نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك؟
سىز مۇقەددەس كىتاب ئوقۇپ باققانمۇ؟ ئىنسانىيەت تارىخىدا، ھېچبىر كىتاب ئاشۇ يەككە-يېگانە كىتابتەك ھەممىلا يەردە كەڭرى تارقىتىلغان ئەمەس. بارچە ئەل خەلق مەدەنىيىتىدە، ئۇ كىتابنىڭ خەۋىرى شاد-خوراملىق ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلەرنىڭ مەنبەسى بولغان. ئۇنىڭدىكى پەندى-نەسىھەتلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلگەن. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا ناھايىتى ئاز نەرسە بىلىدۇ. بىر كىشى مەيلى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ئېھتىمال مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا بىلىشكە قىزىقىشى مۇمكىن. مۇشۇ كىتابچە كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابتىن قىسقىچە بىلىمگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان.
مۇقەددەس كىتابنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى بەزى تەپسىلاتلارنى بىلىش، سىزگە كۆپ ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب — تەۋرات، زەبۇر ۋە ئىنجىل دەپ ئاتالغان كىتابلاردىن تەركىب تاپقان يازمىلار بولۇپ، 66 پارچە كىتابنىڭ يىغىندىسى. ئالەمنىڭ يارىتىلىش قىسىمىدىن باشلىنىپ ۋەھىيلەر قىسمىدا ئاياغلىشىدۇ.
كىم مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپى؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى كىشىنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇرىدۇ. ئاشۇ يازمىلار 40 قا يېقىن پەيغەمبەرلەر تەرىپىدىن 1600 يىل جەريانىدا يېزىپ خاتىرلەنگەن. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ مۇئەللىپلىرى دەپ ئاتىمىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى مۇقەددەس يازمىلار توغرىسىدا: «خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان ھەر كىتاب ... پايدىلىقتۇر»، دەپ يازغان (2-تىموتىي 3:16). يەنە بىرى مۇنداق دېگەن: «خۇداۋەندىنىڭ روھى مېنىڭ ۋاستەم بىرلە سۆز قىلغاچ ئۇنىڭ كالامى تىلىمدا بار» (2-سامۇئىل 23:2). شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇقەددەس كىتابنى يېزىپ خاتىرىلىگۈچىلەر، بارچە كائىناتنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى يەھۋا خۇدا، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ مۇئەللىپى دەپ جاكارلىغان. ئۇلار ھەمدە خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىلىش زۆرۈر بولغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار. خۇدانىڭ ساماۋى پادىشاھلىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ياقلاش يەنى ئىسپاتلاش — دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئوتتۇرغا قويۇلغان باش تېما بولغان. مۇشۇ كىتابچىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، مۇقەددەس كىتابنىڭ يارىتىلىش قىسىمدىن تاكى ۋەھىيلەر قىسىمىغىچە بولغان ھەممە بۆلەكلەرنىڭ باش تېما بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز.
يۇقىرىدىكى سۆزلەنگەن مەلۇماتلار ئاساسىدا، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كىتاب يەنى مۇقەددەس كىتابتىكى باش تېما توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى يەنى خەۋەرنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.