مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

دانىيال پەيغەمبەرنىڭ مەسىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى

دانىيال پەيغەمبەرنىڭ مەسىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى

دانـىـيـال پەيغەمبەر، ئەيسا پەيغەمبەر تۇغۇلۇشتىن تەخمىنەن 500 نەچچە يىل ئاۋۋال ياشىغان. ئەمما، پەرۋەردىگار يەھۋا دانىيال پەيغەمبەرگە ئەيسانىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق مەسىھ قىلىنىپ قاچان مەسىھ ياكى خرىستوس سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ ۋاقىتنى ئاشكارا قىلغان. يەھۋا، دانىيال پەيغەمبەرگە:‏ «شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش جاكارلانغاندىن تارتىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى مەسىھ مەيدانغا چىققۇچە، يەتتە ھەپتە ۋە ئاتمىش ئىككى ھەپتە ئۆتىدۇ» دەپ ئېيتقان. — دانىيال 9:‏25، ي.د.

بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا، مەسىھ مەيدانغا كېلىدۇ، شۇڭا مەسىھنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، تۇنجى بولۇپ بىز بەلگىلەنگەن ۋاقىت قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتكە ئاساسلانغاندا، «يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش جاكارلانغاندىن تارتىپ» بەلگىلەنگەن ۋاقىت باشلانغان. قاچان شۇنداق جاكارلانغان؟ مۇقەددەس كىتابتىكى نەھەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغىنىغا ئاساسلانغاندا، يېرۇسالېم تاملىرىنى قايتا ياساش پەرمانى «ئارتاھشاشتا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلى» جاكارلانغان (نەھەمىيا 2:‏1، 5-‏8). تارىخشۇناسلار ئارتاھشاشتا پادىشاھ بولۇپ سەلتەنەت باشلىغان تۇنجى يىل بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 474-‏يىلى دەپ جەزملەشتۈرىدۇ. شۇڭا، ئاشۇ پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ 20-‏يىلى بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، دانىيال پەيغەمبەرنىڭ مەسىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئاشۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلى بولغان.

دانىيال پەيغەمبەر، «ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى مەسىھ» كەلگىچە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكىنى بېشارەت بەرگەن. بېشارەتتە، «يەتتە ھەپتە ۋە ئاتمىش ئىككى ھەپتە» جەمئىي 69 ھەپتە تىلغا ئېلىنغان. بەلگىلەنگەن مۇشۇ ۋاقىت زادى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت؟ بەزى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىلىرىدە، ئاشۇلار كۈن ھەپتىسى ئەمەس، ئەمما يىل ھەپتىسى دەپ ئىزاھلانغان. ئاشۇ ھەربىر ھەپتە يەتتە يىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يىل ھەپتىسى چۈشەنچىسى ياكى يەتتە يىلنى بىر بىرلىك قىلىپ ھېسابلاشقا قەدىمكى يەھۇدىيلار ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، ئۇلار ھەر يەتتە يىلدا بىر ئارام ئېلىش يىلى قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان (چىقىش 23:‏10، 11). شۇڭا بېشارەتتە ئېيتىلغان 69 ھەپتە يەتتە يىل بىر بىرلىك قىلىنغان 69 ھەپتە بولۇپ جەمئىي 483 يىل بولىدۇ.

ھازىر بىز ھېسابلاپ باقايلى، ئەگەر بىز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلدىن باشلاپ ھېسابلىساق، مىلادى 29-‏يىلىغىچە 483 يىل ۋاقىت ئۆتكەن. مىلادى 29-‏يىلى دەل ئەيسا سۇغا چۆمۈلدۈرلۈپ مەسىھ* بولۇپ تەيىنلەنگەن! (لۇقا 3:‏1، 2، 21 22). مۇقەددەس كىتاب بېشارىتىنىڭ ئاشۇنداق تەپسىلىي ئەمەلگە ئېشىشى سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتمەمدۇ؟


*  مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلغىچە 454 يىل. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلدىن مىلادى 1-‏يىلغىچە بىر يىل (چۈنكى مىلادى نۆلىنچى يىل يوق). مىلادى 1-‏يىلدىن مىلادى 29-‏يىلغىچە 28 يىل. مۇشۇ ئۈچ ساننى قوشساق جەمئىي 483 يىل بولىدۇ. ئەيسا مەسىھ مىلادى 33-‏يىلىدا «يوقىتىلىپ» يەنى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ 70-‏يىل ھەپتىسى مەزگىلى (دانىيال 9:‏24، 26). «دانىيالنىڭ بېشارىتىگە دىققەت قىلىڭ!» دېگەن كىتابنىڭ 11-‏بابىغا ۋە يەنە «مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 2-‏بۆلۈم 899-‏901-‏بېتىگە قاراڭ. ھەر ئىككىسىلا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

«يەتمىش ھەپتە»
490 يىل
7 ھەپتە
(49 يىل)
62 ھەپتە
(434 يىل)

→ | مىلادى ←

1 ھەپتە
(7 يىل)
455

‹يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى جاكارلاش›

يېرۇسالېمنىڭ خارابىسى
406

يېرۇسالېمنى قايتا بىنا قىلىش

يېرۇسالېمنى قايتا بىنا قىلىش
29

مەسىھنىڭ مەيدانغا كېلىشى

ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندە
33

مەسىھنىڭ «يوقىتىلىپ» ئۆلتۈرۈلۈشى

ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەندە
36

«يەتمىش ھەپتە»نىڭ ئاخىرلىشىشى

رىملىق ئەسكەر

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش