مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

خۇدا ۋەدە قىلغان مەسىھ — ئەيسا

خۇدا ۋەدە قىلغان مەسىھ — ئەيسا

پەيغەمبەرلەر، يەھۋا خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى نىجاتكارنىڭ تۇغۇلۇشى؛ ئۇنىڭ ۋەز ئېيتىپ كىشىلەرگە تەلىم بېرىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى مۇقەددەس كىتابقا خاتىرىلىگەن. ئاشۇ ئېنىق تەپسىلاتلار مەسىھنى تونۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاشۇ مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن بارلىق ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەر ھەيران قالارلىق دەرىجىدە توغرا ۋە تەپسىلىي مەسىھ ئەيسادا ئەمەلگە ئاشقان. بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قېنى بىز مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

يەشايا پەيغەمبەر، مەسىھ — داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى ئارىسىدىن چىقىدۇ دەپ ئالدىن بېشارەت ئېيتقان (يەشايا 9:‏7). ئەيسا ھەقىقەتەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولۇپ تۇغۇلغان. — مەتتا 1:‏1، 6-‏17.

خۇدانىڭ يەنە بىر پەيغەمبىرى مىخا، بىر بالىنىڭ «بەيتلەھەم ئەفراتا» شەھىرىدە تۇغۇلدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىر ھۆكۈمران بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بېشارەت ئېيتقان (مىخا 5:‏2). ئەيسا تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيىدە بەيتلەھەم دەپ ئاتالغان شەھەردىن ئىككىسى بار ئىدى. بىرى ئىسرائىلىيىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ناسىرەگە يېقىن جايغا ئورۇنلاشقان. يەنە بىرى بولسا يەھۇدىيەدىكى يېرۇسالېمغا يېقىن جايغا جايلاشقان. يېرۇسالېمغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشقان بەيتلەھەم ئەسلىدە ئەفراتا دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئەيسا دەل ئالدىن بېشارەت ئېيتىلغان ئاشۇ شەھەردە تۇغۇلغان ئىدى. — مەتتا 2:‏1.

مۇقەددەس كىتابنىڭ يەنە بىر ئالدىن ئېيتىلغان بېشارىتىدە خۇدا:‏ «ئوغلۇمنى مىسىردىن قىچقاردىم» دېگەن. ئەيسا كىچىك ۋاقتىدا مىسىرغا ئېلىپ كېتىلگەن ھەمدە پادىشاھ ھىرود ئۆلگەندىن كېيىن قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەن. شۇنداق قىلىپ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغان بېشارەت ئەمەلگە ئاشقان. — ھوشىيا 11:‏1؛ مەتتا 2:‏15.

مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەر»] دېگەن جەدۋەلگە، مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىن ئېيتىلغان «بېشارەتلەر» خاتىرىلەنگەن ئايەتلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشقان بېشارەتلەر خاتىرىلەنگەن ئايەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ قاراپ چىقىڭ. ئاشۇنداق قىلىش خۇدانىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىدۇ.

مۇشۇ ئايەتلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىڭىزدە، ئاشۇ ئالدىن ئېيتىلغان بېشارەتلەرنىڭ ئەيسانىڭ تۇغۇلۇشىدىن نەچچە يۈز يىللار ئاۋۋال يېزىپ قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەستە مەھكەم ساقلاڭ. ئەيسا مەسىھ:‏ «مۇسانىڭ تەۋراتىدا ۋە پەيغەمبەرلەردە ۋە [زەبۇر]دا مېنىڭ بارەمدە [توغرىسىدا] پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى بەجا كەلمىكى كېرەكتۇر» دەپ ئېيتقان ئىدى (لۇقا 24:‏44). مۇقەددەس كىتاب ئېنىق كۆرسەتكەندەك، ئاشۇ بېشارەتلەر ھەقىقەتەن تەپسىلىي ئەمەلگە ئاشقان!

مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەر
مەزمۇنى بېشارەت ئەمەلگە ئېشىش
يەھۇدا قەبىلىسىدىن تۇغۇلۇشى يارىتىلىش 49:‏10 لۇقا 3:‏23-‏33
پاك قىزدىن تۇغۇلۇشى يەشايا 7:‏14 مەتتا 1:‏18-‏25
داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يەشايا 9:‏7 مەتتا 1:‏1، 6-‏17
يەھۋانىڭ، ئۇنى ئۆز ئوغلى دەپ ئاشكارىلىشى زەبۇر 2:‏7 مەتتا 3:‏17
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى يەشايا 53:‏1 يۇھاننا 12:‏37، 38
تەخەي مىنىپ يېرۇسالېمغا كىرىشى زەكەرىيا 9:‏9 مەتتا 21:‏1-‏9
ئۆز يېقىنىدىن بىرسىنىڭ خائىنلىق قىلىشى زەبۇر 41:‏9 يۇھاننا 13:‏18، 21-‏30
ئۇنى خائىنلىق قىلىپ 30 تەڭگىگە سېتۋېتىشى زەكەرىيا 11:‏12 مەتتا 26:‏14-‏16
ئەيىبلىگۈچىلەرگە جاۋاب قايتۇرماسلىقى يەشايا53:‏7 مەتتا 27:‏11-‏14
ئۇنىڭ كىيىمى ئۈچۈن چەك تاشلىنىشى زەبۇر 22:‏18 مەتتا 27:‏35
مىخلانغان ۋاقتىدا مەسخىرە قىلىنىشى زەبۇر 22:‏7، 8 مەتتا 27:‏39-‏43
ھېچقانداق سۆڭىكىنىڭ سۇنماسلىقى زەبۇر 34:‏20 يۇھاننا 19:‏33، 36
باي بىرسىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنىشى يەشايا 53:‏9 مەتتا 27:‏57-‏60
جەسىتى چىرىمەستىن ئىلگىرى تىرىلدۈرۈلۈشى زەبۇر 16:‏10 ئەلچىلەر 2:‏24، 27
خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇشى زەبۇر 110:‏1 ئەلچىلەر 7:‏56

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش