مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

1914-‏يىلى مۇقەددەس كىتاب بېشارىتىدىكى مۇھىم يىل

1914-‏يىلى مۇقەددەس كىتاب بېشارىتىدىكى مۇھىم يىل

مـۇقـەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار 1914-‏يىلدىن نەچچە ئون يىل ئاۋۋال، 1914-‏يىلى مۇھىم ئىشلار يۈز بېرىدۇ دەپ جاكارلىغان. قايسى مۇھىم ئىشلار؟ قانداق دەلىل-‏ئىسپاتلار 1914-‏يىلنىڭ مۇھىم بىر يىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر (ھ.ز.) 21:‏24-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن، ئەيسا مەسىھ:‏ ئۇلار «خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ» دېگەن. يېرۇسالېم يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ پايتەخت شەھىرى قىلىنىپ، داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسلىرى مۇشۇ شەھەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن (زەبۇر 48:‏1، 2). بىراق، بۇ پادىشاھلار باشقا مەملىكەت پادىشاھلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە. ئۇلار خۇدانىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ «خۇداۋەندىنىڭ تەختىدە» ئولتۇرۇشقان ئىدى (1-‏تارىخنامە 29:‏23). شۇڭا، يېرۇسالېم يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا سىموۋل قىلىنغان.

خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قاچان ۋە قانداق قىلىپ يات خەلقلەر ‹ئاياغ ئاستى قىلىشقا› باشلىدى؟ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلى يېرۇسالېم بابىلونلىقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. «خۇداۋەندىنىڭ تەختى» قۇرۇق قالغان، داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ تەختى ۋارىسى بولۇش توختىغان (2-‏پادىشاھلار 25:‏1-‏26). خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ‹ئاياغ ئاستى قىلىش› مەڭگۈ داۋاملىشامدۇ؟ ياق، ھەزقىيال پەيغەمبەر يېرۇسالېمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى سەدىقىيا توغرىسىدا خۇدا سۆزىنى ئالدىن بېشارەت ئېيتقان:‏ «سەللەڭنى سېلىپ تاجىڭنى ئېلىپ ئاتقىن…ھەقدار بولۇپ مەندىن مۇنى تاپقان كىمەرسە [كىشى] كەلمىگۈچە بۇ ئىش سابىت [مۇقىم] بولمايدۇر» (ھەزقىيال 21:‏26، 27). داۋۇت پادىشاھنىڭ تاجىغا ئىگە بولغۇچى «ھەقدار» كىشى ئەيسا مەسىھتۇر (لۇقا 1:‏32، 33). شۇڭا ‹ئاياغ ئاستى قىلىش› ئەيسا پادىشاھ بولغاندا ئاياغلىشىدۇ.

قاچان ئاشۇ مۇھىم ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىي ئەمەس خەلقلەرنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇقەددەس كىتابنىڭ دانىيال 4-‏بابى، ئاشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلىشتىكى مۇھىم ھالقا. دانىيال 4-‏بابىدا، بابىلون پادىشاھى نېبۇقادنىسارنىڭ بىر بېشارەتلىك چۈش كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇ چۈشىدە غايەت زور بىر دەرەخنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ كۆتىكى كۆكلەپ ئۆسۈپ چىقالمايتتى. چۈنكى كۆتىكى تۆمۈر ۋە مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان. بىر پەرىشتە:‏ «ئۇنىڭ ئۈستىگە يەتتە دەۋر ئۆتۈپ كەتسۇن» دەپ جاكارلىغان ئىدى. — دانىيال 4:‏10-‏16.

بەزى چاغلاردا، مۇقەددەس كىتابتا دەرەخ ھۆكۈمرانلىققا سىموۋل قىلىنغان (ھەزقىيال 17:‏22-‏24؛ 31:‏2-‏5). شۇڭا ئاشۇ دەرەخنى كېسىپ تاشلاش، ئەمەلىيەتتە خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقنىڭ توسالغۇغا ئۇچراپ بىر مەزگىل توختىغانلىقىغا سىموۋل قىلىنغان بولۇپ، يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلارنىڭ سەلتەنەت قىلىشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، ئاشۇ چۈشتىكى بېشارەتتە ‹يېرۇسالېمنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى› ۋاقىتلىق بولۇپ، بۇ ۋاقىت «يەتتە دەۋر». ئۇنداقتا، بۇ يەتتە دەۋر زادى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت؟

مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر 12:‏6، 14-‏ئايەتلىرى ئۈچ يېرىم دەۋر «بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن»گە تەڭ دەپ بايان قىلغان. دېمەك، «يەتتە دەۋر» ئۈچ يېرىم دەۋرنىڭ ئىككى ھەسسىسى يەنى 2520 كۈن بولىدۇ. بىراق يېرۇسالېم ۋەيران بولغاندىن 2520 كۈن كېيىن، يەھۇدىي ئەمەس خەلقلەر خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ‹ئاياغ ئاستى قىلىش›نى توختاتمىغان. ناھايىتى ئېنىقكى، مۇشۇ بېشارەت ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى سانلار 14:‏34 ۋە ھەزقىيال 4:‏6-‏ئايەتلەرگە ئاساسەن «ھەر بىر كۈننى بىر يىل ساناپ» ھېسابلىساق «يەتتە دەۋر» بولسا 2520 يىل ۋاقىتقا تەڭ بولىدۇ.

2520 يىل ۋاقىت، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلى ئۆكتەبىردە يېرۇسالېم بابىلونلىقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، داۋۇتنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى پادىشاھلىق تاجىدىن ئايرىلغان ئاشۇ يىلى باشلانغان. ئاشۇ 2520 يىل ۋاقىت 1914-‏يىلى ئۆكتەبىردە ئاياغلاشقان. شۇ ۋاقىتتا ‹يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت› ئاياغلىشىپ، ئەيسا مەسىھ ئاسماندا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان.* — زەبۇر 2:‏1-‏6؛ دانىيال 7:‏13، 14.

دەل ئەيسا ئالدىن ئېيتقاندەك، ئۇ ئاسماندا پادىشاھ بولغىنىدا، يەر يۈزىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يەر تەۋرەش، يۇقۇملۇق كېسەللەرگە ئوخشاش بىر قاتار ئىشلار يۈز بەردى (مەتتا 24:‏3-‏8؛ لۇقا 21:‏11). ئەيسا ئالدىن ئېيتقان ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەنلىكى، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ 1914-‏يىلى ئاسماندا قۇرۇلغانلىقىنى ۋە مۇشۇ كۆز ئالدىمىزدىكى رەزىل زاماننىڭ «ئاخىرقى كۈنلەر»نى باشلىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىغان. — 2-‏تىموتىي 3:‏1-‏5.


*  مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلى ئۆكتەبىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلى ئۆكتەبىرگىچە 606 يىل، نۆلىنچى يىل بولمىغانلىقتىن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلىدىن مىلادى 1914-‏يىلى ئۆكتەبىرگىچە 1914 يىل. 606 يىلنى 1914 يىلغا قۇشۇۋەتسەك جەمئىي 2520 يىل بولىدۇ. يېرۇسالېمنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلدا ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدا بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگەن كىتابنىڭ «يىلنامە» سەھىپىسىگە قاراڭ.

«يەتتە دەۋر»
2520 يىل
606 4/‏1 يىل
مىلادىدىن بۇرۇن 607-‏يىل
ئۆكتەبىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى
1-‏يىلى 31-‏دېكابىرغىچە
1913 4/‏3 يىل
مىلادى 1-‏يىلى 1-‏يانۋاردىن
1914-‏يىلى ئۆكتەبىرگىچە
607

«يېرۇسالېمنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنىشى»

يېرۇسالېم ۋەيران قىلىنغان
→مىلادىدىن بۇرۇن مىلادى← 1914

«ھەقدار ھوقۇقلۇق كىشىنىڭ كېلىشى»

ئەيسا مەسىھ پادىشاھ سۈپىتىدە تەختتە ئولتۇرغان

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش