مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

18-‏باب

چۆمۈلدۈرلۈش ۋە خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز

چۆمۈلدۈرلۈش ۋە خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز

چۆمۈلدۈرلۈش مۇراسىمى قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟

سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

خۇداغا ئۆزىمىزنى قانداق بېغىشلايمىز؟

سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟

بـىـرىـنـچـى ئەسىردە فىلىپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى، ئېفىئوپىيەلىك بىر ئوردا ئەمەلدارنى ئۇچرىتىپ، ئەيسانىڭ خۇدا ۋەدە قىلغان مەسىھ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەن. ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى مەسىھ توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ، ناھايىتى تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ «مانا سۇ! مېنى تەمىد ئېلىش [چۆمۈلدۈرلۈش] تىن نېمە توسالايدۇر؟» دەپ ئۆزىنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. — ئەلچىلەر 8:‏26-‏36.

بىرىنچى ئەسىردىكى ئېفىئوپىيەلىك ئوردا ئەمەلدارى

2 ئەگەر سىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇشۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى بابلىرىدىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئۆگەنگەن بولسىڭىز، سىزمۇ ھەم:‏ ‹نېمە مېنى چۆمۈلدۈرلۈشتىن توسالايدۇ؟› دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ھازىر سىز جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ھەققىدىكى ۋەدىنى چۈشىنىپ يەتتىڭىز (لۇقا 23:‏43؛ ۋەھىيلەر 21:‏3، 4). ئۆلۈكلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە تىرىلىش ئۈمىدى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولدىڭىز (ۋەز 9:‏5؛ يۇھاننا 5:‏28، 29). سىز بەلكىم ھەردائىم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشىدا، ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قىلىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ توغرا دىنغا قانداق ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى كۆردىڭىز (يۇھاننا 13:‏35). ئەڭ مۇھىمى، سىز تەڭرى يەھۋاغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى راۋاجلاندۇردىڭىز.

3 سىز خۇداغا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟ ئەيسا مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە:‏ ھەممە مىللەت كىشىلىرىدىن ‹مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ…چۆمۈلدۈرۈڭلار› دەپ بۇيرۇق قىلغان (مەتتا 28:‏19، ھ.ز.). ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى سۇدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇنىڭغا سۇ سەپمىگەن ياكى بېشىغا سۇ تۆكمىگەن (مەتتا 3:‏16). ئەكسىچە، پۈتۈن بەدىنى سۇغا چۆمدۈرۈلگەن.

4 يەھۋا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۆمۈلدۈرلۈش كۆپچىلىك ئالدىدا خۇداغا خىزمەت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىزنى ئاشكارا ئېلان قىلىش بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى خۇشاللىق بىلەن ئورۇندايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ (زەبۇر 40:‏7، 8). ئەمما، چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم بەزى قەدەم-‏باسقۇچلارنى بېسىشىڭىز كېرەك.

بىلىم ۋە ئىمان-‏ئېتىقاد بولۇش كېرەك

5 سىز ئاللىقاچان بىرىنچى قەدەم-‏باسقۇچنى بېسىپ بولدىڭىز. بىرىنچى قەدەم-‏باسقۇچ نېمە؟ مۇقەددەس كىتابنى دائىم تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق يەھۋا خۇدا ۋە مەسىھ ئەيسا توغرىسىدا بىلىم ئېلىش (يۇھاننا 17:‏3). يەنە ئۆگىنىدىغان كۆپ نەرسىلەر بار. ئەيسانىڭ بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى «خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ مەرىپىتىدىن تولغايسىزلەر» دەپ بىر-‏بىرىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ (كولوسىلىقلار 1:‏9). يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ جامائەتچىلىك يىغىلىشى سىزنىڭ ئاشۇ تەرەپتىن بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاشۇنداق يىغىلىشلارغا قاتنىشىش بەك مۇھىم (ئىبرانىيلار 10:‏24، 25). داۋاملىق يىغىلىشلارغا قاتنىشىش سىزنىڭ يەھۋا ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن خۇدا سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم ئېلىش بىر مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچ

مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى

6 ئەلۋەتتە، چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى بارلىق بىلىملەرنى بىلىشىڭىز ھاجەت ئەمەس. ئېفىئوپىيەلىك ئوردا ئەمەلدارىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىن ئاز-‏تولا بىلىمى بار ئىدى. بىراق، ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى مەزمۇنلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياردەمگە موھتاج بولغان (ئەلچىلەر 8:‏30، 31). شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز يەنە ئۆگىنىدىغان كۆپ بىلىملەر بار. ئەمەلىيەتتە، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى مەڭگۈ ئۆگىنىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ (ۋەز 3:‏11). ئەمما، سۇغا چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى، سىز مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى بىلىپ يېتىشىڭىز ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشىڭىز زۆرۈر (ئىبرانىيلار 5:‏12). ئاشۇ سىزنىڭ بىلىشىڭىز ۋە قوبۇل قىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان تەلىملەر — ئۆلۈكلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ھەقىقەت؛ خۇدانىڭ ئىسمى ۋە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7 يالغۇز بىلىم بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى «ئىمان بولمىسا خۇداغا مەقبۇل بولماق مۇمكىن ئەمەس» (ئىبرانىيلار 11:‏6). مۇقەددەس كىتاب:‏ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تارقاتقان خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان قەدىمكى كورىنت شەھىرىدىكى كىشىلەر «ئىشىنىپ تەمىد ئالدىلار [چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇل قىلدى]» دەيدۇ (ئەلچىلەر 18:‏8). شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرغان سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش يەنە خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ۋە ئەيسانىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. — يەشۇ 23:‏14؛ ئەلچىلەر 4:‏12؛ 2-‏تىموتىي 3:‏16، 17.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭ

8 قەلبىڭىزدە ئىشەنچىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى قەلبىڭىزدە ساقلاش تەسكە توختايدۇ (يەرەمىيا 20:‏9). ئاشۇ ئىشەنچىڭىز، سىزنى خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدە باشقىلارغا سۆزلەشكە ئۈندەيدۇ. — 2-‏كورىنتلىقلار 4:‏13.

ئىشەنچ سىزنىڭ ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ

ئىمان-ئېتىقادىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقان كىشى

9 ئاۋۋال، سىز ئۆگەنگەن مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى پەم-‏پاراسەتلىك بىلەن ئۇرۇق-‏تۇغقان، دوست-‏بۇرادەر، قولۇم-‏قوشنا ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان خۇش خەۋەر توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش ئىشىغا قاتنىشىشنى خالىسىڭىز، سىزگە مۇقەددەس كىتاب ئۆگەتگەن گۇۋاھچى بىلەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا ئەركىن-‏ئازادە پاراڭلاشسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز ۋەز ئېيتىش لاياقىتىگە ئىگە بولغان بولسىڭىز، سىزگە مۇقەددەس كىتاب ئۆگەتگەن گۇۋاھچى بىلەن بىرلىكتە جامائەتچىلىكتىكى ئىككى ئاقساقال بىلەن پاراڭلىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

10 مۇشۇ پاراڭلىشىش ئارقىلىق سىز خۇدانىڭ قويلىرىنى باقىدىغان پادىچىلار دەپ ئاتالغان جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن ياخشىراق تونۇشالايسىز (ئەلچىلەر 20:‏28؛ 1-‏پېترۇس 5:‏2، 3). ئەگەر ئاشۇ ئاقساقاللار، سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى چۈشەنگەنلىكىڭىزنى ۋە ئاشۇ تەلىملەرگە ئىشەنگەنلىكىڭىزنى، شۇنداقلا يەھۋانىڭ قائىدە-‏قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ياشاپ راستتىنلا بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يەتسە، ئۇلار سىزنىڭ تېخى چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش لاياقىتىگە ئىگە بولغانلىقىڭىزنى سىزگە ئېيتىدۇ.

11 ئەمما، سىز خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئېھتىمال بەزى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىڭىز ۋە ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، باشقىلار بىلمەيدىغان بەزى ناچار قىلىقلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، سىز جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ھاراقكەشلىك ۋە زەھەر چېكىش قاتارلىق ئېغىر گۇناھلىق قىلمىشلاردىن چوقۇم قول ئۈزۈشىڭىز كېرەك. — 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9، 10؛ گالاتىيالىقلار 5:‏19-‏21.

توۋا قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش

12 سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى قىلىشقا تېگىشلىك بەزى باشقا قەدەم-‏باسقۇچلار. ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتى پېترۇس:‏ «گۇناھلىرىڭىز ئۆچۈرۈلسۇن دەپ توۋا قىلىپ راست يولغا يېنىڭلار» دەپ ئېيتقان (ئەلچىلەر 3:‏19). توۋا قىلىش قىلغان بەزى ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن پۇشايمان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئەخلاقسىز تۇرمۇش كەچۈرگەن كىشىلەرلا توۋا قىلىپ قالماي، خېلىلا ئەخلاقلىق تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرمۇ توۋا قىلىشى زۆرۈر. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بارلىق ئىنسانلار گۇناھكار ۋە خۇدانىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا موھتاج (رىملىقلار 3:‏23؛ 5:‏12). سىز مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭىز. دېمەك، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس ياشىيالمىغان، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن، ھەممە ئادەمنىڭ توۋا قىلىشى زۆرۈر.

13 توۋا قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم ئۆزگەرتىش يەنى راست يولغا مېڭىش كېرەك. پۇشايمان قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. سىز ئىلگىرى ئادەتلەنگەن تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىڭىزنى تاشلاپ، ھازىردىن باشلاپ توغرا ئىش قىلىشنى قەتئىي قارار قىلىشىڭىز لازىم. توۋا قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش سىز چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئورۇندايدىغان قەدەم-‏باسقۇچلار.

ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش

14 چۆمۈلدۈرلۈشتىن بۇرۇن ئورۇندايدىغان يەنە بىر مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچ بار. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى تەڭرى يەھۋاغا بېغىشلىشىڭىز كېرەك.

15 ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ تەڭرى يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا، سىز بارلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنىڭغىلا تەقدىم قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋەدە قىلىسىز (تەكرار قانۇن 6:‏15). نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدۇ؟ مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىر مىسال قىلايلى، بىر يىگىت بىر قىزغا ئاشىق بولدى ۋە ئاستا-‏ئاستا قىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى. ئۇ قىزنىڭ ناھايىتى ئېسىل پەزىلىتىنى كۆرۈپ، ئاخىرىدا قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتى. شۇڭا ۋاقتى كەلگەندە، يىگىتنىڭ قىزغا توي قىلىش تەكلىپى قويۇشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. گەرچە يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆز مەسئۇلىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ قىزغا بولغان مۇھەببىتى ئۇنى ئاشۇ مۇھىم قەدەمنى بېسىشقا ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ.

16 ئوخشاشلا، سىزنىڭ يەھۋاغا بولغان تونۇشىڭىز چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىز كۈچىيىدۇ ۋە ئىككىلانمەيلا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ياكى چىن قەلبىڭىزدىن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا ھەرىكەت قىلىسىز. ھەرقانداق كىشى ئەيسا مەسىھكە ئەگىشىپ مېڭىشنى خالىسا، «ئۆزىنى ئىنكار» قىلىشى كېرەك (ماركۇس 8:‏34). خۇداغا پۈتۈنلەي بويسۇنۇشمىزغا ئۆز ئارزۇ-‏ھەۋەس ۋە مەقسەت-‏نىشانلىرىمىزنىڭ توسقۇنلۇق قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بەزىبىر خاھىشىمىزدىن ۋاز كېچىپ ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىمىز. سىز چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى، يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشنى چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسىي مەقسەت-‏نىشانى قىلىشىڭىز كېرەك. — 1-‏پېترۇس 4:‏2.

مەغلۇپ بولۇش قورقۇنچىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىش

17 بەزى كىشىلەر پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشتا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاشۇنداق مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچنى بېسىشتىن قورقىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلىسا، يەھۋانىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويارمەنمىكىن دەپ قورقۇپ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى بېغىشلىماي دەپ ئويلىشى مۇمكىن.

18 تەڭرى يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىڭىز چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئىستىكى كۈچىيىدۇ ۋە كۈچىڭىزنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىڭىزگە مۇۋاپىق ياشاشقا ھەرىكەت قىلىسىز (ۋەز 5:‏4). ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندىن كېيىن، ‹خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەرجەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى› جەزمەن خالايسىز (كولوسىلىقلار 1:‏10). سىزنىڭ خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭىز سەۋەبلىك، سىز ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشنى قىيىن ئەمەس ھېس قىلىسىز. شەك-‏شۈبھىسىزكى، سىز ئەيسانىڭ شاگىرتى يۇھاننانىڭ يازغان مۇنۇ سۆزلىرىگە قوشۇلىسىز:‏ «خۇداغا قىلغان مۇھەببەت شۇنىڭدا دۇركى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقايمىز ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرى ئېغىر ئەمەستۇر». — 1-‏يۇھاننا 5:‏3.

19 سىز خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئۈچۈن مۇكەممەل بولۇشىڭىز ھاجەتسىز. يەھۋا سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ قىلىشقا قۇربىتىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ (زەبۇر 103:‏14). ئۇ سىزنىڭ غالىب كېلىشىڭىزنى خالايدۇ ۋە قوللاپ ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 41:‏10). پەرۋەردىگار يەھۋاغا چىن قەلبىڭىزدىن ئىشەنچ قىلىڭ. مۇقەددەس كىتاب:‏ ئۇ «ھەممە يوللىرىڭنى جايلايدۇر» دەپ كاپالەت بەرگەن. — پەندى-‏نەسىھەت 3:‏5، 6.

ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزنى چۆمۈلدۈرلۈش ئارقىلىق ئىپادىلەڭ

20 بىز يۇقىرىدا مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتكەن ئايەتلەر، بەلكىم دۇئالىرىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تەڭرى يەھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز ھەقىقەتەن خۇدانى سۆيسەك چوقۇم ‹ئىقرار قىلىش بىلەن نىجات تاپارمىز› (رىملىقلار 10:‏10). سىز قانداق قىلىپ شۇنداق قىلالايسىز؟

دۇئا قىلىپ يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىدىڭىزمۇ؟

دۇئا قىلىۋاتقان كىشى

21 سىز چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇل قىلىشنى خالىسىڭىز، جامائەتچىلىكنىڭ ئاقساقالىرى ئارىسىدىكى رىياسەتچى ئاقساقالنى خەۋەرلەندۈرۈڭ. ئۇ ئاقساقال سىزنى بىر قانچە ئاقساقاللار بىلەن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى تەكرارلاش ئۈچۈن بەزى سوئاللارنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئاشۇ ئاقساقاللار سىزنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىڭىزغا قوشۇلسا، ئۇلار سىزگە كېلەر نۆۋەتلىك سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش مۇراسىمىدا چۆمۈلدۈرۈلسىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.* سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مەنىسى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىنىدۇ. نۇتۇق سۆزلىگۈچى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلمەكچى بولغان بارلىق نامزاتلارنى ئاددىي ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىنى ئېغىز ‹ئىقرارى› ئارقىلىق جاكارلايدۇ.*

22 سۇغا چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى ۋە ئەمدى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىڭىزنى جامائەتچىلىككە ئاشكارا كۆرسىتىدۇ. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن نامزاتلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ سۇغا چۆمدۈرلۈشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەيدۇ.

چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مەنىسى

23 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا:‏ «ئاتا ۋە ئوغۇل ۋە روھئالقۇددۇس [مۇقەددەس روھ] نىڭ ئىسمى» بىلەن چۆمۈلدۈرۈڭلار دەپ بۇيرۇق قىلغان (مەتتا 28:‏19). بۇنىڭ مەنىسى چۆمۈلدۈرۈلگەن كىشى پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (زەبۇر 83:‏18؛ مەتتا 28:‏18). خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى يەنى ھەرىكەت كۈچىنىڭ رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. — گالاتىيالىقلار 5:‏22، 23؛ 2-‏پېترۇس 1:‏21.

چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مەنىسى ئىلگىرىكى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىڭىزنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىلگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ

چۆمۈلدۈرۈلۈۋاتقان كىشى

24 ئەمما، سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش پەقەت مۇنداقلا سۇغا چۆمۈلۈپلا چىقىدىغان مۇراسىم ئەمەس. ئۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم سىمۋوللۇق مەنىسى بار. سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش بولسا سىزنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىڭىزنىڭ ئۆلگەنلىكىگە يەنى ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭىزگە سىموۋل قىلىنسا، سۇدىن چىقىش بولسا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىلگەنلىكىڭىزگە يەنى يېڭى تۇرمۇش يولى باشلىغانلىقىڭىزغا سىموۋل قىلىنغان. يەنە شۇ يادىڭىزدا بولسۇنكى، سىز ھەرگىزمۇ مەلۇم خىزمەت، غايە-‏نىشان ياكى باشقا ئادەملەر ۋە ياكى تەشكىلات ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بېغىشلىمىدىڭىز، بەلكى يەھۋاغا بېغىشلىدىڭىز. سىزنىڭ يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ سۇغا چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇل قىلىشىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ناھايىتى يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ باشلىنىشىدۇر. — زەبۇر 25:‏14.

25 سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش ھەرگىزمۇ نىجاتلىق تېپىشقا كاپالەت بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئەلچى پاۋلۇس:‏ «قورقۇنچ ۋە تىترەك بىلەن ئۆز نىجاتىڭىز ئۈچۈن جىدۇ جەھد قىلىڭلار [تىرىشىڭلار]» دەپ يازغان (فىلىپلىكلەر 2:‏12). سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش پەقەتلا باشلىنىشى خالاس. قانداق قىلىپ خۇدانىڭ مېھر-‏مۇھەببىتىدە قېلىپ ياشاش مۇمكىن بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا مۇشۇ كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بابى جاۋاب بېرىدۇ.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • چۆمۈلدۈرلۈش مۇراسىمىدا بەدەنگە سۇ سېپىلمەيدۇ، بەلكى بەدەن سۇغا پۈتۈنلەي چۆمدۈرلىدۇ. — مەتتا 3:‏16.
  • سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش ئۈچۈن باسىدىغان قەدەم-‏باسقۇچلار بىلىم ئېلىش، ئىمان-‏ئېتىقاد يەنى ئىشەنچنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئاندىن كېيىن توۋا قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئاخىرىدا يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش. — يۇھاننا 17:‏3؛ ئەلچىلەر 3:‏19؛ 18:‏8.
  • يەھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزىنى ئىنكار قىلغاندەك چوقۇم ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلىشىڭىز كېرەك. — ماركۇس 8:‏34.
  • سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش بىر كىشىنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە يەنى ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىگە ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىلگەنلىكىگە يەنى يېڭى تۇرمۇش يولى باشلىغانلىقىغا سىموۋل قىلىنغان. — 1-‏پېترۇس 4:‏2.

*  يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ھەر يىللىق ئاممىۋى چوڭ يىغىلىشلىرىدا ياكى يىغىنلىرىدا چۆمۈلدۈرلۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1. نېمە ئۈچۈن ئېفىئوپىيەلىك بىر ئوردا ئەمەلدارى چۆمۈلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؟

2. نېمە ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرىشىڭىز كېرەك؟

3. (1) ئەيسا مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە نېمە دەپ بۇيرۇق قىلغان؟ (2) سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

4. سۇغا چۆمۈلدۈرلۈش نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

5. (1) چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدەم-‏باسقۇچى نېمە؟ (2) نېمە ئۈچۈن جامائەتچىلىك يىغىلىشى بەك مۇھىم؟

6. چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ مۇقەددەس كىتاب بىلىمىگە ئىگە بولۇش كېرەك؟

7. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟

8. نېمە سىزنى ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى باشقىلارغا سۆزلەشكە ئۈندەيدۇ؟

9، 10. (1) سىز كىملەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئورتاقلىشىشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ؟ (2) ئەگەر سىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئىشىغا قاتنىشىشنى خالىسىڭىز نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟

11. چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، قايسى بەزى ئىشلارنى ئۆزگەرتىش كېرەك؟

12. نېمە ئۈچۈن توۋا قىلىش زۆرۈر؟

13. ئۆزگەرتىش دېگەن نېمە؟

14. سىز چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى قايسى مۇھىم قەدەم-‏باسقۇچنى ئورۇندىشىڭىز كېرەك؟

15، 16. ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاش دېگەنلىك نېمە دېگەن گەپ؟ نېمە سىزنى شۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ؟

17. نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشتا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ؟

18. نېمە سىزنى يەھۋا خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشقا ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ؟

19. نېمە ئۈچۈن خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشتىن قورقماسلىقىڭىز كېرەك؟

20. نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى ئىقرار قىلىشىڭىز كېرەك؟

21، 22. قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى ‹ئىقرار قىلىش› ئارقىلىق جاكارلىيالايسىز؟

23. ‹ئاتا ۋە ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىسمى› بىلەن چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مەنىسى نېمە؟

24، 25. (1) چۆمۈلدۈرلۈش نېمىگە سىموۋل قىلىنغان؟ (2) كېيىنكى باب قايسى سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ؟