مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

مۇقەددەس ئىسىم — ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مەنىسى

مۇقەددەس ئىسىم — ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مەنىسى

سـىـزنـىـڭ قولىڭىزدىكى مۇقەددەس كىتابنىڭ زەبۇر 83-‏باب 18-‏ئايىتى قانداق تەرجىمە قىلىنغان؟ مۇشۇ ئايەت چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمە نۇسخىسىدا:‏ «ئۇلار سېنىڭ بارەڭدە [سەن توغرىسىدا] يالغۇز ئۇ يەھۋا ئاتۇنۇر دەپ ئۇقۇپ سېنىڭ تامام يەر يۈزىنىڭ ئۈستىگە ھەقتائالا [يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاللا] ئىكەنىڭنى بىلگەي» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. كۆپلىگەن مۇقەددەس كىتاب تەرجىمە نۇسخىلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما، نۇرغۇن مۇقەددەس كىتاب تەرجىمە نۇسخىلىرىدا يەھۋا دېگەن ئىسىم ئىشلىتىلمىگەن، ئۇنىڭ ئورنىغا «پەرۋەردىگار» ياكى «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن نام-‏ئۇنۋانلار ۋە سۈپەتلەر ئىشلىتىلگەن. مۇشۇ ئايەتتە قايسىسى قوللىنىلىشى كېرەك؟ مۇشۇ ئايەتتە نام-‏ئۇنۋانلار ۋە سۈپەتلەر ئىشلىتىلىشى كېرەكمۇ ياكى يەھۋا دېگەن ئىسىم ئىشلىتىلىشى كېرەكمۇ؟

خۇدانىڭ ئىسمىنىڭ ئىبرانىي تىلىدا ئىپادىلىنىشى

خۇدانىڭ ئىسمىنىڭ ئىبرانىي يېزىقىدا ئىپادىلىنىشى

بۇ ئايەتتە ئىسىم توغرىسىدا سۆزلەنگەن. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كۆپ بۆلىكى ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئەسلى نۇسخىسىدا ئاشۇ يالغۇز خاس ئىسىم ئىشلىتىلگەن. ئۇ ئىبرانىي تىلىدا יהוה (يــھــۋ ھ) دەپ يېزىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «يەھۋا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئاشۇ ئىسىم پەقەت بىرلا ئايەتتە ئىشلىتىلگەنمۇ؟ ياق. ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تەۋرات ۋە زەبۇرنىڭ ئەسلى تېكىستلىرىدە ئاشۇ ئىسىم 7000 قېتىمغا يېقىن تىلغا ئېلىنغان!

خۇدانىڭ ئىسمىنى بىلىش قانچىلىك مۇھىم؟ ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈلگىلىك دۇئاسىدا نېمە دېيىلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ دۇئا مۇنداق باشلىنىدۇ:‏ «ئەي ئاسمانلاردىكى ئاتىمىز! سېنىڭ ئىسمىڭ مۇقەددەس بولغاي» (مەتتا 6:‏9). يەنە بىر ۋاقىتلاردا ئەيسا مەسىھ خۇداغا:‏ «ئاتا ئۆز ئىسمىڭنى ئۇلۇغلاندۇرغىن» دەپ دۇئا قىلغىنىدا، خۇدا ئاسماندىن:‏ «ئۇنى ئۇلۇغلاندۇردۇم ۋە يەنە ئۇلۇغلاندۇرۇرمەن» دەپ جاۋاب قايتۇرغان (يۇھاننا 12:‏28). ناھايىتى ئېنىقكى، ئاللانىڭ ئىسمى بەكلا مۇھىم. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەزى تەرجىمانلار مۇقەددەس كىتابنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىدا، ئاللانىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا نام-‏ئۇنۋانلارنى ۋە سۈپەتلەرنى ئىشلىتىدۇ؟

قارىماققا، ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بار. بىرىنچى، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ ئىسىمنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك دېيىشىدۇ، چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ئىسىمنىڭ ئەسلى قانداق تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى نامەلۇم. بۇنداق بولۇشى قەدىمكى ئىبرانىي تىلىدا يېزىق ئىپادە قىلىنغاندا سوزۇق تاۋۇش يېزىلمىغان. شۇڭا، ھېچكىم بۈگۈنكى كۈندە يــھــۋ ھ مۇقەددەس كىتاب زامانىدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. بۇ بىزنى ئاللانىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىشتىن توسۇپ قالالامدۇ؟ مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب زامانىدا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى يەشۇا ياكى يەھوشۇا دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان دەپ ھېچكىم جەزملەشتۈرۈپ ئېيتالمايدۇ. ئەمما، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئەيسا دېگەن ئىسىمنى ھەرخىل شەكىلدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە، ھەرقايسى مىللەت ئۆز تىلىدا ئومۇملاشقان بويىچە تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئۇلار 1-‏ئەسىردە ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنىڭ قانداق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئۇلار ئاشۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشتە ئىككىلەنمىگەن. ئوخشاشلا، ئەگەر سىز چەتئەلگە ساياھەتكە بارسىڭىز، ئۆز ئىسمىڭىزنىڭ باشقا مىللەت تىلىدا تەلەپپۇز قىلىنغاندا ئۆز ئانا تىلىڭىزدا تەلەپپۇز قىلىنغانغا قارىغاندا ناھايىتى چوڭ پەرق بارلىقىنى بايقايسىز. شۇڭا، خۇدانىڭ ئىسمىنىڭ قەدىمدە قانداق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئېنىق بولماسلىقى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىشلەتمەسلىككە سەۋەب بولالمايدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئاللانىڭ ئىسمىنى مۇقەددەس كىتابتىن چىقىرىپ تاشلىشىنىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك سەۋەبى يەھۇدىيلارنىڭ قەدىمكى ئۆرپ-‏ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن كىشىلەر خۇدانىڭ ئىسمى ھەرگىزمۇ تىلغا ئېلىنماسلىقى كېرەك دەپ قارىشىدۇ. بۇنداق دەپ قاراش ناھايىتى روشەنكى، مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇنۇ قانۇنىنى خاتا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان:‏ «رەب خۇدايىڭنىڭ ئىسمىنى بىھۇدە ئىشلەتمىگىن چۈنكى خۇداۋەندە ئۇنىڭ ئىسمىنى بىھۇدە ئىشلەتكۈچىگە جازا بەرمەي قويماس» — چىقىش 20:‏7.

بۇ قانۇن خۇدانىڭ ئىسمىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى چەكلەش قانۇنى، ئەمما بۇ قانۇن ئۇنىڭ ئىسمىنى ھۆرمەت قىلىپ ئىشلىتىشنى چەكلەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تەۋرات ۋە زەبۇرنىڭ يازغۇچىلىرى خۇدانىڭ قەدىمكى ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن قائىدە-‏قانۇنلىرى بويىچە ياشىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار دائىم خۇدانىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىپ ئۇنى چاقىرغان. مەسىلەن، ئۇلار نۇرغۇن شېئىر-‏قوشاقلىرىدا خۇدانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ كۆپچىلىك يۇقىرى ئاۋازدا بىرلىكتە خۇداغا دۇئا-‏ئىبادەت قىلىپ ھەمدۇسانا ئوقۇشقان. مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا خۇدانى مەدھىيىلەپ مۇنداق ناخشا ئېيتقان:‏ «ئۇ مېنىڭ خۇدايىم دەپ ئۇنىڭغا ئىززەت قىلاي…يەھۋا ئۇنىڭ ئىسمىدۇر» (چىقىش 15:‏2، 3). يەھۋا ھەتتا ئۆزىگە دۇئا-‏ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ۋە ساداقەتمەن كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشىنى بۇيرۇغان ئىدى. يوئېل پەيغەمبەر مۇنداق يازغان:‏ «ھەر كىم خۇداۋەندە [يەھۋا] نىڭ ئىسمىنى قىچقىرسا نىجات تاپادۇر» (يوئېل 2:‏32؛ ئەلچىلەر 2:‏21). شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىككىلەنمەستىن ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ ھۆرمەت بىلەن خۇدانىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىدۇ. — يۇھاننا 17:‏26.

مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلغۇچىلار خۇدانىڭ ئىسمى ئورنىغا نام-‏ئۇنۋانلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ ناھايىتى ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئاللانى قارىماققا ئىنسانلاردىن ناھايىتى يىراق ۋە نامەلۇم قىلىپ كۆرسەتتى. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب ئىنسانلارنى ئاللا يەھۋا بىلەن يېقىن بولۇشقا ئۈندەيدۇ (ياقۇپ 4:‏8). يېقىن بىر دوستىڭىز بار دەپ پەرەز قىلايلى. ئەگەر سىز ئاشۇ دوستىڭىزنىڭ ئىسمىنى بىلمىسىڭىز، سىزنى ئاشۇ دوستىڭىز بىلەن قانداقمۇ يېقىن دېگىلى بولىدۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، كىشىلەرگە ئاللانىڭ ئىسمى — يەھۋا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمىسە، ئۇلار قانداقمۇ يەھۋاغا يېقىنلىشالىسۇن؟ بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئاشۇ ئىسمىنى ئىشلەتمىسە، مۇقەددەس ئىسىمنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قانداقمۇ بىر نەرسە بىلەلەيدۇ؟ ئۇنداقتا مۇقەددەس ئىسىمنىڭ نېمە مەنىسى بار؟

پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئۆزنىڭ سادىق خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشەندۈرگەن ئىدى. مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئىسمى توغرىسىدا سورىغاندا، يەھۋا جاۋاب بېرىپ:‏ «مەن كىم بولۇشنى خالىسام، شۇ بولىمەن» دېگەن (چىقىش 3:‏14، ي.د.). شۇڭا، يەھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىم بولۇشنى خالىسا، شۇ بولىدۇ.

سىزنى كىم بولۇشنى خالىسا شۇ بولالايدۇ دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇنداقتا، يېقىن دوست-‏بۇرادەرلىرىڭىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەتتىڭىز؟ ئەگەر بىر دوستىڭىز ناھايىتى ئېغىر ئاغرىپ قالسا، ئۇستا بىر دوختۇر بولۇپ دوستىڭىزنى داۋالايسىز، ئەگەر بىرسى ئىقتىسادتا قىينالسا، سېخى باي بولۇپ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىسىز. ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى، سىزنىڭ ياكى ھەرقانداق بىرىمىزنىڭ كۈچ-‏قۇدرىتى چەكلىك. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسىڭىز يەھۋانىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىپ ھەركىم بولالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىسىز. ئۇ خۇشاللىق بىلەن ئۆز كۈچ-‏قۇدرىتىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارغا ياردەم قىلىدۇ (2-‏تارىخنامە 16:‏9). خۇدانىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلار ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق-‏پەزىلەت، ئېسىل سۈپەتلىرىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ.

ناھايىتى روشەنكى، خۇدانىڭ ئىسمى چوقۇم مۇقەددەس كىتابنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىدا بولۇشى كېرەك. ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلىش ۋە ئۆز دۇئا-‏ئىبادەتلىرىمىزدە ئەركىن-‏ئازادە ئاشۇ ئىسمنى ئىشلىتىپ خۇدانى چاقىرىش ئەرشتىكى ئاتىمىز يەھۋاغا* يېقىنلىشىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ياردەم بېرىدۇ.


*  خۇدانىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ مەنىسى ۋە نېمە ئۈچۈن دۇئا-‏ئىبادەت قىلغاندا ئاشۇ ئىسىم ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس ئىسىم مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرار» دېگەن كىتابچىگە قاراڭ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش