مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى — خۇداغا شان-‏شەرەپ ئېيتىدىغان مۇراسىم

ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى — خۇداغا شان-‏شەرەپ ئېيتىدىغان مۇراسىم

ئـەيـسـا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش بۇيرۇق قىلىنغان. مۇشۇ مۇراسىم ئەيسانى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزىلىدىغان داستىخان دەپمۇ ئاتالغان (1-‏كورىنتلىقلار 11:‏20). ئۇ قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟ قاچان ۋە قانداق خاتىرىلىنىدۇ؟

مىلادى 33-‏يىلى، يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تەبرىكلەيدىغان ئاخشىمى ئەيسا مەسىھ بۇ مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان تەبرىكلەش مۇراسىمى بولۇپ، يەھۇدىيلار كالېندارى بويىچە نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى تەبرىكلىنىدۇ. قارىغاندا، مۇشۇ كۈننى ھېسابلاش ئۈچۈن يەھۇدىيلار باھار پەسلىدىكى كۈن-‏تۈن تەڭلىشىدىغان كۈننى كۈتكەن. كۈن-‏تۈن تەڭلىشىشكە ئاز قالغاندا، ئاسماندا يېڭى ئاي كۆرۈنگەن 1-‏كۈنى نىسان ئېيى باشلىنىدۇ. نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى قۇياش پاتقاندا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى باشلىنىدۇ.

ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تەبرىكلىگەن. ئىشقارى يۇرتلۇق يەھۇدانى ماڭغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، كەچلىك داستىخاننى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ كەچلىك داستىخان يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئورنىنى ئالغان. شۇڭا، ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخان مۇراسىمى ھەم يىلدا پەقەت بىر قېتىم تەبرىكلىنىشى كېرەك.

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەردە:‏ «[ئەيسا] بىر ناننى ئېلىپ مۇبارەكلەپ ئوشتۇپ شاگىرتلارغا بىرىپ ئېيتتى:‏ ئېلىپ يەڭلار بۇ مېنىڭ بەدىنىمدۇر. ۋە بىر پىيالىنى ئېلىپ شۈكۈر ئېيتىپ ئۇلارغا بىرىپ ئېيتتى:‏ ھەممىڭىز مۇنىڭدىن ئىچىڭلار. چۈنكى تولىلار [نۇرغۇن ئادەم] ئۈچۈن گۇناھلارنىڭ ئەپۇسىغا تۆكۈلىدىغان قېنىم يەنى ئەھدىنىڭ قېنى بۇدۇر» دەپ يېزىلغان. — مەتتا26:‏26-‏28.

بەزى كىشىلەر ئاشۇ ۋاقىتتا ئەيسا ھەقىقەتەن ناننى ۋە شارابنى ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە قېنىغا ئايلاندۇرغان دەپ ئىشىنىشىدۇ. لېكىن، ئۇ ناننى شاگىرتلىرىغا بەرگىنىدە، ئۇنىڭ بەدىنى يەنىلا بېجىرىم تۇرغان. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تېنىنى يەنى گۆشىنى يەپ قېنىنى ئىچىشكەنمىدى؟ ياق. ئەگەر ئاشۇنداق بولسا، ئۇلار ئادەم گۆشىنى يەپ ۋە قېنىنى ئىچىپ خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتى (يارىتىلىش 9:‏3، 4؛ لاۋىيلار 17:‏10). لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22-‏باب 20-‏ئايەتتە، ئەيسا مەسىھ:‏ «بۇ پىيالە مېنىڭ سىزلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىم بىرلە بولغان يېڭى ئەھدەدۇر» دېگەن. ئاشۇ پىيالە ھەقىقەتەن «يېڭى ئەھدە»گە ئايلاندىمۇ؟ ئۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەھدە بىر كېلىشىم، ئۇ بىر ئەمەلىي نەرسە ياكى بۇيۇم ئەمەس.

نان ۋە شاراب

شۇڭلاشقا، نان ۋە شاراب پەقەت سىموۋللار خالاس. نان ئەيسا مەسىھنىڭ مۇكەممەل تېنىگە سىموۋل قىلىنغان. ئەيسا ئۇ بىر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئېشىپ قالغان ناننى ئىشلەتكەن. ئۇ نان بولدۇرۇلمىغان يەنى خېمىرتۇرۇچ ئىشلىتىلمىگەن پېتىر نان (چىقىش 12:‏8). مۇقەددەس كىتابتا خېمىرتۇرۇچ گۇناھ ياكى چىرىكلىكنىڭ سىموۋلى قىلىنغان. شۇڭلاشقا، پېتىر نان ئەيسانىڭ قۇربان قىلغان گۇناھدىن خالىي مۇكەممەل تېنىگە سىموۋل قىلىنغان. — مەتتا 16:‏11، 12؛ 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏6، 7؛ 1-‏پېترۇس 2:‏22؛ 1-‏يۇھاننا 2:‏1، 2.

قىزىل ئۈزۈم شارابى ئەيسانىڭ قېنىغا سىموۋل قىلىنغان. ئاشۇ قان يېڭى ئەھدىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئۆز قېنىنىڭ «گۇناھلارنىڭ ئەپۇسى» ئۈچۈن تۆكۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەيسانىڭ تۆككەن قېنى سەۋەبلىك، ئىنسانلار گۇناھتىن كەچۈرۈم قىلىنىپ يەھۋا خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ئەھدە ئورنىتالايدۇ (ئىبرانىيلار 9:‏14؛ 10:‏16، 17). ئەيسانىڭ ساداقەتمەن 144000‎ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ، پادىشاھلار ۋە روھانىيلار بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت-‏سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى — بۇ يېڭى ئەھدە يەنى كېلىشىم مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلىدۇ. — يارىتىلىش 22:‏18؛ يەرەمىيا 31:‏31-‏33؛ 1-‏پېترۇس 2:‏9؛ ۋەھىيلەر 5:‏9، 10؛ 14:‏1-‏3.

خاتىرىلەش مۇراسىمىدا كىملەر نان يەپ، شاراب ئىچىشى كېرەك؟ ناھايىتى ئېنىقكى، پەقەت خۇدا بىلەن يېڭى ئەھدە ئورناتقانلار يەنى ئاسمانغا چىقىش ئۈمىدى بار بولغانلار ئاشۇ ناننى يەپ، شارابنى ئىچىشى كېرەك. ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندا پادىشاھلار بولۇشقا تاللانغانلىقىنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھ ئۇلارغا بىلدۈرىدۇ (رىملىقلار 8:‏16). ئۇلار يەنە ئەيسا مەسىھ بىلەن پادىشاھلىق ئەھدىسى ئورناتقان. — لۇقا 22:‏29.

ئۇنداقتا، يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلەر قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلار ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ھۆرمەت-‏ئېھتىرام بىلەن ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخان مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئەمما ناننى يېمەيدۇ ۋە شارابنى ئىچمەيدۇ. ھەريىلى بىر قېتىم يەھۇدىيلار كالېندارى بويىچە نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى قۇياش پاتقاندا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخان مۇراسىمىنى تەبرىكلەيدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزىدە ئاسمانغا چىقىش ئۈمىدى بار دەپ ھېسابلايدىغانلار پەقەت نەچچە مىڭلا ئادەم. بىراق، بۇ تەبرىكلەش مۇراسىمى بارلىق ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاشۇ ۋاقىتتا، ئۇلار تەڭرى يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن مېھر-‏مۇھەببىتىنى يادقا ئېلىپ چوڭقۇر ئويلايدۇ. — يۇھاننا 3:‏16.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش