مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

كىم باش پەرىشتە مىكائىل؟

كىم باش پەرىشتە مىكائىل؟

مـىـكـائـىـل دەپ ئاتالغان روھى زات مۇقەددەس كىتابتا ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنغان. بىراق، ئۇ ھەر قېتىم تىلغا ئېلىنغاندا ناھايىتى قىزغىن ئىش قىلىۋاتقان، يەنى دانىيال قىسمىدا، مىكائىل بىلەن ئەسكى پەرىشتىلەر جەڭ قىلىۋاتقان؛ يەھۇدانىڭ خېتىدە، مىكائىل بىلەن شەيتان بەس-‏مۇنازىرە قىلىۋاتقان؛ ھەمدە ۋەھىيلەر قىسمىدا، مىكائىل بىلەن شەيتان ۋە شەيتانغا ئەگەشكۈچى جىنلار ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەسۋىرلەر بايان قىلىنغان. مىكائىل خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يەھۋا خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوغداپ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىگە مۇناسىپ ئىش قىلغان. مىكائىل دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «كىم خۇداغا ئوخشاش؟» ئۇنداقتا كىم مىكائىل؟

مۇقەددەس كىتابتا، بەزى شەخسلەر بىرنەچچە ئىسىم بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن، ئائىلە يەنى قەبىلە باشلىقى ياقۇپنىڭ يەنە ئىسرائىل دېگەن ئىسىمى بار، شاگىرت پېترۇسنىڭ سىمون دېگەن ئىسمى بار (يارىتىلىش 49:‏1، 2؛ مەتتا 10:‏2). شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتاب ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋال ۋە ئاسمانغا قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ باشقا ئىسمىنىڭ مىكائىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ خۇلاسە مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان.

باش پەرىشتە. مۇقەددەس كىتاب مىكائىلنى «باش پەرىشتە» دېگەن (يەھۇدا 9، ھ.ز.). مىكائىلنىڭ باش پەرىشتە دەپ ئاتالغانلىقىغا دىققەت قىلساق، ئۇنىڭدەك پەرىشتىدىن پەقەت بىرلا بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمەلىيەتتە، «باش پەرىشتە» دېگەن بۇ ئۇقۇم مۇقەددەس كىتابتا ھەرگىز كۆپلۈك شەكلىدە ئەمەس، بەلكى پەقەت بىرلىك شەكىلدە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەيسا مەسىھ بىلەن باش پەرىشتىنىڭ ئورنى باغلىنىشلىق. ئۆلۈمدىن تىرىلگەن مەسىھ ھەققىدە سالونىكالىقلارغا 1-‏خەت 4-‏باب 16-‏ئايەتتە (ھ.ز.):‏ مەسىھ «ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى…بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېيىلگەن. ئەيسانىڭ ئاۋازى باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئوخشاش دەپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا مۇشۇ ئايەت ئەيسانىڭ ئۆزى باش پەرىشتە مىكائىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاسماندىكى قوشۇننىڭ سەركەردىسى. مۇقەددەس كىتابتا «مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا…ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى جەڭلىشىپ تۇردىلار» دەپ بايان قىلىنغان (ۋەھىيلەر 12:‏7). مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مىكائىل ساداقەتمەن پەرىشتىلەر قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى. ۋەھىيلەردە ئەيسا ھەم ساداقەتمەن پەرىشتىلەر قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى دەپ تەسۋىرلەنگەن (ۋەھىيلەر 19:‏14-‏16). يەنە ئەلچى پاۋلۇس «ئەيسا» ۋە ئۇنىڭ قۇدرەتلىك «پەرىشتىلىرى»نى ئېنىق تىلغا ئالغان (2-‏سالونكالىقلار 1:‏7). مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇقەددەس كىتاب مىكائىل ۋە «ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى» يەنە ئەيسا ۋە «ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى»نى تىلغا ئالغان (مەتتا 13:‏41؛ 16:‏27؛ 24:‏31؛ 1-‏پېترۇس 3:‏22). مۇقەددەس كىتابنىڭ ھېچقانداق بىر ئايىتىدە ئاسماندا ئىككى ساداقەتمەن پەرىشتىلەر قوشۇنى بار، بىرىنىڭ سەركەردىسى مىكائىل يەنە بىرىنىڭ سەركەردىسى ئەيسا دەپ كۆرسىتىلمىگەن. شۇنداق ئىكەن، مىكائىل ئەمەلىيەتتە ئاسمانغا قايتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەيسا مەسىھ دەپ خۇلاسە چىقىرىش مۇۋاپىق.*


*  مىكائىلنىڭ يەنە بىر ئىسمىنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپرەك تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 2-‏بۆلۈم 393-‏394-‏بەتلىرىگە قاراڭ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش