مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قۇشۇمچە ئىزاھات

«كاتتا بابىل»نى ئېنىقلاش

«كاتتا بابىل»نى ئېنىقلاش

مـۇقـەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر قىسمىدا ئىشلەتكەن بەزى سۆز-‏ئىبارىلەرنى سۆز مەنىسىگە ئاساسەن چۈشەنگىلى بولمايدۇ (ۋەھىيلەر 1:‏1). مەسىلەن، ۋەھىيلەردە بىر پاھىشە ئايالنىڭ پېشانىسىگە «كاتتا بابىل» دېگەن ئىسىم يېزىلغان ھەمدە ئۇ ئايال «قەۋملەر ۋە خەلقلەر» ئۈستىدە ئولتۇرغان دەپ تىلغا ئېلىنغان (ۋەھىيلەر 17:‏1، 5، 15، ھ.ز.). ئەمەلىيەتتە، بىر ئايال مۇنداق قىلالمىغان ئىكەن، كاتتا بابىل جەزمەن بىر سىموۋل. ئۇنداقتا، بۇ سىموۋللۇق مەنىگە ئىگە پاھىشە ئايال نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

ۋەھىيلەر 17-‏باب 18-‏ئايەتتە، سىموۋللۇق مەنىگە ئىگە ئايالنى «يەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت قىلغان ئۇ چوڭ شەھەردۇر» دەپ تەسۋىرلىگەن. مۇشۇ يەردە سۆزلەنگەن «شەھەر» بىر گۇرۇپپا تەشكىللەنگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «چوڭ شەھەر» ئاشۇ «يەرنىڭ پادىشاھلىرىنى» كونترول قىلغان ئىكەن، كاتتا بابىل دەپ ئىسمى بار پاھىشە ئايال جەزمەن زور تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارالىق تەشكىلات، ئۇنى «دۇنياۋى ئىمپېرىيە» دەپ ئاتاش مۇۋاپىق. ئۇ قانداق ئىمپېرىيە؟ دىنىي ئىمپېرىيە. بىزنى مۇشۇ خۇلاسىگە كەلتۈرگەن مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر قىسىمىدىكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى.

ئىمپېرىيە ئاددەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن:‏ سىياسىي ئىمپېرىيە، سودا-‏ئىقتىسادى ئېمپېرىيە ياكى دىنىي ئىمپېرىيە. كاتتا بابىل دەپ ئاتالغان ئايال سىياسىي ئىمپېرىيە ئەمەس، چۈنكى مۇقەددەس كىتاب:‏ «يەرنىڭ پادىشاھلىرى» يەنى بۇ دۇنيادىكى سىياسىي تەشكىلاتلار ئۇنىڭ بىلەن «زىنا قىلىشتى» دەيدۇ. مۇشۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ‹زىنا قىلىش›، ئۇ ئايالنىڭ يەر يۈزىدىكى ھۆكۈمرانلار بىلەن ئىتىپاقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ سەۋەب «چوڭ پاھىشە» دەپ ئاتالغان. — ۋەھىيلەر 17:‏1، 2؛ ياقۇپ 4:‏4.

كاتتا بابىلنىڭ سودا-‏ئىقتىساد ئىمپېرىيىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «يەرنىڭ سودىگەرلىرى» سودا-‏ئىقتىساد تەشكىلاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پادىشاھلار ۋە سودىگەرلەر ھەر ئىككىسى كاتتا بابىلنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرۈپ «نېرىدا تۇرۇپ» يىغا-‏زار قىلدى دەپ تەسۋىرلەنگەن (ۋەھىيلەر 18:‏3، 9، 10، 15-‏17). شۇڭا، كاتتا بابىل سىياسىي ئىمپېرىيە ياكى ئىقتىساد-‏سودا ئىمپېرىيىسى ئەمەس، بەلكى دىنىي ئىمپېرىيە دېگەن خۇلاسىگە كېلىش ناھايىتى ئورۇنلۇق.

بۇندىن باشقا، ۋەھىيلەردە:‏ كاتتا بابىل سەن «سىھرۋازلىقىڭ» بىلەن بارچە مىللەتلەرنى ئازدۇردۇڭ دەپ يېزىلغان (ۋەھىيلەر 18:‏23). مۇشۇ ھەم كاتتا بابىلنىڭ دىنىي ئىمپېرىيە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. جىنكەشلىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ئىشلار جىنلاردىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە دىن بىلەن مۇناسىۋەت بولغانلىقى سەۋەبلىك، مۇقەددەس كىتابنىڭ كاتتا بابىلنى «يامان روھلارغا ماكان» دەپ ئاتىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس (ۋەھىيلەر 18:‏2؛ تەكرار قانۇن 18:‏10-‏12). يەنە مۇشۇ دىنىي ئىمپېرىيەنىڭ ھەقىقىي دىنغا باركۈچى بىلەن قارشى تۇرۇپ «پەيغەمبەرلەر» ۋە «مۇقەددەسلەر»گە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەن (ۋەھىيلەر 18:‏24). ئەمەلىيەتتە، كاتتا بابىل ھەقىقىي دىنغا ھەددىدىن زىيادە ئۆچمەنلىك قىلىپ ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ھەتتا «ئەيسانىڭ شاھىتلىرىنى» يەنى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق قىلغانلارنى ئۆلتۈرىدۇ (ۋەھىيلەر 17:‏6). شۇڭلاشقا، كاتتا بابىل دەپ ئىسمى بار بۇ ئايال ئېنىقكى دۇنيادىكى بارلىق يەھۋا خۇداغا قارشى تۇرىدىغان يالغان دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي ئىمپېرىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

→ ئەسلىدىكى باب مەزمۇنىغا قايتىش