مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

خۇدا بىرمۇ ياكى ئۈچمۇ؟

خۇدا بىرمۇ ياكى ئۈچمۇ؟

مۇقەددەس كىتاب پەقەت بىرلا چىن خۇدا بار دەپ ئېنىق كۆرسىتىدۇ (ماركۇس 12:‏28). بىراق، ئۈچ بىرلىككە ئىشىنىدىغانلار خۇدا — ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھتىن ئىبارەت ئۈچ شەخستىن تەركىب تاپقان دېيىشىدۇ. ئۈچ شەخسنىڭ ھەربىرى بىر-‏بىرىگە تەڭ بولۇپ، ئوخشاش كۈچ-‏قۇدرەتلىك ۋە باشلىنىشى يوق دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۈچ بىرلىك تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاتا بولسا خۇدا، ئوغۇل بولسا خۇدا ۋە مۇقەددەس روھ بولسا خۇدا، ئەمما خۇدا پەقەت بىردۇر.

نۇرغۇن ئۈچ بىرلىككە ئىشىنىدىغانلار ئۆزىنىڭ ئاشۇ تەلىماتنى چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاشۇ تەلىمات مۇقەددەس كىتابتا بار دەپ قارىشىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا «ئۈچ بىرلىك» دېگەن سۆزنى مۇقەددەس كىتابتىن ھەرگىز تاپقىلى بولمايدۇ. بىراق، ئۈچ بىرلىك دېگەن ئوي-‏پىكىر مۇقەددەس كىتابتىن تېپىلغانمۇ؟ مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئۈچ بىرلىك تەلىماتىنى قوللىغۇچىلار دائىم ئوتتۇرغا تارتىپ چىقىدىغان بىر ئايەتنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

«سۆز خۇدا ئىدى»

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمە نۇسخىسىدا يۇھاننا 1-‏باب 1-‏ئايەت:‏ «دەسلىپىدە سۆز بار ئىدى ۋە سۆز خۇدا بىلەن ئىدى ۋە سۆز خۇدا ئىدى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئاشۇ بابنىڭ يەنە بىر ئايىتىدە، شاگىرت يۇھاننا «سۆز» بولسا ئەيسا دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن (يۇھاننا 1:‏14). بەزى تەرجىمىلەردە سۆز خۇدا دەپ ئاتالغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر ئاتا ۋە ئوغۇل چوقۇم بىر گەۋدە خۇدا دەپ خۇلاسە قىلغان.

مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇشۇ خۇش خەۋەر بۆلىكىنىڭ ئەسلى تېكىستى گېرىك تىلىدا يېزىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. كېيىنچە، تەرجىمانلار گېرىكچە تېكىستنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلغان. ئەمما، بەزى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمانلىرى «سۆز خۇدا ئىدى» دەپ تەرجىمە قىلمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار مۇقەددەس كىتاب يېزىلغاندا ئىشلىتىلگەن گېرىك تىلى توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولغاچقا، تەرجىمانلار «سۆز خۇدا ئىدى» دەپ تەرجىمە قىلىنماي، باشقىچە تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. ئۇنداقتا قانداق تەرجىمە قىلغان؟ تۆۋەندىكى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «لوگوس [سۆز] ئىلاھىي ئىدى» (A New Translation of the Bible). «سۆز خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ئوخشاش ئىدى» (The Translator’s New Testament). مۇشۇ تەرجىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، سۆز ئۆزى خۇدا ئەمەس.* ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئورنى يەھۋا ياراتقان بارلىق مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا بولغاچقا، سۆز بولسا «ئىلاھىي» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يەردىكى «ئىلاھىي» دەپ ئىشلىتىلگەن سۆز-‏ئىبارە ئۇنىڭ «قۇدرەتلىك زات» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

كۆپرەك تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش

كۆپچىلىك كىشىلەر مۇقەددەس كىتاب يېزىلغان ۋاقىتتىكى گېرىك تىلىنى بىلمەيدۇ. ئۇنداق ئىكەن، سىز شاگىرت يۇھاننانىڭ ئەمەلىيەتتە نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق يازغانلىقىنى قانداق بىلەلەيسىز؟ مۇنداق بىر مىسال ئالايلى:‏ بىر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر مەسىلىنى چۈشەندۈردى. كېيىن ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ھەرخىل چۈشەندى. ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلار بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلالايدۇ؟ ئۇلار مۇئەللىمنىڭ كۆپرەك چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ناھايىتى ئېنىقكى، قۇشۇمچە تەپسىلاتلارنى ئۆگىنىش ئۇلارنىڭ مەسىلىنى ياخشىراق چۈشىنىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، يۇھاننا 1-‏باب 1-‏ئايەتنى چۈشىنىش ۋە ئەيسانىڭ ئورنى توغرىسىدا كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەرنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇڭ. مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى قوشۇمچە تەپسىلاتلارنى ئۆگىنىش سىزنىڭ توغرا خۇلاسىگە كېلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

مەسىلەن، يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1-‏بابنىڭ 18-‏ئايىتىدە نېمە دېيىلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «خۇدانى ئەسلا بىر كىمەرسە [كىشى] كۆرمەپتۇر» دېيىلگەن. لېكىن ئادەملەر ئەيسانى يەنى ئوغۇلنى كۆرگەن. مەسىلەن، يۇھاننا:‏ «سۆز جىسىم بولۇپ ئارىمىزدا ساكىن بولدى [تۇرۇپ ياشىدى] بىز ئۇنىڭ جالالىنى [ئۇلۇغلۇقىنى]…كۆردۇق» دېگەن (يۇھاننا 1:‏14). ئۇنداقتا، ئەيسا قانداقلارچە خۇدا بولالايدۇ؟ يۇھاننا يەنە سۆز «خۇدا بىلەن» ئىدى دەپ بايان قىلغان. بىراق قانداق قىلىپ بىر يەككە تەن باشقا بىرى بىلەن بىرگە بولىدۇ ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككىنچى بىرىنىڭ ئۆزى بولالايدۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا، يۇھاننا 17-‏باب 3-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەندەك، ئەيسا ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتىسىنى «ھەقىقىي ۋاھىد [يەككە-‏يېگانە] خۇدا» دەپ ئاتىغان. يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر ئاساسەن ئاخىرلاشقاندا مۇنداق دەپ خۇلاسە قىلىنغان:‏ «[ئەيسا] نىڭ مەسىھ ئىبن ئاللا [خۇدانىڭ ئوغلى] ئىكەنىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ئىشىنىپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ھاياتلىق تاپقايسىزلەر دەپ بۇ ۋەقەلەر يېزىلدى» (يۇھاننا 20:‏31). قاراپ باقسىڭىز، ئەيسا خۇدا دەپ ئاتالمىغان، بەلكى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتالغان. يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەردە تەمىنلەنگەن قۇشۇمچە تەپسىلاتلار يۇھاننا 1-‏باب 1-‏ئايەتنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا، سۆز بولسا «ئىلاھىي» دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ يۈكسەك ئالىي ئورنى بار بولغانلىقىدىندۇر. بىراق ئۇ خۇدا بىلەن تەڭ ئەمەس.

قوشۇمچە تەپسىلاتلار

مۇئەللىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسالى توغرىسىدا يەنە ئويلاپ باقايلى. گەرچە مۇئەللىم يەنە قايتا تەپسىلىي قىلىپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەي گۇمان قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. ئۇلار قانداق قىلىشى مۇمكىن؟ ئۇلار ئاشۇ ئوخشاش مەسىلە توغرىسىدا كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن باشقا بىر مۇئەللىم تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىككىنچى مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىرىنچى مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانى يوقىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىز ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىسى يۇھاننانىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە دېگەنلىكىگە جەزملەشتۈرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا مۇقەددەس كىتابنىڭ مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر قىسىمى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا نېمە دېگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. مەتتا مۇشۇ زاماننىڭ ئاخىرى توغرىسىدا ئەيسا مەسىھنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن:‏ «ئۇ كۈننى ۋە ئۇ سائەتنى تەنھا مېنىڭ ئاتامدىن باشقا خاھ [مەيلى] ئاسمانلارنىڭ پەرىشتىلىرى بولسا خاھ ئوغۇل بولسا ھېچ كىمەرسە [كىشى] بىلمەيدۇر» (مەتتا 24:‏36). مۇشۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ خۇدا ئەمەسلىكىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟

ئەيسانىڭ سۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئاتا ئوغۇلدىن كۆپرەك نەرسىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئەيسا خۇدا بولسا، ئاتا بىلگەن ئىشلارنى ئۇ بىلمەيتتىمۇ؟ بۇنىڭدىن شۇنى خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى، ئوغۇل ئاتىغا تەڭ بولالمايدۇ. ئەمما، يەنە بەزىلەر:‏ «ئەيسانىڭ ئىككى خىل تەبىئىتى بار، ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتا ئىنسان سۈپىتىدە سۆزلىگەن» دېيىشىدۇ. ماقۇل شۇنداق بولغانمۇ دەيلى، ئۇنداقتا مۇقەددەس روھچۇ؟ مۇقەددەس روھ ئاتىغا ئوخشاش خۇدا بولسا، نېمە ئۈچۈن ئەيسا، ئاتا بىلىدىغان ئىشلاردىن مۇقەددەس روھ ھەم خەۋەردار دەپ ئېيتمايدۇ؟

سىز مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، مۇقەددەس كىتابتىكى نۇرغۇن ئايەتلەر سىزگە تونۇش بولۇپ كېتىدۇ. ھەمدە ئاشۇ ئايەتلەر بىردىن-‏بىر خۇدا بولسا يەھۋا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەيسا ۋە مۇقەددەس روھ ھەر ئىككىلىسىنىڭ خۇدا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. — زەبۇر 90:‏2؛ ئەلچىلەر 7:‏55؛ كولوسىلىقلار 1:‏15.


*  يۇھاننا 1-‏باب 1-‏ئايەت توغرىسىدا كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «كۆزىتىش مۇنارى» ژورنىلىنىڭ 2008-‏يىل 11-‏ئايلىق 1-‏سانىنىڭ 24، 25-‏بېتىگە قاراڭ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش