10-بۆلەك
سۇلايماننىڭ دانالىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى
يەھۋانىڭ سۇلايمان پادىشاھقا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىشى؛ سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە ئىسرائىللارنىڭ ئاجايىپ تىنچلىققا ئىگە بولۇپ، گۈللەپ روناق تېپىشى
ئەگەر بىر مىللەت كىشلىرىنىڭ ھەممىسى، ھەتتا ھۆكۈمرانى بىرلىكتە، پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىغا بويسۇنسا، ئۇلار قانداق تۇرمۇشقا ئىگە بولالايدۇ؟ مۇشۇ سوئالغا، سۇلايمان پادىشاھنىڭ 40 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە جاۋاب بېرىلگەن ئىدى.
داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئۆز ئوغلى سۇلايماننى تەخت ۋارىسى قىلىپ تەيىنلىدى. سۇلايماننىڭ چۈشىدە، خۇدا ئۇنى ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئېيتىشقا چاقىردى. سۇلايمان، كىشىلەرگە ئادىللىق ۋە ئاقىلانىلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىلىم-مەرىپەت تەلەپ قىلدى. يەھۋا ناھايىتى خوشال بولدى ۋە سۇلايماننى دانىشمەن ھەم ئۆتكۈر زېھىنلىك قىلدى. يەھۋا يەنە، ئەگەر سۇلايمان ئىتائەتچانلىقنى ساقلىسا، ئۇنى مال-دۇنيا، شان-شۆھرەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرگە ئىگە قىلدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
سۇلايمان ئاقىلانە ھۆكۈمى بىلەن داڭ چىقاردى. بىر قېتىم، ئىككى ئايال ھەر ئىككىلىسى بىر ئوغۇل بوۋاقنى ئۆزىنىڭ بالىسى دەپ تالاش-تارتىش قىلىشقاندا، سۇلايمان ئۇ، بوۋاقنى پارچىلاپ ئىككى قىلىپ، ئۇ ئىككى ئايالغا بىر پارچىدىن بۆلۈپ بېرىشكە بۇيرۇدى. بىر ئايال ئۇنىڭغا قوشۇلدى. بىراق، بوۋاقنىڭ ھەقىقىي ئانىسى دەرھال بالىنى يەنە بىر ئايالغا بېرىشنى ئۆتۈنۈپ يېلىندى. سۇلايمان رەھىمدىل ئايالنىڭ بالىنىڭ ھەقىقىي ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى ۋە بالىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بارچە ئىسرائىللار مۇشۇ ھۆكۈم قارارىنى ئاڭلىدى ۋە كىشىلەر، خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ سۇلايمانغا بېرىلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتى.
سۇلايماننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنىڭ بىرى، يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىش بولغان ئىدى. يېرۇسالېمدىكى بۇ ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك قورۇلۇش ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلدىغان مەركىزى جايى بولاتتى. ئىبادەتخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، سۇلايمان مۇنداق دۇئا قىلدى: «مانا ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالماس ئۇنداق بولسا مەن ياسىغان ئۆي سېنى قانداق سىغدۇرالايدۇر».—1-پادىشاھلار 8:27.
سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتى باشقا ئەللەرگە، ھەتتا، ئەرەبىستاندىكى شەبا دېگەن جايلارغىچە تارقالغان ئىدى. شەبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتى ۋە مال-دۇنياسىنى كۆرۈپ بېقىش ھەمدە ئۇنىڭ دانىشمەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردى. سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ گۈللەپ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەن ئايال پادىشاھ، شۇنداق بىر پادىشاھنى تەختكە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار يەھۋانى مەدھىيلەپ ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتقان ئىدى. ھەقىقەتەن، يەھۋانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى قەدىمقى ئىسرائىلىيە تارىخىدا، ئەڭ گۈللەپ روناق تاپقان ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولغان ئىدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى، سۇلايمان پادىشاھ داۋاملىق پەرۋەردىگار يەھۋا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتكە مۇۋاپىق ياشاشتىن ۋاز كەچتى. ئۇ، خۇدانىڭ بۇيرۇقلىرىغا پەرۋا قىلماي، نەچچە يۈزلىگەن ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالغان ئىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا غەيرى ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ خوتۇنلىرى سۇلايماننى يەھۋادىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ قەلبىنى بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا مايىل قىلدى. يەھۋا، سۇلايمانغا ئۇنىڭ پادىشاھلىقى بۆلۈنۈپ، ئۇنىڭدىن ئېلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇت پادىشاھ سەۋەبلىك، پادىشاھلىقنىڭ پەقەت قىسمەن بىر بۆلىكىلا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلاتتى. گەرچە سۇلايمان، يەھۋاغا ئىتائەتچانلىق بىلەن ئىبادەت قىلىشتىن توختىغان بولسىمۇ، يەھۋا داۋۇت بىلەن تۈزگەن پادىشاھلىق ئەھدىسىگە داۋاملىق سادىق بولغان ئىدى.
—1-پادىشاھلار 1–11-باب؛ 2-تارىخنامە 1–9-باب؛ تەكرار قانۇن 17:17-ئايەتكە ئاساسەن.