مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىبادەت قىلغاندا كرېست ئىشلەتمەيدۇ

ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىبادەت قىلغاندا كرېست ئىشلەتمەيدۇ

دۇنـيـادا مىليونلىغان كىشىلەر كرېستقا چوقۇنىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»دا كرېست «خرىستىئان دىنىنىڭ تېۋىنىش سىموۋلى» دەپ ئىزاھلانغان. بىراق، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىبادەت قىلغاندا كرېستنى ئىشلەتمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟

مۇھىم بىر سەۋەبى، ئەيسا مەسىھ كرېستتا ئۆلمىگەن. ئادەتتە «كرېست» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گېرىكچە سۆز «سىتائۇروس» (′stau·ros). بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى «بىر تۈۋرۈك ياكى قۇزۇق». مۇقەددەس كىتابنىڭ (The Companion Bible) نەشرى:‏ «[سىتائۇروس] سۆزى ھەرگىزمۇ ئىككى لىم ياغاچ بىر-‏بىرى بىلەن ھەرقانداق بۇلۇڭ ياساپ كېسىشتۈرۈلگەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن…[ئىنجىلنىڭ] ئەسلى گېرىكچە تېكىستىدە ھەتتا ئىككى لىم ياغاچ دېگەندەك گەپلەر ھېچقانداق يەردە خاتىرىلەنگەن ئەمەس».

مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرى بەزى ئايەتلەردە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا خاتىرىلىگەندە يەنە باشقا بىر گېرىك سۆزى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ سۆز «كسىلون» (xy′lon) ئىدى (ئەلچىلەر 5:‏30؛ 10:‏39؛ 13:‏29؛ گالاتىيالىقلار 3:‏13؛ 1-‏پېترۇس 2:‏24). مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسى «لىم ياغاچ» ياكى «تۈۋرۈك، تاياق ياكى دەرەخ».

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا نېمە ئۈچۈن دائىم تۈۋرۈك ياغاچ ئىشلىتىش توغرىسىدا «كرېست ۋە كرېستقا مىخلاش» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتۇرى خېرمان فۇلدا:‏ «خەلق ئاممىسى ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان جاينىڭ ھەممىسىدە دەرەخ بار بولىشى مۇمكىن بولمىغان، شۇڭا كىشىلەر بىر ياغاچنى يەرگە قاداپ، جىنايەتچىنىڭ ئىككى قولىنى يۇقىرىغا قىلىپ باغلىغان ياكى مىخلىغان، بەزىدە ئىككى پۇتى ھەم باغلانغان ياكى مىخلانغان» دەپ چۈشەندۈرگەن.

مەيلى قانداق بولسۇن، ئەڭ ئىشەنچىلىك دەلىل-‏ئىسپاتلار خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتىن كېلىدۇ. ئەيسانىڭ شاگىرتى پاۋلۇس:‏ «مەسىھ بىزنىڭ ئۈچۈن لەنەت قىلىنىپ بىزنى شەرىئەتنىڭ لەنىتىدىن ئازاد قىلدى چۈنكى ھەركىم ياغاچقا ئېسىلسا مەلئۇندۇر [لەنىتى] دەپ پۈتۈلۈپتۇر» دېگەن (گالاتىيالىقلار 3:‏13). پاۋلۇس بۇ يەردە تەكرار قانۇن 21-‏باب 22، 23-‏ئايەتنى نەقىل كەلتۈرگەن. ناھايىتى ئېنىقكى، مۇشۇ ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغىنى تۈۋرۈك ياغاچ، ھەرگىز كرېست ئەمەس. ئاشۇ شەكىلدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «لەنىتى» يەنى قارغىشقا ئۇچرىغان ئادەملەر تۇرسا، ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۆيلىرىنى مەسىھ مىخلانغان سۈرەت ۋە شەكىللەر بىلەن بېزەش مۇۋاپىق بولمايدۇ.

ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى 300 يىل جەريانىدا، ئۆزىنى ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرى ئىبادەت قىلغاندا كرېست ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-‏ئىسپات يوق. مىلادى 4-‏ئەسىردە غەيرى دىندىكى رىم ئېمپىراتۇرى كونىستانتىن دىنىنى ئۆزگەرتىپ، ئەيسانىڭ تەلىمىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قوشۇلغان ۋە كرېستنى خرىستىئان دىننىڭ سىموۋلى قىلىپ ئىشلىتىشنى تەشۋىق قىلغان. كونىستانتىننىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسەت-‏مۇددىئاسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كرېستنىڭ ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق. ئەمەلىيەتتە، كرېستنىڭ مەيدانغا كېلىشى غەيرى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «يېڭى كاتولىك قامۇسى» (New Catholic Encyclopedia):‏ «ئەيسا ياشىغان زامانلاردىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت ۋە خرىستىئان ئەمەسلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە كرېست تېپىلغانلىقىنى» ئېتىراپ قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئىشەنچىلىك مەنبەلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كرېست تەبىئەتكە چوقۇنۇش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك غەيرى دىنىي مۇراسىملار بىلەن باغلىنىشلىق بولغان.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن غەيرى دىننىڭ بۇ سىموۋلى كەڭرى تەشۋىق قىلىندى؟ قارىماققا، غەيرى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ خرىستىئان دىنىنى ئاسانراق قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىنغان. بىراق، ھەرقانداق غەيرى سىموۋللارغا چوقۇنۇش مۇقەددەس كىتابتا ناھايىتى ئېنىق ئەيىبلەنگەن (2-‏كورىنتلىقلار 6:‏14-‏18). مۇقەددەس كىتاب يەنە ھەرخىل شەكىلدىكى بۇتقا چوقۇنۇشنى چەكلىگەن (چىقىش 20:‏4، 5؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏14). شۇڭا، يۇقىرىدىكىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار كرېست ئىشلەتمەيدۇ.*


*  كرېست توغرىسىدىكى ئېلىپ بېرىلغان بەس-‏مۇنازىرە ھەققىدە كۆپرەك تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن ئەقلىي خۇلاسە قىلىش» دېگەن كىتابنىڭ 89-‏93-‏بېتىگىچە قاراڭ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش