مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

ئىنسانلارنىڭ تېنىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ماددىي ئامىل بارمۇ؟

ئىنسانلارنىڭ تېنىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ماددىي ئامىل بارمۇ؟

نـۇرغـۇن ئادەملەر، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر نەرسە تېنىمىزدە بار دەپ ئىشىنىدۇ. ئۇلار، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن مۇشۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ماددىي ئامىل تەندىن چىقىپ داۋاملىق ياشايدۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئېتىقاد كەڭ تارقالغانلىق سەۋەبتىن، نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك تەلىم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەندە ناھايىتى ھەيران بولىشىدۇ.

«جان» سۆز-‏ئىبارىسىنىڭ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتلىشى

بىز ئاۋۋال جان توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى. بەلكىم يادىڭىزدا بولسا، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئاساسلىقى ئىبرانىي تىلى ۋە گېرىك تىللىرىدا يېزىلغان. جان توغرىسىدا يېزىلغاندا، مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرى ئىبرانىي سۆزى «نېفېش» (ne′phesh) ياكى گېرىك سۆزى «پسىخى» (′psy·khe) ئىشلىتىلگەن. مۇشۇ ئىككى سۆز مۇقەددەس يازمىلاردا 800 قېتىمدىن كۆپ ئۇچرايدۇ، مۇشۇ ئىبرانىيچە ۋە گېرىكچە سۆز-‏ئىبارىلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابتا قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسىڭىز. مۇشۇ سۆزنىڭ ئاساسلىقى (1) ئادەم، (2) ھايۋاناتلار ياكى (3) بىر كىشى ياكى بىر ھايۋاننىڭ ھاياتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. ئۇنداقتا، بىز مۇشۇ ئۈچ مەنىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

ئادەم. «نۇھنىڭ كۈنلىرىدە…ئاران بىرنەچچە يەنى سەككىز جان سۇ بىلەن قۇتۇلدى» (1-‏پېترۇس 3:‏20). بۇ يەردە جان سۆزى نۇھ، ئۇنىڭ ئايالى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ ئاياللىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىش 1-‏باب 5-‏ئايەتتە:‏ «ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن چىققان ھەممىسى يەتمىش جان ئىدى» دەپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە ياقۇپنىڭ ئۇرۇق-‏ئەۋلادلىرىنىڭ سانىنىڭ 70 ئىكەنىنى كۆرسەتكەن. مۇقەددەس كىتابنىڭ يەنە باشقا ئايەتلىرىدە ئىشلىتىلگەن «جان» سۆزى ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، يارىتىلىش 46:‏18؛ يەشۇ 11:‏11؛ ئەلچىلەر 27:‏37.

ھايۋاناتلار. مۇقەددەس كىتابنىڭ يارىتىلىش قىسمىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن:‏ «خۇدا سۆز قىلىپ:‏ سۇلار بولسا مىدىرلايدىغان تىرىك جانىۋارلارنى [نېفېش] نۇرغۇن چىقىرىپ ئۇچارلىقلار يەرنىڭ ئۈستىدە ھاۋادا ئۇچسۇن دەپ ئېيتتى. خۇدا سۆز قىلىپ:‏ يەر بولسا تىرىك جانىۋارلارنى [نېفېش] ئۆز جىنىسلىرىگە مۇۋاپىق چىقىرىپ، چارپاي مال بىلەن ئۆمۈلەيدىغان جانۋار ۋەيا ياۋا ھايۋانلار بولسۇن ئۆز جىنىسلىرىگە مۇۋاپىق پەيدا قىلسۇن دېسە شۇنداق بولدى» (يارىتىلىش 1:‏20، 24). مۇشۇ ئايەتلەردە، بېلىقلار، ئۇچار-‏قۇشلار، ئۆي-‏ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار ھەممىسى ئۇخشاشلا ئىبرانىيچە «نېفېش» سۆز-‏ئىبارىسى بىلەن تىلغا ئېلىنغان. يارىتلىش 9:‏10؛ لاۋىيلار 11:‏46؛ ھەزقىيال 47:‏9-‏ئايەتلەردە، ھايۋاناتلار ئوخشاشلا «نېفېش» دەپ تىلغا ئېلىنغان.

ئادەمنىڭ ھاياتى. بەزى چاغلاردا «جان» سۆز-‏ئىبارىسى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە:‏ «سېنىڭ جېنىڭنى ئىزدىگەن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى» دېگەن (چىقىش 4:‏19). مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دۈشمەنلىرى نېمىنى ئىزدىگەن ئىدى؟ ئۇلار مۇسانىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدىگەن. ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:‏ «ياخشى پادىچى مەن ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى بېرۇر» (يۇھاننا 10:‏11). ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ جېنىنى يەنى ھاياتىنى ئىنسانلار ئۈچۈن قۇربانلىققا بەرگەن. مۇقەددەس كىتابتىكى مۇشۇ ئايەتتە، «جان» سۆزى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئادەمنىڭ ھاياتىنى كۆرسەتكەن. تۆۋەندىكى ئايەتلەردە، «جان» سۆزىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسى توغرىسىدا كۆپ مىساللار كۆرسىتىلگەن:‏ 1-‏پادىشاھلار 17:‏17-‏23؛ مەتتا 10:‏39؛ يۇھاننا 15:‏13؛ ئەلچىلەر 20:‏10.

مۇقەددەس كىتابنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھېچقانداق بىر ئايىتىدە «ئۆلمەس» ياكى «مەڭگۈلۈك» سۆز-‏ئىبارىلىرى «جان» سۆزى بىلەن باغلىنىپ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز. ئەكسىچە، مۇقەددەس يازمىلار جان ئۆلىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ. — ھەزقىيال 18:‏4.

«روھ» سۆز-‏ئىبارىسىنىڭ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلىشى

ئىبرانىي سۆزى «رۇئاخ» (ru′ach) ۋە گېرىك سۆزى «پنېۋما» (pneu′ma) بەزىدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇقەددەس كىتابىدا «روھ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئايەتلەرنىڭ ئۆزى ئاشۇ ئىبرانىي ۋە گېرىك سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئايۇپ 34-‏باب 14، 15-‏ئايەتلەر:‏ «ئەگەر ئۇ ئۆزى ئىنساننى قەستلەپ ئۆز روھى [رۇئاخ] بىلەن نەپىسىنى يىغىپ تارتىپ ئالسا…ئىنسان ئۆزى يەنە تۇپراققا يانماقچى بولۇر ئىدى» دەيدۇ. ۋە ياقۇپ 2-‏باب 26-‏ئايەت:‏ «بەدەن روھسىز [پنېۋما] بولسا ئۆلۈك» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «روئاخ» ۋە «پنېۋما» بەدەنگە ھاياتلىق بېرىدۇ.

رۇئاخ سۆزى ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئايەتلەردە «نەپەس» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مۇشۇ ئەھۋالدا «رۇئاخ» بىر ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ھاياتلىق ھەرىكەت كۈچىگە سىمۋول قىلىنغان. بىز بۇنى خۇدانىڭ نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنىدىكى توپان سۈيى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدىن كۆرىۋالالايمىز:‏ «مانا مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق نەپىسى [رۇئاخ] بار ھەر قىسىم جىسىمنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرۈرمەن، مۇنىڭ بىلەن يەردىكىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ قالۇر» (يارىتىلىش 6:‏17؛ 7:‏15، 22). شۇنى كۆرۋالالايمىزكى، رۇئاخ سۆز-‏ئىبارىسى كۆرۈنمەيدىغان ھەرىكەت كۈچى (ھايات ئۇچقۇنى) كۆرستىدۇ. مۇشۇ ھەرىكەت كۈچى بارلىق تىرىك مەخلۇقاتلارغا ھاياتلىق بېرىدۇ.

رادىئو

رادىئونىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن ئېلېكتر كۈچى كېرەكلىك بولغاندەك، ئادەم بەدىنىگە ھاياتلىق كۈچى كېرەك. مۇشۇ مىسالنى يەنە بىر قەدەم ئىنچكە ئويلاپ كۆرەيلى. ئەگەر سىز ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بىر رادىئوغا باتارىيە سېلىپ ئۇنى ئاچسىڭىز، باتارىيەدە ساقلاقلىق ئېلېكتر كۈچى رادىئوغا ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بىراق باتارىيە بولمىسا، رادىئو ئۆلۈك. يەنە بىر تۈردىكى رادىئونى ئېلېكتر مەنبەسىدىن ئۈزۋەتسىڭىز، ئۇمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، رۇئاخ ۋە پنېۋما بولسا بىزنىڭ بەدىنىمىزگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلگۈچى ھەرىكەت كۈچ. ئۇ ھەم ئېلېكتر كۈچىگە ئوخشاش، ھېس-‏تۇيغۇ يوق ۋە ئوي-‏خىيال قىلالمايدۇ. ئۇ بىر ھەرىكەت كۈچى خالاس. بىراق، ئاشۇ ھەرىكەت كۈچ يوق بولسا، ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ كىتابىدا كۆرسىتىلگەندەك بىزنىڭ بەدىنىمىز ‹تۇپراققا يېنىپ كېتىدۇ›.

ئادەم ئۆلسە نېمە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەز 12-‏باب 7-‏ئايىتىدە:‏ «تۇپراقتىن بولغان جىسىم تۇپراققا يېنىپ خۇدا بەرگەن روھ [رۇئاخ] خۇدا تەرەپكە يانماستا ياراتقۇچىڭنى ياد قىلغىن» دەپ بايان قىلىنغان. رۇئاخ يەنى ھاياتلىق ھەرىكەت كۈچى بەدەندىن ئايرىلغاندا، بەدەن ئۆلىدۇ ۋە كەلگەن جايى تۇپراققا قايتىدۇ. شۇنىڭدەك ھاياتلىق ھەرىكەت كۈچى خۇدادىن كەلگەچكە خۇداغا قايتىدۇ (زەبۇر 36:‏9). بۇ ھاياتلىق ھەرىكەت كۈچى ئەمەلىيەتتە ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، بۇ بىر كىشى ئۆلسە ئۇنىڭ كەلگۈسى ھاياتلىققا قايتىش ئۈمىدى يەھۋا خۇداغا باغلىق دېگەنلىكتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھاياتى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ قولىدادۇر. پەقەت خۇدانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتى بىلەن رۇئاخ يەنى ھاياتلىق ھەرىكەت كۈچى ئىنسانغا قايتۇرلۇپ بېرىلىپ، ئۆلگەنلەر قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

خۇدانىڭ كەلگۈسىدە «گۆرلەردىكى» ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋاتقانلار ئۈچۈن نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىش كۆڭۈلنى قانچە تەسەللىي تاپقۇزىدۇ، ھە! (يۇھاننا 5:‏28، 29). ئاشۇ تىرىلدۈرۈش ۋاقتىدا، يەھۋا خۇدا ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان ئۆلۈكلەرگە يېڭى بەدەن بېرىپ، ھاياتلىق ھەرىكەت كۈچىنى ئۇنىڭغا سېلىپ، ئۇنى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئاشۇ ۋاقىت كىشىنى نەقەدەر خۇشال قىلىدۇ، ھە!

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش