەمىمىيىتىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز؟

8. بىز دۇئا قىلىپ تىلىگەن نەرسىلەر ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي ئىش-‏ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم؟

9. كىمگە دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟ كىمنىڭ ۋاستىسى بىلەن؟

10. نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا بىزنىڭ بەدىنىمىز ئالاھىدە قىياپەتتە ياكى يۆنىلىشتە بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ؟

11. قايسى شەخسىي ئىشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلساق مۇۋاپىق بولىدۇ؟

12. بىز قانداق دۇئا قىلساق، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولىمىز؟

13. دۇئالارنىڭ ئۇزۇن-‏قىسقا بولۇشى توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب نېمىلەرنى كۆرسەتتى؟

14. مۇقەددەس كىتاب بىزنى «توختىماي دۇئا قىلىڭلار» دەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ دېگەنلىك نېمە دېگەن گەپ؟ نېمە ئۈچۈن قەلبىمىزگە تەسەللىي بېرىدۇ؟

15. شەخسىي دۇئا قىلغاندا ياكى كۆپچىلىك بىلەن دۇئادا بولغاندا، دۇئا ئاخىرلاشقاندا نېمە ئۈچۈن «ئامىن» دېيىشىمىز كېرەك؟

16. دۇئا توغرىسىدا بىزدە قانداق ئىشەنچ بار؟

17. خۇدا، پەرىشتىلىرى ۋە يەر يۈزىدىكى خىزمەتكارلىرى ئارقىلىق دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

18. يەھۋا خۇدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە ئۆزى سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ دۇئالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

19. ئەگەر بەزىدە بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرۇش قارىماققا كېچىكتۈرۈلگەندەك قىلسا، نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟

20. نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىش بىز ئۈچۈن ئالاھىدە شان-‏شەرەپ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا دائىم دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟