مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏بۆلە‌ك

خۇ‌دانىڭ ئىبراھىم ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنى بە‌رىكە‌تلىشى

خۇ‌دانىڭ ئىبراھىم ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنى بە‌رىكە‌تلىشى

ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادلىرىنىڭ روناق تېپىشى؛‏ خۇ‌دانىڭ يۈسۈپنى مىسىردا قوغدىشى

يە‌ھۋا ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىرى كە‌لگۈسىدە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشى ۋە ئۆلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ يارىتىلىش 3-‏باب 15-‏ئايە‌تتە خاتىرىلە‌نگە‌ن بېشارە‌ت مۇ‌شۇ ھە‌قىقە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ خۇ‌دا ئىنسانىيە‌تكە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرىنىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتىنى قايسى ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە،‏ خۇ‌دا،‏ ئىبراھىمنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلى ئىسھاقنى قۇ‌ربانلىق قىلىشقا بۇ‌يرۇ‌غانلىقى توغرىسىدىكى ھە‌قىقىي مىسالنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏

ئىبراھىمنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچلۈك ئىدى.‏ ئاللا ئۇ‌نىڭغا،‏ ئالدىن بېشارە‌ت بېرىلگە‌ن قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكار يە‌نى نە‌سىلنىڭ ئىسھاقنىڭ ئە‌ۋلادلىرى ئارىسىدىن مە‌يدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان ئىدى.‏ ئىبراھىم ئىتائە‌تچانلىق بىلە‌ن ئۆز ئوغلىنى قۇ‌ربانلىق قىلىشقا تە‌ييار بولدى.‏ چۈنكى ئۇ،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسھاقنى تىرىلدۈردىغانلىقىغا ئىشىنە‌تتى.‏ بىراق،‏ خۇ‌دانىڭ بىر پە‌رىشتىسى ئىبراھىمنى دە‌ل ۋاقتىدا توختاتتى.‏ ئۆزىگە ئە‌ڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك بولغاننى ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن تە‌قدىم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم ماختاشقا ئېرىشتى.‏ خۇ‌دا،‏ ئۇ ساداقە‌تمە‌ن كىشى ئىبراھىمغا بۇ‌رۇ‌ن بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى قايتىلىدى.‏

كېيىنچە،‏ ئىسھاق ئىككى ئوغۇ‌للۇ‌ق بولدى،‏ ئۇ‌لار ئە‌ساۋ ۋە ياقۇ‌پ ئىدى.‏ ياقۇ‌پ ئە‌ساۋغا ئوخشىمايتتى،‏ ئۇ خۇ‌داغا تە‌قۋادار بولغانلىقى ئۈچۈن بە‌رىكە‌تلە‌شكە ئېرىشتى.‏ خۇ‌دا ياقۇ‌پنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلغا ئۆزگە‌رتتى.‏ ئىسرائىلنىڭ 12 ئوغۇ‌للىرى ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ئون ئىككى قە‌بىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاشۇ قە‌بىلىلە‌ر قانداق قىلىپ ئۇ‌لۇ‌غ بىر خە‌لق بولدى؟‏

ياقۇ‌پنىڭ ئوغۇ‌للىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆز ئىنىسى يۈسۈپكە ھە‌سە‌ت قىلغاندىن تارتىپ،‏ زە‌نجىرسىمان ۋە‌قە‌لە‌ر باشلاندى.‏ ئۇ‌لار ئىنىسىنى قۇ‌ل ئورنىدا سېتىۋە‌تتى ۋە ئۇ مىسىرغا ئېلىپ كېتىلدى.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ساداقە‌تمە‌ن ۋە باتۇ‌ر ياش يېگىت يۈسۈپنى بە‌رىكە‌تلىدى.‏ يۈسۈپ كۆپ جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌ت تارتقان بولسىمۇ،‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا مىسىر پادىشاھى فىرئە‌ۋن تە‌رىپىدىن تاللىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا چوڭ ھوقۇ‌ق بېرىلدى.‏ ئاچارچىلىق سە‌ۋە‌بلىك ياقۇ‌پ بە‌زى ئوغۇ‌للىرىنى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋىلىشقا ئە‌ۋە‌تتى.‏ دە‌ل ئاشۇ ۋاقىتلاردا،‏ يۈسۈپ مىسىردىكى بارلىق ئاشلىقنى باشقۇ‌رغۇ‌چى بولغان ئىدى.‏ پۇ‌شايمان قىلغان قېرىنداشلىرى بىلە‌ن ھە‌يرانلىق ئىچىدە،‏ كۆز ياشلار ئاققۇ‌زۇ‌پ قايتا جە‌م بولغاندىن كېيىن،‏ يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنى ئە‌پۇ قىلدى ۋە پۈتكۈل ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ مىسىرغا كۆچۈپ كېلىشىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى.‏ ئۇ‌لار ناھايىتى ياخشى زېمىنغا ئىگە بولدى.‏ ئاشۇ يە‌ردە ئۇ‌لار داۋاملىق كۆپىيىپ،‏ روناق تاپالايتتى.‏ خۇ‌دا ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئاشۇ ئىشلارنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانلىقىنى يۈسۈپ چۈشە‌نگە‌ن ئىدى.‏

ياشىنىپ قالغان ياقۇ‌پ قالغان ئۆمرىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر بىلە‌ن بىللە مىسىردا ئۆتكۈزدى.‏ ياقۇ‌پ كېسە‌ل كارۋىتىدا يېتىپ،‏ ۋە‌دە قىلىنغان نە‌سىل يە‌نى قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكار توغرىسىدا —‏ ئۇ‌نىڭ بىر كۈچلۈك ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى ۋە ئون ئىككى ئوغۇ‌لنىڭ بىرى بولغان يە‌ھۇ‌دانىڭ قە‌بىلىسىدىن دۇ‌نياغا كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن كېيىن،‏ يۈسۈپ ھە‌م ئۆلۈش ئالدىدا،‏ كە‌لگۈسىدە خۇ‌دا ئىسرائىل خە‌لقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن ئىدى.‏

‏—‏يارىتىلىش 20–‏50-‏باب‏،‏ ئىبرانىيلار 11:‏17–‏22-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن.‏